ھەممىمىزگە مەلۇم گوگۇلنىڭ Chrome تور كۆرگۈسى سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ نەپىس، ئاددىي ئىكەنلىكى بىلەن قارشى ئېلىشىمىزغا ئىرىشتى، يېقىندا تورداش قۇتبىلىك گوگۇلنىڭ بۇ تور كۆرگۈسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭىچە بىر دېتالنى تورداشلارغا يۈز كۆرۈشتۈردى، دىتالنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇكى بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرمەي تۇرۇپ تور بەتكە يوللانغان ماقالىلارنى ۋە يازمىلارنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ
فىلىمدە بىر تۈركىيەلىك ئايال مۇھەببەتسىز توي ۋە ئائىلە زۇراۋانلىقى تۈپەيلى بالىسىنى ئېلىپ بىرلىكتە گېرمانىيەگە يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىۋالىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت توي قىلىپ بولغان ئايال بولغانلىقى تۈپەيلىلا مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدە يات بىر كىشى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان تۇرمۇشنى تاپماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، فىلىمدە يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم مىللەتلەردە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار دېگەن ئىدىيە ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ مەزكۈر فىلىم بېرلىن خەلقئارالىق كىنو فىستوۋالىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
گرۇ مەخسۇس كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ نام قازىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بىر قېتىم ئۇ كۆكتىكى ئاينى ئوغۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر رەقىبى ئۇ پىلانلاپ ئوغۇرلاپ چىققان كىچىكلىتىش قۇرالىنى ئۇنىڭدىن ئوغۇرلىۋالىدۇ، كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانىدا گرۇ رەقىبىنىڭ يېنىغا خالىغانچە كىرىپ چىقالايدىغان ئۈچ كىچىك بالىنى ۋاقىتلىق بېقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەم سۇ ئارقىلىق كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ ياخشى بىر دادىغا ئايلانغانلىقىغا قىزىقامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز يېڭى تەرجىمە خەتلىك فىلىمىمىز «رەزىل مەن» دە بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئارمانىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار
بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : WWW.SHAHBLOG.NET
بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، قېنى نەزىرىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس
ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارزۇ ئارمىنى بولىدۇ، شۇ ئارزۇ ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بەزىلەر بۇ خىل جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، بەزىلەر مەيلى قانچىلىك جاپا مۇشەققەتكە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ مېگنامۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئويلىمىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولالامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مودا» دا بولسۇن.
ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : مودا
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم قىسمەن كىتاپخۇمار دوستلار بۇنىڭ كىتاپنى ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىم دەل شۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ چۈرەۋور جىيەنى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاندىيەگە بېرىپ خەننانىڭ ياردىمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاپماقچى بولىدۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نامەلۇم بىر غارغا كىرىپ قىلىپ چىقىش يولىنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يەنى ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئايرىم دۇنيا بارلىقىنى ھەم كىتاپتا يېزىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپ كېتەلەمدۇ؟ دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن
فىلىم نامى : يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
تورداشلار بەلكىم 2012 فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىمدە رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاخىرقى زامان ئالامەتلىرى رىئاللىق بىلەن زىچ بىرىكـتۈرگەن ئاساستا ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنمۇ پۈتكۈل كىنو ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، زامان ئاخىرى، ئاخىرقى زامان توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر ئىزچىل مەۋجۈد، ھەر قايسى دىن ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاخىرقى زامان توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشاش بولغان شۇنداقلا ھەم ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار ، ئۇنداقتا زامان ئاخىرى راستتىنلا يېقىنلاپ كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سۆزى بۇيىچە بۇنى پەقەت قادىر ئاللالا بېلىدۇ، ئۇنداقتا بىز قېنى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى…
ھۆججەتلىك فىلىم : 2012-يىلى راستتىنلا زامان ئاخىرىمۇ؟
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى ، ش ئە ئۇيغۇرى
