-
يانچۇقتىكى قۇلۇلە قېپى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]
پەرھات دېڭىز بويىدىن 2 يانچۇق قۇلۇلە قېپى تىرىپ كەلدى. ئۇ، بۇ قۇلۇلە قېپىنى سانىۋىدى، سول يانچۇقىدىكى قۇلۇلە قېپىنىڭ سانى جۈپ، ئوڭ يانچۇقىدىكىنىڭ تاق بولۇپ چىقتى.
ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئاكىسىغا:
ـــــ ئاكا، يانچۇقۇمدىكى قۇلۇلە قېپى سانىنىڭ قايسىسى جۈپ سان، قايسىسى تاق سان ئىكەنلىكىنى تېپىپ باققىنا، ـــــ دىدى.
ـــــ سول يانچۇقۇڭدىكى قۇلۇلە قېپىنىڭ سانىنى 2 گە، ئوڭ يانچۇقۇڭدىكىنى 3 كە كۆپەيتىپ، بۇ ئىككى سان يىغىندىسىنىڭ جۈپ ياكى تاق سان ئىكەنلىكىنى دەپ بەرسەڭ، ئاندىن تاپالايمەن، ــــ دىدى ئاكىسى.
ـــــ تاق سان، ـــــ دىدى پەرھات ھىسابلاپ.
ـــــ سول يانچۇقۇڭدىكى قۇلۇلە قېپىنىڭ سانى جۈپ، ئوڭ يانچۇقۇڭدىكىسىنىڭ بولسا تاق، ــــ دىدى ئاكىسى كۈلۈپ.
پەرھات ھەيران قالدى ۋە بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىۋالدى.
پەرھاتنىڭ ئاكىسى بۇنى قانداق تېپىۋالغاندۇ؟
随机文章:
تاق سانمۇ ياكى جۈپ سانمۇ؟ 2009-03-20ئىشىك ۋە بامبۇك بادرا 2008-12-22ئوغۇللار ۋە قىزلار 2008-12-21نان پىشۇرۇش ۋاقتى 2008-12-20سەۋەب ۋە نەتىجە 2008-12-19
收藏到:Del.icio.us
评论
ھەرقانداق تاق سانغا 3نى كۆپەيتسەك تاق سان چىقىدۇ.
جۈپ سان بىلەن تاق ساننى قوشقاندا ئەلۋەتتە تاق سان بولىدۇ.
چىققان جاۋاپ تاق سان بولغانلىقى ئۈچۈن، 3كە كۆپەيتكەن ساننىڭ يەنى ئوڭ يانچۇقتىكى قۇلۇلە قېپى سانىنىڭ جۈپ بولىشى مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم تاق سان بولىشى كېرەك. توغرىمۇ تارىم ئەپەندىم؟