ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئاتاغلىق ئالىم لېيبنىس - [ماتېماتىكا تارىخى]

    لېيبنىس 1646-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لېيپسېگدا تۇغۇلۇپ، 1716-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھاننوۋېردا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ دىففېرېنسىئال- ئىنتېگرالنىڭ يەنە بىر ئاساسچىسى. لېيبنىس پەلسەپە، تارىخ، تىلشۇناسلىق، بىئولوگىيە، گېئولوگىيە، مېخانىزاتسىيە، فىزىكا، ماتېماتىكا، ئىلاھىيەت ئىلمى، قانۇن، دىپلوماتىيە ۋە «ئىجاتكارلىق سەنئىتى» قاتارلىقلاردا مول بىلىمگە ئىگە ئىدى.

    لېيبنىس 1661-يىلى 15 يېشىدا لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ ئاساسلىقى قانۇن ئۆگىنىش بىلەن بىللە باشقا ھەرقايسى پەنلەرنى تىرىشچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ............

  • بۈگۈن چۈشتە كومپيۇتېرنى ئېچىپلا بلوگىمغا بىر قاراپ باقاي دەپ تورنى ئاچسام، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزۈم چۈشكىنى بلوگدىكى «تەۋسىيە» دىگەن خەتنىڭ ئورنىدا « 分享 » دىگەن خەتنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى بولدى. بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ ئويلاپ باشقا ئۇيغۇرچە بلوگلارغا قاراپ باقسام ئۇلارنىڭمۇ «تەۋسىيە» دىگەن يېرى « 分享 » غا ئۆزگىرىپ قاپتۇ.

  • بلوگىمنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبىنى تارقاتتىم. بۇ ئۇسلۇپقا بلوگىمنىڭ نامىنى قويدۇم،  يەنى «تارىم بلوگ ئۇسلۇبى».   ياقتۇرغانلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

  • تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇق 1-قىسىم، 2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم ۋە 5-قىسىملىرىنىڭ كونسىپىكلىرىنى يوللاپ  قويدۇم. لازىم بولغانلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار. كونسىپىك سائەتلەر بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: كونسىپىك پۈتۈنلەي خەنزۇچە تۈزۈلگەن.

    تولۇقلىما: دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىنىڭ ھازىر تولۇق 2-، 3-يىللىقلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان كونا دەرسلىكىنىڭ كونسىپىكىنىمۇ يوللاپ قويدۇم.

  • ياڭ خۇي ئۈچبۇلۇڭىنىڭ ئالدىنقى 50 قۇرى - [ماتېماتىكا]

    第 1 行:   1
    第 2 行:   1 1
    第 3 行:   1 2 1
    第 4 行:   1 3 3 1
    第 5 行: 1 4 6 4 1
    第 6 行: 1 5 10 10 5 1
    第 7 行: 1 6 15 20 15 6 1
    第 8 行:   1 7 21 35 35 21 7 1
    第 ...

  • مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.

  • ئانا تىلىم - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
    ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،

  • 《ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )》的转发 - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    此篇文章为《ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )》的转发,原文章地址为:http://www.blogbus.com/tarim68-logs/30475884.html

    原文摘要:
    يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، بەزى تورداشلار ماڭا قايسى بلوگنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بىرقەدەر داڭلىق ، چوڭ بلوگ ئىكەنلىكىنى، قاي...
    خەتكۈچ:
  • ئۇيغۇر تىلى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
     مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .

  • « 1982 » ناملىق ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    « 1982 » ناملىق ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتىم . ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈۋېلىپ ئىشلىتىڭلار.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:
  • بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇسلۇپ نامى «ئالتۇن كۈز». ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈۋېلىپ ئىشلىتىڭلار.

     

  • گۈزەل كېچە ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    يېرىم يىلدىن بۇيان ئارامگاھ بلوگىنى ئەگىپ يۈرۈپ، بلوگ ھەققىدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. ئۆگەنگەنلىرىمنى سىناپ باقاي دەپ بۈگۈن يېرىم كۈن جېدەللىشىپ يۈرۈپ، BlogBus تارقاتقان 愈夜愈美丽 دىگەن ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم. بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى خەنزۇچە ئىسمىنىڭ مەنىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ «گۈزەل كېچە» دەپ ئاتىدىم.

  • تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ 自定义HTML دىگەن يېرىگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ.

  • BlogBus تىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تىزىملىكلەر ئۇيغۇرچىلاشقان بولسىمۇ، بىراق «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنىڭ ئاستىدىكى 进入后台 ، 写新日志  ، 文章管理  ، 评论管理  ، 更换模板  ، 访问统计 قاتارلىقلار تېخىچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى. شۇنداق بولغاچقا كۆپ قىسىم بلوگگىرلار ۋاقتىنچە بۇ تۈرنى يۇشۇرۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. مەن «ئات تاپقىچە ئىشەك مىن» دىگەن تەمسىل بويىچە، «باشقۇرۇش» تىزىملىكى ئۇيغۇرچىلىشىشتىن بۇرۇن، ئەسلىدىكى «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق بلوگ ئارقا سەھنىسىنى باشقۇرۇش مەقسىدىگە يەتتىم.
  • چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھەمراھ قىسقارتىشى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن يەنە قۇرۇق قول قايتتى،ئۇ جاڭگالنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئوۋلايدىغان جانىۋارلارنىڭ كۈنسايىن ئازىيىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى.ھاياتتىكى تىرىكچىلىك غېمى ئۇنى ساراسىمگە سالدى.يېنىدىكى ئالتە جانغا ئوزۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.
    ئۇجاڭگالدىن شەھەرگە،ھېچبولمىغاندا ئوزۇقلۇق زاپىسى مول  جايغا كۆچۈپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى.لېكىن ئۇ كىچىكىدىنلا ئەركىن يايراپ ئۆسكەن بۇ جاڭگالنى تاشلاپ كېتىشكە زادى قىيمىدى.خۇددى باشقا جايغا بارسا كۆنەلمەيدىغاندەك،ئۆزىنى تېخىمۇ بىچارە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
    ئۇ ئۇزاق ئويلاندى.