-
2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
-
يېقىندا بلوگبۇسنىڭ ئىنكاس يېزىش رايۇنىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. نەتىجىدە ئاساسەن ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغان بلوگبۇستا يېڭىدىن يەنە
用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论, 登陆为, 退出
قاتارلىق 6 دانە خەنزۇچە سۆز پەيدا بولدى. بۇلاردىن
用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论
قاتارلىق 4 سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولساممۇ، بىراق قالغان 2 سۆزگە ھازىرچە ئامال تاپالمىدىم. باشقا بلوگگىر دوستلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر تەرجىمە قىلىنغان 4 سۆزنى قوشۇپ، تەرجىمە ھۆججىتىنى قايتا ئېلان قىلدىم.
-
بۈگۈن 8-bit ناملىق ئۇسلۇپ تارقىتىلىپتۇ، ئۇسلۇپ خېلىلا چىرايلىقكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئۇسلۇپقا ئېھتىياجى بارلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
ئەسلىدىكى خەنزۇچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
-
بلوگىڭىزدىكى ئىسىل يازمىلارنىڭ «رۇخسەتسىز ھەمدە ئاپتورى ۋە مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن» ھالدا باشقا بلوگ ۋە تور بەتلەردە ئۇچۇپ يۈگىنىنى كۆرگىنىڭىزدە ئىچىڭىز پۇشتىمۇ؟ بەلكىم تازا ئاچچىقىڭىز كەلدىغۇ دەيمەن؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودىدىن پايدىلىنىپ غەمدىن خالاس بولۇڭ.
-
تۆۋەندىكى كودنى بلوگنىڭ ئۇسلۇپ تەھرىرلەش ئورنىدىكى Head ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چاپلىساق، بلوگنىڭ ئىنكاس رامكىسىغا ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولىدۇ.
-
height=120>你的文字介绍
كود ئارىسىدىكى up دىگىنى خەتنىڭ يۇقۇرىغا ھەركەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنى down غا ئۆزگەرتسەك خەت تۆۋەنگە قاراپ ھەركەتلىنىدۇ، left قا ئۆزگەرتسەك خەت سولغا، right قا ئۆزگەرتسەك خەت ئوڭغا قاراپ ھەركەتلىنىدۇ.
-
تارىم بلوگى قۇرۇلغىلى 283 كۈن 21 سائەت 2 مىنوت 46 سىكونت بولدى.
بلوگىڭىز ياكى تور بېتىڭىزدە يۇقۇرقىدەك ئۈنۈمنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى كودنى ئىشلىتىڭ.
-
مىلادىيە: 2008/ 26- نويابىر ( چارشەنبە ) || ھېجرىيە: 1429/ 27 – زۇلقەددە
بلوگىڭىزدا يۇقۇرقىدەك ئۈنۈمنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇۋېلىڭ.