ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئەيلېر، ئابېل، بېرنوللى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ئەيلېر [欧拉 Leonhard Euler 1703-1783 ] شۋېتسارىيە ماتېماتىكى. ۋارىئاتسىيىگە ئاساس سالغۇچى، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسىنىڭ پىشىۋاسى، نەزەرىيىۋى گىدرومېخانىكىنىڭ ئىجاتچىسى. ئەيلېر بېرنۇللىلار ئائىلىسىدە بىلىم ئالغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، ئۇنىڭ نامى ئاتالمايدىغان ماتېماتىكىنىڭ بىرەرمۇ ساھەسى يوق. مەسىلەن، ئېلېمېنتار گېئومېترىيىدىكى ئەيلېر سىزىقى، كۆپ ياقلىقلاردىكى ئەيلېر تېئورېمىسى، بوشلۇقتىكى ئانالىتىك گېئومېترىيىدىكى ئەيلېر ئالماشتۇرۇش فورمۇلىسى، تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئەيلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ سانلار نەزەرىيىسىدىكى ............

  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق (3) - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2. رەقەم ۋە ئۇنىڭ يېزىلىشى

     رەقەمنىڭ قايسى ۋاقىتتا كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ھىچ كىم بىلمەيدۇ. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى: ئالدى بىلەن سان ئاتالغۇلىرى پەيدا بولۇپ، ئاندىن رەقەم كەشىپ قىلىنغان، كىشىلەر بەزى بەلگىلەر ئارقىلىق تىلنى ئىپادىلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغان چاغدىلا ئاندىن رەقەم پەيدا بولغان. بۇندىن تەخمىنەن 5 مىڭ يىللار ئىلگىرى، ھازىرقى «ئىراق» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە، بىرى ئېفرات دەرياسى، يەنە بىرى دەجلە (تىگېر) دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دەريا بار ئىدى. بۇ ئىككى دەريانىڭ دېڭىزغا قويۇلىدىغان يېرىدە سۇمېرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي ماكان بار ئىدى. سۇمېرلار ئالدى بىلەن رەقەملەرنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى مىللەتلەر، مەسىلەن، جۇڭگولۇقلار، مىسىرلىقلارمۇ رەقەم يېزىشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تاپقان. بۇ ئۇسۇللار كېيىنچە پەيدىن- پەي پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.
  • تۆۋەندىكى كودنى 自定义HTML نىڭ ئىچىگە قويسىڭىز، مېنىڭ بلوگىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. قېنى سىناپ بېقىڭ.

    elan qekip koyung

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • بلوگدا ھازىرقى زىيارەت سانىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگىڭىزنى ھازىر نەچچە ئادەمنىڭ كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟ بلوگىڭىزدا «كۆرىۋاتقانلار: xxx نەپەر» دىگەن ئۇچۇرنىڭ چىقىپ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلامسىز؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى تېمىنى ئوقۇپ بېقىڭ.

    خەتكۈچ:
  • دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن بىلىك، ئىنتىل، شەبنەم، دىيارىم، ئىزدىنىش قاتارلىق 5 تور بېكەتتىكى يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىش كودى تەمىنلەندى. بۇلارنى 自定义HTML نىڭ ئىچىگە قويساق بولىدۇ.

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • يىللارغا جاۋاب - [ھېكايە-شېئىرلار]

     ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ،

    يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.

    ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ ،

    يورغا يىللار ئومۇرنىڭ يامان ئوغرىسى.

    ......................

    خەتكۈچ:شېئىر
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق(2) - [ماتېماتىكا تارىخى]

    لېكىن سانى ئوندىن ئېشىپ كېتىدىغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. سىز يەردىكى يا ئوقلىرىنى بىر تەرەپتىن ئېلىپ، بىر تەرەپتىن سانىسىڭىز ئونغا كەلگەندە نەچچە تال ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمدى قانداق قىلىسىز؟ ئەگەر يەنە داۋاملىق يېڭى سانلارنى تۈزۈۋەرسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. بىراق بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئوندىن ئىبارەت بۇ ئوخشاش بولمىغان رەقەملەرنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى ئاسان.

  • ماتېماتىكىلىق ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى (2) - [ماتېماتىكا]

    بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، يۇقۇرقى ئىككى شەرتتىن بىرسى كام بولسا بولمايدۇ. ئەگەر شەرتلا بولۇپ، شەرت بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ تولۇق بولمىغان ئىندۇكسىيە ئۇسۇلىغا تەۋە بولۇپ قالىدۇ. ئەكسىچە شەرتلا بولۇپ، شەرت بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل ئىسپات توغرا بولمايدۇ. ھىچ بولمىغاندا بۇ خىل ئىسپاتنى تولۇق ئەمەس دەيمىز.

