پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )

سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگۈسى باھا: 6

 پۇل ئەمەس قان لازىم ( جىددىي! )

A تىپلىق قان ، ئاق قان كېسىلى، ئۇيغۇر، ياشقىنا يىگىت ، كىملەرنىڭدۇر يۈرەك پارىسى ، كىملەرنىڭدۇر جان قېرىندىشى ، ئاچچىق ھايات، رەھىمسىز تەقدىر ، ئۇرۇلۇۋاتقان ئاھۇ – پىغانلار، تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار، ھاياتقا تويماي پىلدىلاۋاتقان كۆزلەر ، پۇل ئەمەس قان لازىم، ئىمكانسىزلىق دەستدىن تولغىنىۋاتقان جانلار، كىرپىك قاقماي ئېقىۋاتقان تاڭلار ، قۇدرىتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللاھ … مانا بۇلار شۇ تاپتا كاللامنى توختاۋسىز قوچۇۋاتقان ، باغرىمنى مۇجۇپ، دىلىمنى ئىزىۋاتقان سۆزلەر !
ئۆز گېپىمنى قويۇپ ، يېقىن توردىشىمىز ‹‹ ئۇيغۇرلار بلوگى ›› قۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا تاشلاي:

بۇ يازمىنى يازغاچ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئۆز ئىنىمنىڭ تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈپ ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ‹‹ جىددىي خاراكتېرلىق ئاق قان كېسىلى ›› دەپ، دىئاگنوز قۇيۇلۇشى ۋە ئارقا – ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى مەن قوبۇل قىلالمايۋاتىمەن ، شۇ تاپتا ئىنىمنىڭ ھاياتىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن ، 21ياش دېگەن نېمە ئۇقۇم؟! ئويلاپ بېقىڭ سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟! تولىمۇ ياش ۋاقتى ئەمەسمۇ ؟! …
مەن شىنجاڭ تېببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيمەن ، ئاق قان كېسىلىنىڭ خاراكتېرى ، ئاقىۋىتىنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنىمەن ، ئاق قان كېسىلى قان غول ھۈجەيرىسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ توختىماستىن بۆلۈنۇپ نورمال قان ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قاندىكى راك ، داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ كېتىشى ، داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى ، ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بالدۇرلا يورۇق دۇنيادىن خوشلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى . بۇلارنىمۇ ئۆيدىكىلەرگە ئېنىق دېمەي ‹‹ ئىنىم تېخى ياش، ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ›› دەپ، تەسەللىي بېرىۋاتىمەن ، چۈنكى ئاپام بۇ دىئاگنوزنى كۇرۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى، ھازىر ئاكام ، دادام ۋە مەن ئىنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمىز ، دادام بۇيىل 64 ياشلار ئەتراپىدا ، ھازىر ئىنىمنىڭ دەردىدە يېندىن ئايرىلماي قاراۋاتىدۇ ، بىر ئاز ئارام ئېلۋالسىلا دىسەكمۇ ئۇنمايۋاتىدۇ ، دادامنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ،ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ، دىيابىت قاتارلىق كىسەللىرى بار ، كۈندە يەيدىغان دورىسى ، ئۇرىدىغان ئىنسۇلىنى بار ئىدى ، ھازىر ئۆزى بىلەنمۇ كارى يوق ، دورىسىنى ، ئىنسۇلىنىنى تاشلاپلا قويدى، نەسىھەت قىلساقمۇ ئاڭلىمايدۇ ، تۇرۇپ ئىنمنىغا قاراپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار ئېقىپ كىتىدۇ ، ‹‹ ئىنىڭ ساقىيىپ كىتەر ھە؟! … ›› دەپ نەچچە رەت سوراپ كىتىدۇ … ئاھ خۇدا، مۇشۇنداق كېىتىۋەرسە دادام ،ئىنىم ،ئاخرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن… ئۇلۇغ اللە دىن ئىنىمنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ، دادامغا بەرداشلىق بېرىشنى تىلەيمەن . ھېچ كىم ساڭا كەلدى ، ماڭا كەلدى دىيەلمەيدىكەن ، ئۆزىگە كەلگەندە كۆرمەي ئىلاج يوقكەن ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە كەلگەن قازايى – قەدەرلەرنى قۇبۇل قىلماق بەك تەسكەن ، اللە ھەر قايسىمىزنى بالا- قازا ، كېلىشمەسلىكلەردىن ساقلىسۇن ! ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان بارلىق كىشلىرىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن!!! …
ھازىر ئىنىم شىنجاڭ تېببى ئونىۋېرسىتېتى قان كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ 1- رايۇنىدا تۇرۋاتىدۇ ، كارۋاتنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن ، كېسەلخانىغا بىر قاتلىما كارۋاتنى سېلىپ ۋاقتىنچە داۋالىنىۋاتىدۇ ، ھازىر قان تەكشۈرۈشتە ،ئاساسلىقى ئاق قان دانچىسى بەك يۇقىرى ، قىزىل قان تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەكلا تۆۋەن ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) نىڭ قان توختىتىش رولى بار ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) تۆۋەن بولغانلىقتىن تۇيۇقىسىز چىقىپ كىتىپ ، ئىچكى ئەزالار قاناش ، مىڭىگە قان چۇشۇش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى، قان چىقسا قاننى توختاتقىلى بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى خېمىيلىك داۋالاشتا ، قان پلاستىنكىسى (قان پىلازمىسى 血小板 ) بەك تۆۋەن بولسا داۋالاشنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، قان پىلازمىسىنىڭ بەدەن سىرتىدا ھايات قېلىشى بەك قىسقا بولغاچقا قان پىلازمىسى ئادەتتە قان ئىسكىلاتىدا بولمايدىكەن ، پەقەت قان تىپى ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قېنىدىن 血小板 نى ئايرىپ ئېلىپ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سالىدىكەن ، ئاندىنلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئىنىمنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر كىشىدىن 200ml بىرلىك بويىچە ، 30 ئەتراپىدىكى كىشىدىن قان ئېلىپ، قېنىدىن چىققان قان پلاستىنكىسىنى تولۇقلىغاندىلا ئاندىن داۋالىغىلى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئوخشاش قان تىپلىق بۇنچىلا ئادەمنى تېپىش ئۇنچىلا ئاسان ئەمەسكەن ، دوستلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق ، نەچچىسى ياردەم قىلدىغانلىقىنى ، قاچان دېسە شۇ ۋاقىتتا كېلىدىغان بولدى ، لىكىن يەنىلا كەمچىل بۇلۋاتىدۇ ، ئالدىمىزدا قاتمۇ – قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلدىغىنىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنىپلا تۇرىۋاتىدۇ. كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىدىن ئايرىماپتۇ ، دېگەن گەپ بار. دوستلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىنىمنىڭ ئىسمى: ئابدىراخمان ئىمىن
قان تىپى : A
يۇرتىمىز كۇچا ناھىيسىدىن .
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمىرى: 18909972693 (ئاكامنىڭ)
18909972757 (مىنىڭ )

ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئىنىمىز ئابدۇراخمانجاننىڭ قان تىپى ئادەتتىكى A تىپلىق قان بولۇپ ، A تىپلىق قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ %95 نىڭ تىپى Rh (+) A بولىدىكەن . ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ Rh مەنپىي بولىدىكەن ( ئەمەلىيەتتە كەم تېپىلىدۇ دەپ قارالغىنى دەل مۇشۇ خىل قان تىپى ئىكەن ) .
ئەمما، ئابدۇراخمانجاننىڭ قان تىپى ئادەتتىكى A تىپلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، قان تىپى A بولغانلىكى كىشىلەرنىڭ قېنى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىكەن. شۇڭا، تورداشلارغا كۆپ دىلغۇلچىلىقنىڭ، ئۇقۇم خاتالىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېمىدىكى قان تىپى ئۆزگەرتىپ قويۇلدى.
ئابدۇراخمانجانغا زۆرۈر بولغىنى ئادەتتىكى قان تىپى بولغان بولىسمۇ، ئۇچرىغانلا ئادەمدىن قان بېرىشنى تەلەپ قىلغىلى بولمىغانلىقى، يېقىنقى مەزگىللەردە جايلاردىكى قان پونكىتلرىدا قان قەھەتچىلىكى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، قان تولۇقلاش زور قىينچىلىققا ئايلىنىپ قالغان.
ياردەمسۆيەر كىشىلەرنىڭ قاراپ تۇرماسلىقىنى پەقەتلا 200ml قېنى ئارقىلىق، ئىنىمىزگە قايتا ھاياتلىق بېغىشلاشقا ئورۇنۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

شاھ ئۇيغۇردىن : مەزكۇر ئۇچۇرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى چامىنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ، باشقا تور بېكەت – مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.

دوسلارنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ، قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى بېرىشىنى ،ئىنىمغا غەيرەت – شىجائەت ، كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2011.01.30 ئاپتور: ش ئە ئۇيغۇرى

6 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.01.31
03:29
1-قەۋەت: «ي. م. ئىلقۇت» مۇنداق دېدى:

مېنىڭ قان تىپىم چۈشمەيدىكەن. بولمىسا مانا مەن قان بېرىشكە رازى ئىدىم.
ئىلگىرى مەكتەپتىمۇ قان تەقدىم قىلىپ باققان. ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا قان بېرىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزدۇر…
ئەپسۇس قان تىپىم…..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.31
06:47
2-قەۋەت: «ئۇيغۇر بالىسى» مۇنداق دېدى:

كىشنىڭ بېشىغا بۇنىڭدىن ئېغىر كۇن كەلمەيدۇ …
مىنىڭ ماس كەلمەيدىكەن مىڭ ئەپسۇس…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.31
07:43
3-قەۋەت: «ADIL» مۇنداق دېدى:
2011.01.31
11:10
4-قەۋەت: «نۇر» مۇنداق دېدى:

ھەي مىنىڭ قان تىپىم b ئىدى لازىم بولسا قولۇم كۆكسۈمدە!

ئۇلۇق ئاللا ئۆزلىرى شىپاتلىق بەرگەيلا!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.31
13:13
5-قەۋەت: «ئۈمۈد» مۇنداق دېدى:

مىنىڭ a يەنە ئقككى دوستۇمنىڭمۇ ئوخشاش aئىدى ئەپسۇس بىز خوتەندە ئوقۇشتا بوپ قالدۇق!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.2
14:12
6-قەۋەت: «تارىم0097» مۇنداق دېدى:

مىنىڭ قان تىپىم a ئىدى لىكىن مەندە bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بار ئەگەر جىگە ۋىروسى تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دەپ قالسا [دوختۇر]مەن بىرىشكە تەييار مىنىڭ ئورنۇم توقسۇدا
كوچادىن ناھايىتى 40كىلومىتىر كىلىدۇ
تىلىفون نۇمۇرۇم:13999663532

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.