ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • توشقان - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (چەتئەلنىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    توشقان تۇغۇلۇپ 2 ئايدىن كېيىنلا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

    بىر جۈپ توشقان ھەر ئايدا بىر جۈپتىن توشقان تۇغىدۇ. تۇغۇلغان ھەر بىر جۈپ توشقان 2 ئايدىن كېيىن،  يەنە ھەر ئايدا بىر جۈپتىن توشقان تۇغىدۇ دىسەك، ئۇ ھالدا بىر جۈپ توشقان بىر يىلدا كۆپىيىپ جەمئىي قانچە جۈپ بولىدۇ؟

  • باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ 80 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:

    http://www.brsbox.com/filebox/down/fc/ea6f16f68950b0c11c555b4370e2fae9

    كېيىنكى قېتىم باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىقنىڭ ماتېماتىكا پرويىكسىيە ئارگىناللىرى يوللىنىدۇ. شۇڭا كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى داۋاملىق بلوگىمىزدا بولغاي.

    ئەسكەرتىش: پرويىكسىيە ئارگىنالىنىڭ ئىلگىرى يوللانغان قىسمىنى ئالدىنقى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.

  • http://www.qupan.com ھەققىدە يېڭى بايقاش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان www.qupan.com دىكى بوشلۇقىمىزغا يوللىغان ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ياخشى نىيەت بىلەن تەمىنلەپ بەرسەك، ھە دىگەندە بەزىلەر خاتا مەشغۇلات قىلىپ، ماتېرىياللارنى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپ بىزگە جىق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەن ئىدى. جۇملىدىن مېنىڭمۇ  http://tarimblogi.qupan.com غا يوللىغان ماتېرىياللىرىم تولا قۇلۇپلىنىپ قېلىپ، مەن زىرىكمەي يەنە يوللاپ تۇرسام يەنە قۇلۇپلىنىپ قېلىپ بەك جىلە بولغان ئىدىم.

  • يانچۇقتىكى قۇلۇلە قېپى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    پەرھات دېڭىز بويىدىن 2 يانچۇق قۇلۇلە قېپى تىرىپ كەلدى. ئۇ، بۇ قۇلۇلە قېپىنى سانىۋىدى، سول يانچۇقىدىكى قۇلۇلە قېپىنىڭ سانى جۈپ، ئوڭ يانچۇقىدىكىنىڭ تاق بولۇپ چىقتى.

    ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئاكىسىغا:

    ـــــ ئاكا، يانچۇقۇمدىكى قۇلۇلە قېپى سانىنىڭ قايسىسى جۈپ سان، قايسىسى تاق سان ئىكەنلىكىنى تېپىپ باققىنا، ـــــ دىدى.

    ـــــ سول يانچۇقۇڭدىكى قۇلۇلە قېپىنىڭ سانىنى 2 گە، ئوڭ يانچۇقۇڭدىكىنى 3 كە كۆپەيتىپ، بۇ ئىككى سان يىغىندىسىنىڭ جۈپ ياكى تاق سان ئىكەنلىكىنى دەپ بەرسەڭ، ئاندىن تاپالايمەن، ــــ دىدى ئاكىسى.

  • ئالدىنقى تېمىدا باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ Power Pont تا ياسالغان 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى تەمىنلىگەن ئىدىم. بۈگۈن يەنە 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى كەڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەغدىم قىلىمەن. بۇنىڭ 67 سى Power Pont تا، 33 ى Flash تا ياسالغان.

  • باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پرويىكسىيە ئارىگىنالى ياساش ۋە كونسىپىك يېزىش ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان توردىن يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر قىسىم پرويىكسىيە ئارىگىنالى (كېجيەن) ۋە كونسىپىك (جياۋئەن) لارنى بۈگۈندىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ بلوگىمغا يوللايمەن. باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللققىچە بولغان ھەر بىر يىللىقنىڭ ماتېرىياللىرى ئايرىم بىر تېما قىلىنىپ، بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى ھەر ۋاقىت بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىدە بولغاي. ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس بېرىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ.