بۇ قىسىم كارتون فىلىمنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئۇپۇق سىزىقىدىكى سۇيقەست، مەزكۈر كارتون فىلىم ياپونىيەدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ بۇ پەقەتلا ئۇنىڭ بىر قىسمى، كارتون فىلىمنىڭ بۇ قىسمىنى تورداش بۇغرا ئەنۋەر ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان بولۇپ بەلكىم قىسمەن تورداشلار قىلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن، كۆرمىگەن ياكى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان تورداشلار تۇلۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ
تەرجىمە قىلغۇچى : بۇغرا ئەنۋەر
خاگارى بىلەن تاگاكى ساۋاقداش بولۇپ ھەر ئىككىلىسى باشقا شەھەردىن توكيوغا ئوقۇشقا كەلگەن ھەر ئىككىسى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدى، خاگارى دائىم تاگاكى بىلەن بىرگە بولۇشنىلا ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خاگارى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توكيودىن كۆچۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككىسى پەقەت خەت ئالاقە ئۇسۇلى بىلەنلا ئالاقىلىشىپ كېلىدۇ، يىللارنڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارمۇ ئاستا ئاستا چوڭ بولىدۇ تاگاكى چوقۇم خاگارى بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاخىرى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچرىشالامدۇ؟
مەزكۈر كارتون فىلىم ئاساسلىق ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مۇھەببەت ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىم تەرجىمىسى گۇرۇپپىمىزدىكى Spx_Faruk تەرىپىدىن ئىشلەندى. ئەگەر كارتون مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز تولۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ
تەرجىمە قىلغۇچى :
32 نەپەر ئەرەب چولپانلىرى بىرلىكتە ئورۇندىغان ناخشا ئەرەبلەردىكى ۋىجدان.ئازاپ-ئۇقۇبەت ۋە غەزەپ نەپرەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ناخشا، قەلىبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن قىلىنغا چاقىرىق، بۇ ناخشىدا ئەرەبلەرنىڭ بۇ ئون نەچچە يىلدىن بېرى تارتقان ئازاپ ئوقۇبەتلىرى تەسۋېرلەنگەن بولۇپ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى تىنچلىققا، تىنچ تۇرمۇشقا چاقىرىق قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى : خىيال
ۋاقىت خاتىرلىگۈچى : خىيال
كىرىشتۈرگۈچى : ش ئە ئۇيغۇرى
چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە ناملىق بۇ فىلىم فىرانسىيەلىك يازغۇچى فرېيدون ساھېبجامنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ، فىلىم ۋەقەلىكى ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاساس قىلغان ، فىلىمدىكى باش قەھرىمان سۈرەييەمۇ ھەقىقى ئۆتكەن شەخىس بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا يەنى 1986-يىلى ئېرى 14 ياشلىق بىر قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ھېچ ئاساسسىز پاھىشە دېگەن بەتنامنى چاپلاپ ئۆز يېزىسىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئۇنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ تۆھمەت قۇربانى قېلىۋېتىدۇ، رېژىسسور بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئاياللار ھوقۇقى مەسلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سۈرەييەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ئاخىرى بۇ فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن تورۇنتو كىنو فىستوۋالىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ باھالانغان، ھەم دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئاياللار كىشىلىك ھوقۇقى مەسلىسىگە بولغان دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان،فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى گۇرۇپپىمىزدىكى ئەركان ئىشلەپ چىقتى، دىققىتىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەھرىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى : ش ئە ئۇيغۇرى
ساياھەت قىلىشنى ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى خالىغان جايغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلگۈسى بار ساياھەت قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىدىكى خىزمەت، ئۈگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىملارنى ئازىراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەلەيدۇ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى كارتۇندىكى باش قەھرىمان توردوۋ رودىل بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇن پۇتلۇق چوشقا ھەمرايىنىڭ ساياھىتى ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ، قېنى بۇ يىگانە قەھرىمان ساياھىتىدە نېمىلەرنى كۆرىدۇ؟ ھەممەيلەن بىرگە كۆرۈپ باقايلى…
كارتون رېژىسسورى : Kunio Kato
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
مەزكۈر فىلىم ئەينى ۋاقىتتىكى چاۋشيەن كورىيە ئۇرۇشى ئارقا مەزمۇن قىلىنغان فىلىم بولۇپ فىلىمدە ئەينى ۋاقىتتكى چاۋشيەننىڭ پۈتكۈل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلىۋاتقاندا ئۇرۇش ئەسكىرى كۈچىدە زور يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچى بالىلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىپ ئۆز ۋەتىنىنى مۇستەملىكىدىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان كورىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى بولغان پۇئاڭرۇنى ساقلاپ قېلىش جەريانىدىكى ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، فىلىم مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز قېنى مەرھەمەت
فىلىم تۈرى : ئۇرۇش فىلىمى، تارىخ فىلىمى
تىلى : كورىيە تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى