تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : نەپەس

Post image of تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : نەپەس
سەھىپە: فىلىملەر باھا: 26

تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : نەپەس (ۋەتەن ياشىسۇن)

فىلىم 1992-يىللىرىدىكى كۇردلار بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاساسلىق ۋەتەن سۆيگۈسى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە تۇلۇق چۈشىنىپ كېتىش ناتايىن، چۈنكى فىلىمدە كۆپىنچە سۈرەتكە ئېلىنغىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۇردلار بىلەن جەڭ قىلىشقان ئەھۋاللىرى بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىلىرى، بەلكىم رېژىسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بارلىقىنى تەسۋېرلىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغىنىنى كىنوخۇمارلار ئۆزلىرى كۆرۈپ بىر نېمە دېسۇن…

فىلىم تىلى : تۈركچە

خېتى : ئۇيغۈرچە

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

پۈتۈن ئېكراندا كۆرمەكچى بولسىڭىز فىلىمنى قوش چېكىڭ

2011.01.26 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

26 تورداش باھا بەردى، سىزچۇ؟

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.01.26
07:13
1-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

تۈركىيەنىڭ كىنوچىلىقى خېلى يۈكسىلىپ قالدى!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


بىلىمدان مۇنداق يازغان:

شۇنداق

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.26
07:43
2-قەۋەت: «بىلىمدان» مۇنداق دېدى:

تۈركىيە نىڭ كىنوچىلىقى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتەي دىدى گەرچە ۋوللىۋودنىڭ كىدەك ۋەھشى كىنولارنى ئىشلىمىسىمۇ دولەت سىياسى توغۇرلۇق كىنولارنى كۆپ ئىشلەپ باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىۋاتىدۇ .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.26
08:50
3-قەۋەت: «پرېستان» مۇنداق دېدى:

ياخشى كىنو ئىكەن، تۇلۇق كۆرۈپ بولدۇم. تۈركىيەنىڭ كىنولىرىغا بارغانچە ئامراق بولۇپ قېلۋاتىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.26
11:02
4-قەۋەت: «نۇرەتتىن» مۇنداق دېدى:

تەرجىمە خېلى ياخشى چىقىپتۇ، ئەگەر تۈركچە كىنو تەرجىمىسىدە ئادەم لازىم بولسا مېنى ئىزدەڭ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.26
14:40
5-قەۋەت: «ئۇرخۇن731» مۇنداق دېدى:

مىنڭكىدە ئىچىلىىشى بەك ئاستا ھەر دائىم مۇشۇنداق بولىدۇ……ئاز- ئازدىن كۆرۈپ ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى…….چۇشۇرۇپ كۆرۈشنىڭ بېرەر چارىسى بارمۇ قېرىنداشلار ؟ ياردەم قېلساڭلار بوپتىكەن……….ئېنتايىن ياخشى كۆرگەن ئىدىم بۇ فىلېمنى…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ساغان مۇنداق يازغان:

قېرىندىشىم،سىزنى بۇ http://www.56.com/ican/ican.html تورغا كىرىپ چۈشۈرگۈچنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ساغان توردىشىمىزغا رەھمەت، بارلىق فىلىم چۈشۈرىدىغان تورداشلار 56 تورىغا كىرسە چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ، شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرگەيسىزلەر

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ي.م.ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

56 نىڭ قىستۇرمىسى بىلەن چۈشۈرسە ئۈنۈمى بەك ئاستا..


ي.م.ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

چۈشۈرۈشنىڭ چارىسى بار.
مەن تېخى بۇنداق كىنولارنى باشقىلار چۈشۈرۈپ كۆرەلەيدۇ دېسەم قارىغان چۈشۈرۈپ كۆرەلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس ئوخشايدۇ. مەن ئىزچىل ھالدا مۇشۇنداق كىنو چۈشۈرۈش ھەققىدە يازما يوللاي دەپ باشقىلارنىڭ ئېھتىياجى بولمىسا كېرەك دەپ يوللىماپتىكەنمەن. قارىغاندا بۇ ھەقتە ئازراق بىر نەرسە يوللاپ قويسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.26
18:55
6-قەۋەت: «يۈكسەل» مۇنداق دېدى:

تازا خۇمارنى باسمىدىيا بۇ كىنو ، باشتا شۇنچە قىزىپ كۆرسەم، ئاخىرىدا بىر ئۆيدىن چىقالماي ئوق يەپ تۈگەشتى بۇ مۇنتېزىم ئەسكەرلەر …

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بارغان ئەسكەرلەركەنغۇ؟ :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.29
14:51
7-قەۋەت: «ي.م.ئىلقۇت» مۇنداق دېدى:

ماۋۇ كىنونى چۈشۈرۈپ ئاخىرى كۆرۈپ بولدۇم. ئۇزۇن بوپتىكەن كىنو كۆرمىگىلى، تەرجىمىسى ياخشى چىقىپتۇ. كىنو تەرجىمە قىلىشتا كۈچ چىقىرىۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت.
بۈگۈن ئاخشاملىق ۋاقتىمنى مۇشۇ كىنونى كۆرۈشكە سەرپ قىپتىمەن. ماۋۇ شاھ ئۇيغۇر ئادەمنى كىنولا كۆرۈشكە خۇمار قىلىپ قويامدۇ نېمە؟ (چاقچاق) بۇنداق ياخشى كىنولارنى ئارىلاپ كۆرۈپ تۇرۇشىمىزغا تىلەكداشمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.29
15:22
8-قەۋەت: «نەسرى» مۇنداق دېدى:

مىنىڭ بۈگۈن ۋاقتىم چىقتى بۇ چۈشۈرگىلى ،مەندە بىر دىتال بار ،خېلى نۇرغۇن تور بەتلەرنىڭ نەرسىلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ،مەن بۇ شاھ ئەپەندىمنىڭ ھەر قانداق تەرجىمە كىنوسىنى ئاساسەن چۈشۈرۈپ كۈرىمەن. :lol: :lol: :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.30
04:45
9-قەۋەت: «ي. م. ئىلقۇت» مۇنداق دېدى:

كىنو چۈشۈرۈش ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە يوللاپ قويدۇم. قىزىقىدىغانلار كىرىپ پايدىلانغايسىلەر: http://blog.ilqut.com/?p=1593

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.2
06:51
10-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

يولداشلا،كۇردمۇ كوردمۇ؟ :oops:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

كەچۈرۈڭ، ماتىرىيال ئاختۇرۇپ كۆرسەم ئەسلى كۇرد ئىكەن، فىلىمدە كورد دەپ ئېلىنىپ قاپتۇ، ئۆزرىخاھلىق سورايمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

مەكتىپىمدىكى كۇرد ئاغېنەم تىللاپ كەتتى مېنى..
سېلەرنى ئەمدى ئويغور دەيمەن دەيدۇ :cry:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.8
03:46
11-قەۋەت: «چۈشتاق» مۇنداق دېدى:

بۇ فىلىمنى بىر قېتىم كۆرۈپ سەل گاڭگىراپ قالغان، ئۇششاق تەپسىلاتلار خېلىلا كۆپ. نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمەك تەس. ئىككىنچى قېتىم كۆرۈپ ئاندىن چۈشەندىم. تۈركىيەنىڭ يەنە بىر فىلىمى بولىدىغان، «Günesi gordüm战火重生» ناملىق، بۇ كىنومۇ ئىنتايىن ياخشى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ئۇ كېنومۇ تەرجىمە قىلىنىپ بولدى :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.13
17:55
12-قەۋەت: «ئەركانى» مۇنداق دېدى:

ئەزىز چۈشتاق ئەپەندىم سىز تەۋسىيە قىلغان كىنو، ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىىلىم گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن «مەن قۇياشنى كۆردۈم» نامىدا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، فىلىمگە قىززىقسىڭىز، نەزىرىڭىز شۇ توربەتتە بولسۇن….
شاھ بلوگىغا يەتكەن قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!
يەنە مەزمۇنى ياخشى، تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى زور فىلىملەرنى تەۋسىيە قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمىز….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.14
18:03
13-قەۋەت: «تۇغلۇق» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنونى ياقتۇرۇپ كۆردۈم،،، تەرجىمىسىمۇ ياخشى بولۇپتۇ…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.3
05:49
14-قەۋەت: «ش» مۇنداق دېدى:

بەك ياخشىكەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.3
05:56
15-قەۋەت: «تاشقىن» مۇنداق دېدى:

مەن بۇبەتنى دائىم زىيارەت كىلىمەن كىنولانى «ھىندىستاندىن جوڭگوغا سەپەردىن»باشلاپ كۆرگەن ..بۇكىنونى كۆرۈپ ئەزابولۇپ ىنكاس يازماي تۇرالمىدىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.10
09:24
16-قەۋەت: «مەۋلان» مۇنداق دېدى:

كنورىڭىزغا رەھمەت.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.