بوۋاي ۋە دېڭىزنى(The Old Man and the Sea)ھېمىڭۋاي 1951-يىلى كۇبادا يېزىپ چىققان، 1952-يىلى نەشىر قىلىنغان، بۇ ئەسەر ھىمىڭۋاينىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ 1954-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر كارتوننى رۇسىيەلىك رەسسام ئالېكساندىر ھېمىڭۋاينىڭ بۇ ھېكايىسىنى ئاساس قىلىپ ماي بۇياق رەسىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر بىرلەپ سىزىپ چىقىپ كىرىشتۈرگەن، كارتون پۈتۈنلەي ماي بۇياق رەسىملەرنىڭ ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەچكە گەرچە سۈزۈكلۈكى ئانچە بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمىسىمۇ ئەمما ئالېكساندىرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەسەر كىشىگە يەنىلا ئاجايىپ ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ، پەقەتلا بىر ماڭا ياقمىغان يېرى بۇ كارتوندا ئەسلى ئەسەرنى ئادەتتىن تاشقىرى يىغىنچاقلىۋەتكەن، قېنى سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ…
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
فىلىمدە ئاساسلىق بىر كونا سېھرىگەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ ئىزچىل سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە جاز مۇزىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنىڭ سېھرىگەرلىكتىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىمىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېھرىگەر قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىدا ئۇيۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلايدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئەلىس ئىسىملىك بىر قىز بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ…. ئۇنداقتا سېھرىگەر يەنە قانداق ئۇسسۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ؟ مەزكۈر كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ گەرچە دىئالوگ ئانچە كۆپ بولمىسمۇ ئەمما خېلى تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
PIXAR شىركىتى ھازىرقى كارتون فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە دىسنىيدىن قالسىلا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىن ئىبارەت، بۇ شىركەت 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ تاكى ھازىرغىچە كەڭ تاناشىبىنلارغا نۇرغۇنلىغان قىززىقارلىق شۇنداقلا مەنىلىك كارتون فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ كەلدى، كەڭ دوستلار كۆرىۋاتقان «ئۇيۇنچۇق كۇلۇبى» «ئېۋا»، «مۇسابىقە ماشىنىسى كۇلۇبى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر كارتونلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كارتون شىركىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان قىسقا كارتونلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، تۆۋەندە PIXAR شىركىتىنىڭ بىر قانچە نادىر كارتون فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كەلگۈسىدىكى ياپونىيەدە ماشىنا ئادەملەر ئاللىقاچان ئىنسانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنىدى، گەرچە ئۇلار تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە بولۇپ ئائىلىدە ھەر خىل ئەمگەكلەرگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئادەم بولسىمۇ ئەمما تاشقى قىياپىتىدە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئىدى، فىلىمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ دەسلەپتە ئۆيىدىكى ماشىنا ئادەمنى پەقەتلا ئادەتتىكى ئائىلە بۇيۇمى ئورنىدا كۆرەتتى، كېيىن تۇيۇقسىز ماشىنا ئادەمدە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئەھۋاللار شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمگە بولغان پۇزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، فىلىم تەرجىمىسىنى Spx_Faruk ئىشلىگەن بولۇپ ياپون كارتۇنلىرىغا قىززىققۇچى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن فىلىم جەمئىي 10 قىسىم بولۇپ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى ئالدىن يوللىنىپ تۇرىدۇ
فىلىم ئىسمى : EVA نىڭ ۋاقتى
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
مەزكۈر كارتون فىلىم ئەنگىلىيە كارتون شىركىتى Aardman نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى بولۇپ، تىپىك ئەنگىلىيە كىشىلىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئالغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي كارتونلىرىنىڭ بىرى، « ۋاللاس ۋە گرومىت » نىڭ بىرىنچى قىسمى A Grand Day Out ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەم شۇنداقلا ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئارقىدىنلا ئىككىنچى قىسمى The Wrong Trousers ۋە A Close Shave دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئېلان قىلىنىپ ئايرىم ئايرىم شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر قىسىمدا ۋاللاس ۋە ئۇنىڭ ئىتى گرومىت يېڭى بىر بولكىخانا ئاچىدۇ، تىجارىتى تازا روناق تېپىۋاتقان پەيتتە ساھىبجامال قاتىلغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئاخىرىدا….. ئەڭ ياخشىسى كارتوننىلا كۆرۈڭ، تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ كارتونمۇ قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئەلۋىن، سايمىن ۋە سىدۋۇر ئورمانلىقتىكى بىر كىچىك قارىغاي دەرىخىدە ياشاۋاتقان ئالاھىدە تىيىنچاقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار خۇددى ئىنسانلاردەكلا گەپ قىلالايدۇ ھەم ناخشا ئېيتالايدۇ، بىر كۈنى روژدېستىۋۇ بايرىمىغا يېقىن ئۇلار تۇيۇقسىز دەۋى ئىسىملىك بىر تۇنۇلمىغان مۇزىكانت بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، دەۋى ئۇلارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئۆزى يازغان ناخشىنى ئېيتقۇزىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر قانچە تىيىنچاقلار بىردىنلا تۇنۇلۇپ چولپانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇندىن كېيىنكى يوللار ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدۇ، خوش ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداق ئىشلارغا يولۇقىدۇ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
