Viewing Category » بلوگ بىلدۈرگۈسى

ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى

Post Thumbnail of ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 3 مارت 2011

ھازىر ھەر قانداق ئۇيغۇرچە خەتلىك خەرىتىلەرنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەس ئىش بولۇپ قالدى، مەلۇم ماقالە ياكى لازىملىق بىرەر نەرسە تەرجىمە قىلىۋېتىپ ئۆزىمىزگە تۇنۇشلۇق بولمىغان بىرەر دۆلەت ئىسمىنى ۋە ياكى رايۇنىمىزدىكى بىرەر جاينىڭ ئىسمىنى يازماقچى بولساقمۇ ئالدى ئۇ دۆلەتنىڭ ياكى رايۇننىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى لوغەت ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇلۇققان، ھەتتا خەنزۇچە ئىسمىغا قارىغاندا ئېنگىلىزچە ئىسمى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېنگىلىزچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرەتتىم، يېقىندا تورداش 1024نىڭ ماڭا ئۇيغۇرچە دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇيغۇرچە شىنجاڭ خەرىتىسىنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن بۇ كىچىككىنە غەمدىنمۇ خالاس بولدىم، بۇ خىل خەرىتىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى خەرىتە يۈزىدىكى بارلىق جايلارنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە يېزىلغان بولۇپ، خەرىتىنى خالىغانچە ئوڭ سولغا ۋە ئۈستى ئاستىغا ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ

پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )

Post Thumbnail of پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 30 يانۋار 2011

A تىپلىق قان ، ئاق قان كېسىلى، ئۇيغۇر، ياشقىنا يىگىت ، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك پارىسى ، كىملەرنىڭدۇر جان قېرىندىشى ، ئاچچىق ھايات، رەھىمسىز تەقدىر ، ئۇرۇلۇۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار، تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار، ھاياتقا تويماي پىلدىلاۋاتقان كۆزلەر ، پۇل ئەمەس قان لازىم، ئىمكانسىزلىق دەستدىن تولغىنىۋاتقان جانلار، كىرپىك قاقماي ئېقىۋاتقان تاڭلار ، قۇدرىتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللاھ … مانا بۇلار شۇ تاپتا كاللامنى توختاۋسىز قوچۇۋاتقان ، باغرىمنى مۇجۇپ، دىلىمنى ئىزىۋاتقان سۆزلەر !
ئۆز گېپىمنى قويۇپ ، يېقىن توردىشىمىز ‹‹ ئۇيغۇرلار بلوگى ›› قۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا تاشلاي:

ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ

Post Thumbnail of ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 23 يانۋار 2011

ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس مىكروبلوگ توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسى ئۇيۇشتۇردى، ھەم كەڭ تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەرگە مىكروبلوگنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا ، ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەھمىيىتى ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولدى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم بلوگگېرلار ئارا مىكروبلوگ قۇرۇش قىزغىنلىقى بىر مەھەل پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھەم مىكروبلوگ توغرىسىدا بىر قاتار مۇلاھىزىلەرمۇ قىلىشقان بولدى، ئەمما بۇ جەرياندا مىكروبلوگ توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سۇئاللار شەكىللىنىشكە باشلىدى

شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى مۇنداقمۇ كۆرۈڭ

Post Thumbnail of شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى مۇنداقمۇ كۆرۈڭ
 بلوگ بىلدۈرگۈسى 31 دېكابىر 2010

ھەممىمىزگە مەلۇم گوگۇلنىڭ Chrome تور كۆرگۈسى سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ نەپىس، ئاددىي ئىكەنلىكى بىلەن قارشى ئېلىشىمىزغا ئىرىشتى، يېقىندا تورداش قۇتبىلىك گوگۇلنىڭ بۇ تور كۆرگۈسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭىچە بىر دېتالنى تورداشلارغا يۈز كۆرۈشتۈردى، دىتالنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇكى بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرمەي تۇرۇپ تور بەتكە يوللانغان ماقالىلارنى ۋە يازمىلارنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ

شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

Post Thumbnail of شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار
بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : WWW.SHAHBLOG.NET

تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى

Post Thumbnail of تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى

فىلىم مەسئۇلى ش ئە ئۇيغۇرى ئەپەندى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قىلىدۇ
تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فىلىمنىڭ SRT ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلىسىمۇ ياكى مەزكۈر گۇرۇپپا تەمىن ئەتسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تاپالمىسا ۋاقتىدا ئېلخەت ئارقىلىق ياردەم سورىسا بولىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمگە ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.
تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى
ئۈستىدىكى دەرسلىك فىلىمى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، ئەگەر چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەزكۈر بەتنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويساڭلار بولىدۇ

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.