PIXAR شىركىتى ھازىرقى كارتون فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە دىسنىيدىن قالسىلا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىن ئىبارەت، بۇ شىركەت 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ تاكى ھازىرغىچە كەڭ تاناشىبىنلارغا نۇرغۇنلىغان قىززىقارلىق شۇنداقلا مەنىلىك كارتون فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ كەلدى، كەڭ دوستلار كۆرىۋاتقان «ئۇيۇنچۇق كۇلۇبى» «ئېۋا»، «مۇسابىقە ماشىنىسى كۇلۇبى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر كارتونلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كارتون شىركىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان قىسقا كارتونلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، تۆۋەندە PIXAR شىركىتىنىڭ بىر قانچە نادىر كارتون فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ كارتونلار پەقەتلا پېكسېرنىڭ نادىر كارتونلىرى ئىچىدىكى بىر قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پېكسېرنىڭ نادىر قىسقا كارتونلىرى ھەم كارتون فىلىملىرى بولسا دوستلارغا يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز
ئاۋۇ facebookتوغۇرلۇق ئىشلىگەن 社交网络دىگەن كىنونى بىر تەرجىمە قىلۋەتسەڭلا بەك پەيزى ئىش بولاتتى ھە
ئەزىز سەركەردە ئەپەندىم، سىزنىڭ تەلىپىڭىز شۇنداقلا باشقا تورداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، سىز تەۋسىيە قىلغان فىلىمنى تەرجىمە قىلىشنى پىلانلاپ، باشلىدۇق، سەۋر بىلەن ساقلاپ ، نەزىرىڭىزنى مەزكۇر بلوگقا ئاغدۇرۇپ تۇرۇڭ، بۇ فىلىممۇ پات ئارىدىدا سىز ۋە تورداش دوستلار بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن (ئۇسسۇلچى قوزىچاق) كارتوننى بۇرۇن جىق كۆرگەن لىكىن چۇشەنمەپىكەنمەن . كوپ رەھمەت .
بولسا (ئۇسسۇلچى قوزىچاق) كارتوننى توردىكى ھەممە خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا چىقىش يۇلى تاپالماي تۇرغان دوستلار بىر كۇرۇپ چىقسا بىر قېتىم ئەمەس بىر نەچچە قېتىم كۆرسە ئىشلىردا ئانچە مۇنچە ئالغا بىسىش بولاتتىكەن .
19:45
بەك ياخشى . ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق تېلىقىپ كۈلمىگىلىلى رەھمەت سىلەرگە بۇندىن كېيىمۇ مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ تور داشلارنىڭ تۇرمۇشۇنى بېيىتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن
بۇ باھاغا پىكرىم بار