گرۇ مەخسۇس كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ نام قازىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بىر قېتىم ئۇ كۆكتىكى ئاينى ئوغۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر رەقىبى ئۇ پىلانلاپ ئوغۇرلاپ چىققان كىچىكلىتىش قۇرالىنى ئۇنىڭدىن ئوغۇرلىۋالىدۇ، كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانىدا گرۇ رەقىبىنىڭ يېنىغا خالىغانچە كىرىپ چىقالايدىغان ئۈچ كىچىك بالىنى ۋاقىتلىق بېقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەم سۇ ئارقىلىق كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ ياخشى بىر دادىغا ئايلانغانلىقىغا قىزىقامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز يېڭى تەرجىمە خەتلىك فىلىمىمىز «رەزىل مەن» دە بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئارمانىم
بۇ قىسىم كارتون فىلىمنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئۇپۇق سىزىقىدىكى سۇيقەست، مەزكۈر كارتون فىلىم ياپونىيەدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ بۇ پەقەتلا ئۇنىڭ بىر قىسمى، كارتون فىلىمنىڭ بۇ قىسمىنى تورداش بۇغرا ئەنۋەر ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان بولۇپ بەلكىم قىسمەن تورداشلار قىلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن، كۆرمىگەن ياكى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان تورداشلار تۇلۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ
تەرجىمە قىلغۇچى : بۇغرا ئەنۋەر
خاگارى بىلەن تاگاكى ساۋاقداش بولۇپ ھەر ئىككىلىسى باشقا شەھەردىن توكيوغا ئوقۇشقا كەلگەن ھەر ئىككىسى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدى، خاگارى دائىم تاگاكى بىلەن بىرگە بولۇشنىلا ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خاگارى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توكيودىن كۆچۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككىسى پەقەت خەت ئالاقە ئۇسۇلى بىلەنلا ئالاقىلىشىپ كېلىدۇ، يىللارنڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارمۇ ئاستا ئاستا چوڭ بولىدۇ تاگاكى چوقۇم خاگارى بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاخىرى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچرىشالامدۇ؟
مەزكۈر كارتون فىلىم ئاساسلىق ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مۇھەببەت ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىم تەرجىمىسى گۇرۇپپىمىزدىكى Spx_Faruk تەرىپىدىن ئىشلەندى. ئەگەر كارتون مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز تولۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ
تەرجىمە قىلغۇچى :
ساياھەت قىلىشنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى خالىغان جايغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلگۈسى بار ساياھەت قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىدىكى خىزمەت، ئۈگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىملارنى ئازىراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەلەيدۇ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى كارتۇندىكى باش قەھرىمان توردوۋ رودىل بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇن پۇتلۇق چوشقا ھەمرايىنىڭ ساياھىتى ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ، قېنى بۇ يىگانە قەھرىمان ساياھىتىدە نېمىلەرنى كۆرىدۇ؟ ھەممەيلەن بىرگە كۆرۈپ باقايلى…
كارتون رېژىسسورى : Kunio Kato
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
مەزكۈر فىلىم ئامېرىكا داڭلىق رىژىسسورى ئاندىروۋ سىتانتوننىڭ ئىككىنچى كارتون فىلىمى بولۇپ 2008-يىلى 6-ئايدا دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. فىلىمدە WALL-E بىر قىسقارتىلما ئىسىم بولۇپ تۇلۇق ئاتىلىشى Waste Allocation Load Lifters – Earth ، يەنىBuynlarge شىركىتىنىڭ يەرشارىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشقا قالدۇرغان ماشىنا ئادىمى. فىلىمدەWALL-E نىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گەرچە ماشىنا ئادەم بولسىمۇ ئەمما بارغانسىرى يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى كېيىن تۇيۇقسىز پۇرسەتتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ۋەزىپىدە يەرشارىغا ئەۋەتىلگەن چىشى ماشىنا ئادەم بىلەن تۇنۇشۇپ قىلىپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىدەك بىر قاتار قىززىقارلىق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، فىلىم ئىشلەنگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان چوڭ كىچىك دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، ھەم WALL-E غا ئوخشۇتۇپ نۇرغۇنلىغان سەنئەت بۇيۇملىرى ياسالغان، مەن بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا دوستۇم بىلىك ئىنتىل گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ فىلىمنى يوللاپ بەردى، ئەگەر فىلىم مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز فىلىمدە بولسۇن
مەزكۈر فىلىم 2009-يىللىق ئامېرىكىدا كۆرۈش نىسپىتى يۇقىرى بولغان ھېكايە فىلىم بولۇپ فىلىمدىكى ئۇماق بەش ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن چاشقانچاقلارنىڭ ئالاھىدە ئەترەت خادىملىرىمۇ ئورۇنداپ بولالمىغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ئالاھىدە خادىم بولۇش جەريانىدىكى ھېكايىلەر ناھايىتى قىززىقارلىق تەسۋېرلەنگەن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
ئامېرىكا كارتون فىلىمى مۇز دەۋرى 1 گەرچە ئىشلەنگىلى ئۇزۇن بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرغىچە ياقتۇرۇپ كۆرمەكتە، شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تۆۋەندە تورداشلارنىڭ شۇنداقلا كارتون فىلىم ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنو ھەۋەسكارلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن
فىلىم ئىشلىگەن ئورۇن: ئامېرىكا 20-ئەسىر فوكىس شىركىتى
تەرجىمە قىلغۇچى: ش ئە ئۇيغۇرى