ماھىر زايىن ناخشىلىرىدىن تاللانما

Post image of ماھىر زايىن ناخشىلىرىدىن تاللانما
سەھىپە: تەرجىمە ناخشىلار، فىلىملەر باھا: 9

ماھىر زايىن ناخشىلىرىدىن تاللانما

بەلكىم ناخشا خۇمار دوستلارغا ماھىر زايىن دېگەن بۇ ئىسىم يات بولمىسا كېرەك، لىۋان ناخشىچىسى ماھىر زايىن (Maher Zain) كىچىكىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىنتايىن قىززىقىدىغان بولۇپ كېيىن شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، كېيىن داڭلىق ئىجادىيەتچى RedOne بىلەن بىرلىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەم ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كېلىپ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، ماھىر مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن سىز قۇيۇق ئىسلام پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېنگىلىز تىلىدا ئېيتىلغان بولۇپ بەلكىم ئۇ خەلقئارالىق ئورتاق تىل ئارقىلىق پۈتۈن كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ناخشىلىرىدا ئېنگىلىز تىلىنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز توردىن مىڭ تەسلىكتە تاپقان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسلەر

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

ئىنشائاللا (ئاللا خالىسا)

 

قولۇمنى تۇت

پۈتۈن ئېكران كۆرمەكچى بولسىڭىز ئېكراننى قوش چېكىڭ

2011.02.2 ئاپتور: ش ئە ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

9 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.02.2
12:40
1-قەۋەت: «ياۋۇز» مۇنداق دېدى:

بەك ياخشى تەرجىمە قىلىپسىلەر قۇلۇمنى تۇت دىگىنى چىقمىدىغۇ؟
تەكشۈرۈپ بىقىڭلار؟ :!:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ئىككىلا قىسمى نورمال ھالەتتە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.2
13:05
2-قەۋەت: «8كوچا» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم ، بولۇپمۇ 1-ناخشا
مەن بەك ئامراق ئېدىم ، يەنە بىر قېتىم تولۇق چۈشىنىپ كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق جاپاكەشلەرگە ئالى ئېھتىرامىمنى ۋە رەھمىتىمنى
بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىپ گۈللىنىشىنى،
تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولىشى ئۇلۇغ ياراتقۇچىدىن تىلەيمەن…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.2
14:32
3-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

رەخمەت جاپا چەكتىڭلار

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.2
14:41
4-قەۋەت: «بايلىق بلوگى» مۇنداق دېدى:

رەھمەت شاھ بلوگ ئەپەندىم بەك ياخشى تەرجىمە قىپسىز بولسا پەلەستىننى كۈيلەپ ئىتقان ناخشىسىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان بولسىڭىز مەن شۇناخشىنىڭ مەزمۇنىغا بەك قىزىقىۋاتىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.4
08:37
5-قەۋەت: «سابا» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ ئنشائاللا دسىگەن ناخشىسىغا بەك ئامراق ئىدىم تەرجىمىسىنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.4
10:45
6-قەۋەت: «قاينام69» مۇنداق دېدى:

بۇ ئككى ناخشىڭىزنى مىسرانىم تورىدا چىققانلىقىنى ئىلان قىلىپ قويدۇم .
http://bbs.misranim.com/read.php?tid-36621.0html

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.7
10:34
7-قەۋەت: «ئارايماق» مۇنداق دېدى:

مەن بۇ كىشىنىڭ ناخشىسىنى ناھايتى ياقتۇرۇپ ئاڭلايىتتىم ، تەرجىمىسىنى كۆرۈپ ناھايتى خۇش بولدۇم ، مەندە بۇنىڭدىن باشقا بىرنەچچە ناخشىسى بار ئەمما mp3 شەكلىدە . رەھمەت سىزگە.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.7
11:22
8-قەۋەت: «ئىرادە» مۇنداق دېدى:

شاھىم ، ماۋۇ ئىنشائاللا دىگەن ناخشىنى ھەر بىر قىتىم تورغا چىققاندا ئاڭلىماي چۈشۈپ كەتمەيمەن ، ھەقىقەتەن مۇڭلۇق ناخشىكە ، تەرجىمىسىمۇ شۇنداق ياخشىكەن ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.