  • تاق سانمۇ ياكى جۈپ سانمۇ؟ - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (1) ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن 99 دانە تەبىئي ساننىڭ يىغىندىسى جۈپ سان بولامدۇ ياكى تاق سان بولامدۇ؟

    (2) ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن 99 دانە تاق ساننىڭ يىغىندىسى جۈپ سان بولامدۇ ياكى ياق سان بولامدۇ؟

    (3) ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن 99 دانە جۈپ ساننىڭ يىغىندىسى جۈپ سان بولامدۇ ياكى تاق سان بولامدۇ؟

  • بىرلەر خانىدىكى رەقەم - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    تۆۋەندىكى سانلارنىڭ بىرلەر خانىسىدىكى رەقىمى قانچە؟

  • تارىم بلوگى دۇنيا خەۋەرلىرىدە - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    تارىم بلوگى دۇنيا خەۋەرلىرىدە تونۇشتۇرۇلدى.

    خەتكۈچ:
  • گائۇس - [ماتېماتىكا تارىخى]

    گائۇس 1777-يىلىدىن 1855-يىلىغىچە ياشىغان گېرمانىيە ماتېماتىكى، فىزىكى، ئاسترونومى. گائۇس خېلى بۇرۇنلا سانلار نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى «ئارىفمېتىكا» دىگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھىپېرگىئومېترىك قاتارلار، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى، ستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا، ئېللىپىسلىق فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى جەھەتلەردە تۆھپىلىرى بار. گائۇسنىڭ «سىرتلار ئۈستىدىكى ئومۇمىي تەتقىقات» دىگەن ئەسىرى يېقىنقى زامان دىففېرېنسىئال گېئومېترىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان.

  • 8-bit ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    بۈگۈن 8-bit ناملىق ئۇسلۇپ تارقىتىلىپتۇ، ئۇسلۇپ خېلىلا چىرايلىقكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئۇسلۇپقا ئېھتىياجى بارلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.

     

    ئەسلىدىكى خەنزۇچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى

     

    ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى

     

  • «1» نىڭ سانى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    1 دىن 1000 غىچە بولغان بۇ مىڭ دانە تەبىئي ساننىڭ ئىچىدە «1» رەقىمىدىن جەمئىي قانچىسى بارلىقىنى يازماستىنلا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

  • سانى نامەلۇم بولغان نەرسە - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ماتېماتىكا كىتابى «سۇن زىنىڭ ھىساب دەستۇرى» دا تەبىئي سانغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر مەسىلە بار:

    سانى نامەلۇم بولغان شۇنداق بىر خىل نەرسە باركى، ئۇنى ئۈچ- ئۈچتىن سانىغاندا 2 سى ئېشىپ قالىدۇ، بەش- بەشتىن سانىغاندا 3 ى ئېشىپ قالىدۇ، يەتتە- يەتتىدىن سانىغاندا 2 سى ئېشىپ قالىدۇ. بۇ نەرسىنىڭ سانى قانچە؟

  • دىئوفانت - [ماتېماتىكا تارىخى]

    دىئوفانت

    Diophantus  丢番图  246————300

    دىئوفانت گرېك ماتېماتىكى. ئۇ ئالگېبرا ئىلمىنىڭ پىرى دەپ نام ئالغان. ھاياتىدىن ھىچقانداق خاتىرە قالمىغان. پەقەت مىلادى 4-ئەسىردىكى گرېتسىيە شېئىرلىرى توپلىمىدىكى مۇنداق بىر كۇبلىت شېئىردا (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە قەبرە تېشىدا) ئۇنىڭ ھاياتى تېپىشماق شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن: «دىئوفانتنىڭ ئۆمرىنىڭ

  • «ئەپەندى» بولماق① - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئاپتورى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ

     

    __ بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،

    بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.

    شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم،

    كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،

    لېكىن «ئەپەندى» دىگۈچىلەرنى ھىچ كۆرمىدىم، ئۇكام،

    بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دىمەسكە يەنە نىمەم كام؟