قىسقا بولغان قىشلىق تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە، ھەم قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاپمۇ بولدى، بۇ مەۋسۈم نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە مەۋسۈم بولۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ۋە شۇنداقلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈپ ياتماقتا، ئەسلىدىغۇ ئۆزۈم بىر نۇتۇق سۆزلەپ كەڭ ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر قېتىملىق مەدەت بېرىپ قوياي دېگەنىدىم، ئەمما ماۋۇ باراك ئوباما دېگەن ئاداش مەندىنمۇ ياخشى سۆزلىگەچكە قۇرۇق پاراڭ سالماي دەپ شۇنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ئاخىرىدا شاھ ئۇيغۇر بلوگى نامىدىن بارلىق ئوقۇغۇچى دوستلارنىڭ يېڭى مەۋسۈمدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
تەرجىمە قىلغۇچى : كارو www.dozah.com
بلوگىمىزدا ئۆتكەندە ماھىر زەيىننىڭ بىر قانچە ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان تورداشلار ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى تۇنجى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئەمما قەۋەتلا ياخشى كۆرگەنلىكىنى، شۇنداقلا باشقا ناخشىلىرى بولسا بىرگە تەرجىمە قىلىپ قويۇشىمىزنى ئېيتقانىدى، يېقىندا ئۇنىڭ پەلەستىننى كۈيلەپ ئېيتقان بۇ ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ ئىشلەنگەن MV نى كۆرۈپ بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھر ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : KARDU
بەلكىم سىز نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ۋە بەلكىم نۇرغۇنلىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز كۆرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا Gregory Colbert قا ئوخشاش جاھاننى كېزىپ ئىنسان، ھايۋانات ۋە كەڭرى تەبىئەتنىڭ ئىنچىكە مۇناسىۋېتىنى تارتالىغان، شېئىرى ھېسسىياتقا باي كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ فىلىمدە تارتقان ھەر بىر كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن تەبىئىي بولۇپ ھېچقانداق يالغان ئارىلاشتۇرمىغان، ئۇ بۇ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلار ئارىسىدىكى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنى تېپىپ چىققان، ئۇنداقتا سىزمۇ تەبىئەتنىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى ئېلىنغان بۇ ھۈججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ چىقمامسىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىمدە ئاساسلىق بىر كونا سېھرىگەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ ئىزچىل سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە جاز مۇزىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنىڭ سېھرىگەرلىكتىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىمىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېھرىگەر قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىدا ئۇيۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلايدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئەلىس ئىسىملىك بىر قىز بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ…. ئۇنداقتا سېھرىگەر يەنە قانداق ئۇسسۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ؟ مەزكۈر كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ گەرچە دىئالوگ ئانچە كۆپ بولمىسمۇ ئەمما خېلى تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
PIXAR شىركىتى ھازىرقى كارتون فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە دىسنىيدىن قالسىلا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىن ئىبارەت، بۇ شىركەت 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ تاكى ھازىرغىچە كەڭ تاناشىبىنلارغا نۇرغۇنلىغان قىززىقارلىق شۇنداقلا مەنىلىك كارتون فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ كەلدى، كەڭ دوستلار كۆرىۋاتقان «ئۇيۇنچۇق كۇلۇبى» «ئېۋا»، «مۇسابىقە ماشىنىسى كۇلۇبى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر كارتونلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كارتون شىركىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان قىسقا كارتونلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، تۆۋەندە PIXAR شىركىتىنىڭ بىر قانچە نادىر كارتون فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىغا ئۇلاشقان بىر ئاتىنىڭ مۇسۇلمانلىق پەرىزىنى تۇلۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىش يولىدىكى ئىش پائالىيەتلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ياردىمىدە ماشىنا بىلەن ياۋرۇپادىن كېسىپ ئۆتۈپ بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەككىگە بارماقچى بولىدۇ، سەپەر جەريانىدا ئاتا-بالا ئىككىسى نۇرغۇنلىغان ئىشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، قېنى ئۇنداقتا بۇ ئاتا مەككىگە ماشىنا بىلەن بارالامدۇ يوق؟ تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىزلەر
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كەلگۈسىدىكى ياپونىيەدە ماشىنا ئادەملەر ئاللىقاچان ئىنسانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنىدى، گەرچە ئۇلار تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە بولۇپ ئائىلىدە ھەر خىل ئەمگەكلەرگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئادەم بولسىمۇ ئەمما تاشقى قىياپىتىدە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئىدى، فىلىمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ دەسلەپتە ئۆيىدىكى ماشىنا ئادەمنى پەقەتلا ئادەتتىكى ئائىلە بۇيۇمى ئورنىدا كۆرەتتى، كېيىن تۇيۇقسىز ماشىنا ئادەمدە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئەھۋاللار شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمگە بولغان پۇزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، فىلىم تەرجىمىسىنى Spx_Faruk ئىشلىگەن بولۇپ ياپون كارتۇنلىرىغا قىززىققۇچى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن فىلىم جەمئىي 10 قىسىم بولۇپ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى ئالدىن يوللىنىپ تۇرىدۇ
