ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



QQ: ھازىر تارىم بلوگى قۇرۇلغىلى
  • كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى (2) - [كـومـپيۇتېر بىـلىمـلىرى]

    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    كومپيۇتېر ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، ساقلىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ.

    بۇنىڭدا ھېسابلىغۇچ بىلەن كونتروللىغۇچ كومپيۇتېرنىڭ يادرولۇق قىسمى بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر تال ئۆزەك (芯片) كە توپلاشتۇرۇلغان. بىز ئادەتتە ئۇنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU --- Central Processing Unit) دەپ ئاتايمىز. مىكرو تىپلىق كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    ساقلىغۇچ ئۇنىڭ ماتېرىيالى، ساقلاش تېزلىكى ۋە ئىشلىتىلىشتىكى پەرقىگە ئاساسەن ئىچكى ساقلىغۇچ (ئاساسىي ساقلىغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە سىرتقى ساقلىغۇچ (قوشۇمچە ساقلىغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ دائىم كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى (CPU) بىلەن بىللە بىر توك يولى تاختىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

    كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىي ماشىنىدىن ئايرىم بولۇپ، سىرتقى ئۈسكۈنىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

    كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشىدە يۇقۇرقى بەش قىسىمنىڭ بىرى كام بولسا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئېنىق ۋەزىپە ئايرىمىسى بار بولۇپ، ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

    1. ھېسابلىغۇچ: ھېسابلىغۇچنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئارىفمېتىكىلىق لوگىكىلىق بۆلەك (Arithmetic Logic Unit) بولۇپ، ئۇ ھەرخىل ئارىفمېتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بۆلەك.

    2. كونتروللىغۇچ: كونتروللىغۇچ كوماندىنى ئانالىز قىلىدىغان ھەم ئىجرا قىلىدىغان بۆلەك بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشىنى كونترول قىلىدىغان بۆلەكتۇر.

    3. ساقلىغۇچ: ساقلىغۇچ ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچنى كورسىتىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئەستە ساقلاش بۆلىكى بولۇپ، ئىجرا قىلىنىۋاتقان پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلايدۇ. ساقلاش سىغىمى ساقلىغۇچنىڭ ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ساقلاش سىغىمى قانچە چوڭ بولسا ساقلىغىلى بولىدىغان ئۇچۇرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە ساقلاش سىغىمىنىڭ بىرلىكى بايت (byte) بولۇپ، 1024 بايت 1 كىلوبايت (1Kb)، 1024 كىلوبايت 1 مېگابايت (1Mb)، 1024 مېگابايت 1 گىگابايت (1Gb) بولىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ يەنە ROM (Read Only Memory ئوقۇشقىلا بولىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ) ۋە RAM (Random Access Memory ئوقۇش- يېزىشقا بولىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ROM دىكى ئۇچۇرنى ئوقۇغىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. RAM دىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇغىلى ھەم قايتىدىن يازغىلى بولىدۇ، بىراق توك ئۈزۈلۈش بىلەنلا ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان بارلىق ئۇچۇرلار يوقىلىدۇ. شۇڭلاشقا كومپيۇتېرغا ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەت ئۇچۇر ساقلىغىلى بولىدىغان سىرتقى ساقلىغۇچ سەپلىنىدۇ. RAM نىڭ سىغىمچانلىقى چوڭراق بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن، ئىچكى ساقلىغۇچ دىگەندە كۆپىنچە RAM كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

    4. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى: كىرگۈزۈش ئۈسكۇنىسى كومپيۇتېرنىڭ سىرتقى دۇنيادىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىدىغان  «دەرۋازا» سىدۇر. ئەڭ ئاساسلىق كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ئىشلىتىلىدىغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن يەنە مائۇس، نۇر قەلىمى، سىكاننېر قاتارلىقلار بار.

    5. چىقىرىش ئۈسكۈنىسى: مىكرو تىپلىق كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق چىقىرىش ئۈسكۈنىسى ـــــ كۆرسەتكۈچ (显示器 ئېكران) دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ئىشلىتىلىدىغان چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن يەنە پرىنتېر (打印机 خەت بېسىش ماشىنىسى)، ئاۋاز ساندۇقى (音箱) قاتارلىقلار بار.


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.