ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى

سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگۈسى باھا: 12

ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى

ھازىر ھەر قانداق ئۇيغۇرچە خەتلىك خەرىتىلەرنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەس ئىش بولۇپ قالدى، مەلۇم ماقالە ياكى لازىملىق بىرەر نەرسە تەرجىمە قىلىۋېتىپ ئۆزىمىزگە تۇنۇشلۇق بولمىغان بىرەر دۆلەت ئىسمىنى ۋە ياكى رايۇنىمىزدىكى بىرەر جاينىڭ ئىسمىنى يازماقچى بولساقمۇ ئالدى ئۇ دۆلەتنىڭ ياكى رايۇننىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى لوغەت ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇلۇققان، ھەتتا خەنزۇچە ئىسمىغا قارىغاندا ئېنگىلىزچە ئىسمى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېنگىلىزچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرەتتىم، يېقىندا تورداش 1024نىڭ ماڭا ئۇيغۇرچە دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ خەرىتىسىنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن بۇ كىچىككىنە غەمدىنمۇ خالاس بولدىم، بۇ خىل خەرىتىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى خەرىتە يۈزىدىكى بارلىق جايلارنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە يېزىلغان بولۇپ، خەرىتىنى خالىغانچە ئوڭ سولغا ۋە ئۈستى ئاستىغا ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. شۈڭلاشقا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ دېتالنى تور يۈزىگە يوللاپ قويدۇم، لازىم بولغانلار چۈشۈرىۋېلىڭلار

دىتالنىڭ بىر قانچە خىل كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرى

View Raw Image" href=""> 

View Raw Image" href="">

چۈشۈرۈش مەنزىلى

دۇنيا خەرىتىسى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

شىنجاڭ خەرىتىسى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

2011.03.3 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

12 تورداش باھا بەردى، سىزچۇ؟

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.03.4
04:55
1-قەۋەت: «8كوچا» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەرىتىنى تاپالماي يۈرەتتىم .
بەك ياخشى بولدى ، شاھ ئەپەندىم يېقىننىڭ ياقى پايدىلىق ئىشلارنى
بەك كۆپ قىلىۋاتىسىلە جۇمۇ !!! ئەجرىڭلار يەردە قالمىغاي.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.4
04:59
2-قەۋەت: «تۇيغۇن» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەنمۇ مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەرىتىنى ئىزدەۋەتاتتىم رەھمەت سىزگە
شىنجاڭ نىڭ خەرىتىسىنى چۈشۈرەلمىدىم غۇ . .

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ياخشىمۇسىز، مەنمۇ سىناپ كۆردۈم، نورمال چۈشتىغۇ بولمىسا…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.4
08:28
3-قەۋەت: «قازانچى» مۇنداق دېدى:

بۇ سىزنىڭ ئەڭ ياخشى يازمىڭىزنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بىرىنجى يازما بولدى، مۇشۇنداق نەرسە كەمتى ئەزەلدىن بىزدە، رەھمەت سىزگە، چۈشۈرۋالدىم.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.4
10:56
4-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

رەخمەت جاپا تارتىپسىز ،مەنمۇ چۇشۇرۋالاي

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.4
13:22
5-قەۋەت: «نەسري» مۇنداق دېدى:

كۆپ رەھمەت ، مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم. :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.4
14:59
6-قەۋەت: «ئاقلاچىن» مۇنداق دېدى:
2011.03.6
16:40
7-قەۋەت: «كۆرەش» مۇنداق دېدى:

كىنو كۆرەي دەپ كەلگەن ئەسلى ئەمدى ماۋۇنىمۇ كۆرۈپ باقماي بولمىدى.
رەھمەت بۇرادەر.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.10
20:30
8-قەۋەت: «1024~سەلتەنەت» مۇنداق دېدى:

بۇ خەرىتە دىتالى سىزلەرگە يارىغان بولسا بۇندىن كىيىن تېخمۇ ياخشى دىتاللار بىلەن تەمىنلەشكە تىرشىمەن … شاھ مەردان جاننىڭ بىر توردىشىنىڭ ئىسمى 1024~سەلتەنەت ئىدى ئەپسۇس ! :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئۆزگەرتىپ قويدۇم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
15:12
9-قەۋەت: «ئەگيار» مۇنداق دېدى:

بولسا خەرتىنى ج پ گ ھالىتىدە يوللاپ قويسڭىز تىلفۇنغا چۇشۇرۋالساق

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.13
05:07
10-قەۋەت: «تۇرسۇنجان» مۇنداق دېدى:

بۇ خەرىتىلەرنى چۈشۈرۈۋالدىم ، تاپالماي يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان ، رەخمەت سىزگە ! :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.