  • ماتېماتىكىلىق ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى(1) - [ماتېماتىكا]

    ماتېماتىكىلىق ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالگېبرا دەرسلىكىدە خىلىلا مۇھىم ئورۇن توتىدۇ. ئۇ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلاشنىڭ مۇھىم بىر قورالىدۇر. بۇ ئۇسۇل ئاددىدىن مۇرەككەپلىككە، چەكلىكلىكتىن چەكسىزلىككە ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىۋالساق، ئالىي ماتېماتىكىنى تىخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىمىزگە چوڭ ياردىمى بولىدۇ. شۇنداقلا ماتېماتىكىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىشىمىزگە پايدىسى بار.

  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق(1) - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى كىشىلەر دائىم «بۇ قانچە» دىگەندەك سۇئاللارنى سورىشاتتى. بۇ تۇرمۇشتا رەقەمنىڭ (ساننىڭ) ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

    سىز بەلكىم قويلىرىڭىزنىڭ يوقالغان- يوقالمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ساناپ باقماقچى بولغانسىز ياكى مەلۇم بىر ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن قانچە كۈن ئۆتكەنلىكىنى ھېسابلاپ باقماقچى بولغانسىز ۋە ياكى سىز تۇرىۋاتقان يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ نەچچىلىكىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولغانسىز.

  • بۇ ئاۋاز چىقىشى بىلەن 39- سەكرەپ كىرىپ كەلدى. كەسىر چېكىتى «ۋىژ.....» ژىدە قىلىپ 3 بىلەن 9 نىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىۋىدى، 39- نىڭ گەۋدىسى دەرھال يۇقۇرىغا قاراپ بىرمۇنچە ئۇزىراپ 3.9- غا ئايلىنىپ قالدى.

    ـــــ مەن 39- نى 3.9- غا ئۆزگەرتتىم. مەنپى سانلارنىڭ مۇتلەق قىممىتى قانچىلىك كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، مەن بىر ساننى چوڭايتىۋەتمىدىممۇ؟ مەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، مەنپى پۈتۈن سانلارنى.........

  • تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە پۈتۈن سان پادىشاھلىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ پادىشاھلىقتا پادىشاھ، باش مىنىستىر، ۋە باش قوماندانلار بار ئىدى. ئۇنىڭ پادىشاھى سېمىزرەك 0 سانى، باش مىنىستىرى پاكار بويلۇق 1- ، قوماندانى ئورۇق  ئىگىز بويلۇق 1 ئىدى.

    بۈگۈن يېڭى يىل، شۇنداقلا نۆل پادىشاھنىڭ 1981 ياشقا كىرگەن كۈنى ئىدى.

    0 پادىشاھ قاچان تۇغۇلغان بولغىيدى؟ ئۇ مىلادىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 0 مىنۇت 0 سېكۇنت ئۆتكەندە تۇغۇلغان. توي ئۈستىگە توي بولۇپ مەمۇرى ۋە ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ............

  • جاڭ چيۇجيەن ھېساب دەستۇرى 张丘建算经 - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ھېساب دەستۇرىغا ئائىت 10 كىتابنىڭ بىرى. بۇ كىتاب جەمئىي 3 توم بولۇپ، ئۇنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان جاڭ چيۇجيەن يازغان. ھازىرغىچە ساقلانغان نۇسقىسى جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ياغاچ ئويمىدىن بېسىلغان. 2-تومنىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە بېتى، 3-تومنىڭ باشتىكى 2 بېتى يوق. ھازىر 92 مەسىلە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى............

  • تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇلى 缀术 - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ھېسابلاش دەستۇرىغا ئائىت 10 كىتابنىڭ بىرى. بۇ كىتابنى جەنۇبىي سۇلالە ۋە شىمالىي سۇلالە دەۋرلىرىدىكى زۇ چوڭجى (祖冲之)، زۇ شۈەن (祖暅) ئاتا- بالا ئىككىيلەن يازغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسقىسى يوقاپ كەتكەن. شىمالىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۈەنفېڭنىڭ 7-يىلى (1084-يىلى) ھەرقايسى ھېسابلاش دەستۇرلىرىنى..........

  • ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە رەسىم شەكلىدە يوللاندى. (جەمئىي 3 پارچە رەسىم).

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا