Post Thumbnail of تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : كۇردلار ۋادىسى-ئىراق
فىلىملەر 2011 10-مارت | زىيارەت:784

كۇرلار ۋادىسى ئىراق، ئاساسلىق 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى باش شىتابىغا ھۇجۇم قىلىپ 11 نەپەر تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرىنى بېشىغا خالتا كەيگۈزۈپ ئېلىپ ماڭغانلىقتەك ھەقىقى ئىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ، گەرچە كۇردلار ۋادىسى ئىراقتىن تارتىپ يېقىندا ئېلان قىلىنغان كۇردلار ۋادىسى پەلەستىن قاتارلىق فىلىملەرنىڭ بىرەسمى يول ئارقىلىق كىرگەن ئۆزبېكچە ھەم تۈركچە نەشىرلىرىنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما گۇرۇپپىمىز رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگەن نۇسخىسى كۇردلار ۋادىسى ئىراقنى خەتلىك قىلىپ كەڭ تاماشىبىنلار ھوزۇرىغا سۇندى

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى، شەمسى(سىراج بلوگى)

Post Thumbnail of پەسىل قۇشلىرى
فىلىملەر،ھۈججەتلىك فىلىم 2011 5-مارت | زىيارەت:397

بەلكىم سىز مىكرو ئالەم فىلىمى ئارقىلىق ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان ئىنتايىن كىچىك بولغان تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدە ئاز تولا بىرەر نەرسىگە ئىگە بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمدى سىزنى باشلاپ بارىدىغىنىمىز لەرزان بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىپ يۈرۈيدىغان قۇشلار دۇنياسى، بۇ فىلىمنىمۇ مىكرو ئالەمنى سۈرەتكە ئالغان Jacques Perrin سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى سۈرەتكە ئالغان بولۇپ ئالدى كەينى بولۇپ تۆت يىل ۋاقىتتا پۈتتۈرگەن، مەزكۈر فىلىمدە قۇشلارنىڭ ھەر پەسىلدە جاھاننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە كۆچۈشى جەريانى سۆزلەنگەن، قېنى ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ تۇنۇش ھەم ناتۇنۇش قۇشلار بىلەن كۆكتە بىردەم پەرۋاز قىلمايلىمۇ…

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : ئۈچ ئەخمەق
فىلىملەر 2011 4-مارت | زىيارەت:4,627

بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى يەنە بىر نادىر فىلىم بولۇپ فىلىمدە مەكتەپ، ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يەنى ئاتا-ئانىنىڭ پەقەت ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ بالىنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىنى دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا، ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشتىن قورقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى چىن ۋە يۇمۇرىستىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، مەزكۈر فىلىمنى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

Post Thumbnail of ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى
بلوگ بىلدۈرگۈسى 2011 3-مارت | زىيارەت:796

ھازىر ھەر قانداق ئۇيغۇرچە خەتلىك خەرىتىلەرنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەس ئىش بولۇپ قالدى، مەلۇم ماقالە ياكى لازىملىق بىرەر نەرسە تەرجىمە قىلىۋېتىپ ئۆزىمىزگە تۇنۇشلۇق بولمىغان بىرەر دۆلەت ئىسمىنى ۋە ياكى رايۇنىمىزدىكى بىرەر جاينىڭ ئىسمىنى يازماقچى بولساقمۇ ئالدى ئۇ دۆلەتنىڭ ياكى رايۇننىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى لوغەت ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇلۇققان، ھەتتا خەنزۇچە ئىسمىغا قارىغاندا ئېنگىلىزچە ئىسمى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېنگىلىزچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرەتتىم، يېقىندا تورداش 1024نىڭ ماڭا ئۇيغۇرچە دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ خەرىتىسىنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن بۇ كىچىككىنە غەمدىنمۇ خالاس بولدىم، بۇ خىل خەرىتىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى خەرىتە يۈزىدىكى بارلىق جايلارنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە يېزىلغان بولۇپ، خەرىتىنى خالىغانچە ئوڭ سولغا ۋە ئۈستى ئاستىغا ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.