فىلىم ئىسمى : EVA نىڭ ۋاقتى
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
بەلكىم ناخشا خۇمار دوستلارغا ماھىر زايىن دېگەن بۇ ئىسىم ياد بولمىسا كېرەك، لىۋان ناخشىچىسى ماھىر زايىن (Maher Zain) كىچىكىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىنتايىن قىززىقىدىغان بولۇپ كېيىن شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، كېيىن داڭلىق ئىجادىيەتچى RedOne بىلەن بىرلىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەم ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كېلىپ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، ماھىر مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن سىز قۇيۇق ئىسلام پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېنگىلىز تىلىدا ئېيتىلغان بولۇپ بەلكىم ئۇ خەلقئارالىق ئورتاق تىل ئارقىلىق پۈتۈن كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ناخشىلىرىدا ئېنگىلىز تىلىنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز توردىن مىڭ تەسلىكتە تاپقان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ فىلىم تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان ھەم بىز دىققەت قىلمايدىغان ئاجايىباتلار تەسۋېرلەنگەن يەنە بىر نادىر ھۈججەتلىك فىلىم بولۇپ، فىلىمدە ئوپىراتور ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر بىر جانلىقلارنى سىز ئويلاپ باقمىغان ئەڭ كىچىك ھالقىلاردىن سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئالاھىدە تۇيغۇ ئاتا قىلىغان، مەزكۈر ھۈججەتلىك فىلىم ئارقىلىق كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى جانلىقلار دۇنياسىنىڭ نەقەدەر ئاجايىباتقا تولغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
يېزىقى : ئۇيغۇرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىم 1992-يىللىرىدىكى كوردلار بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاساسلىق ۋەتەن سۆيگۈسى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە تۇلۇق چۈشىنىپ كېتىش ناتايىن، چۈنكى فىلىمدە كۆپىنچە سۈرەتكە ئېلىنغىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كوردلار بىلەن جەڭ قىلىشقان ئەھۋاللىرى بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىلىرى، بەلكىم رېژىسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بارلىقىنى تەسۋېرلىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغىنىنى كىنوخۇمارلار ئۆزلىرى كۆرۈپ بىر نېمە دېسۇن
فىلىم تىلى : تۈركچە
خېتى : ئۇيغۈرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
مەزكۈر كارتون فىلىم ئەنگىلىيە كارتون شىركىتى Aardman نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى بولۇپ، تىپىك ئەنگىلىيە كىشىلىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئالغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي كارتونلىرىنىڭ بىرى، « ۋاللاس ۋە گرومىت » نىڭ بىرىنچى قىسمى A Grand Day Out ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەم شۇنداقلا ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئارقىدىنلا ئىككىنچى قىسمى The Wrong Trousers ۋە A Close Shave دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئېلان قىلىنىپ ئايرىم ئايرىم شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر قىسىمدا ۋاللاس ۋە ئۇنىڭ ئىتى گرومىت يېڭى بىر بولكىخانا ئاچىدۇ، تىجارىتى تازا روناق تېپىۋاتقان پەيتتە ساھىبجامال قاتىلغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئاخىرىدا….. ئەڭ ياخشىسى كارتوننىلا كۆرۈڭ، تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ كارتونمۇ قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەمما ھەر دائىم رەت قىلىنىپ كەلگەنىدى، بۇ چاغدا ئۇ بىر ئوساما بېنلادىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەمنى بايقاپ قالىدۇ، ھەم ئۇ ئارقىلىق يالغان بېنلادىننىڭ سىنئالغۇسىنى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئامېرىكىغا بارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشى بىر تالاي ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا ئەلى ئامېرىكىغا بارالامدۇ يوق؟ نەزىرىڭىز شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تورداشلار بەلكىم 2012 فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىمدە رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاخىرقى زامان ئالامەتلىرى رىئاللىق بىلەن زىچ بىرىكـتۈرگەن ئاساستا ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنمۇ پۈتكۈل كىنو ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، زامان ئاخىرى، ئاخىرقى زامان توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر ئىزچىل مەۋجۈد، ھەر قايسى دىن ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاخىرقى زامان توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشاش بولغان شۇنداقلا ھەم ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار ، ئۇنداقتا زامان ئاخىرى راستتىنلا يېقىنلاپ كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سۆزى بۇيىچە بۇنى پەقەت قادىر ئاللالا بېلىدۇ، ئۇنداقتا بىز قېنى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى…
ھۆججەتلىك فىلىم : 2012-يىلى راستتىنلا زامان ئاخىرىمۇ؟
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى ، ش ئە ئۇيغۇرى
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن تەرجىمە خەتلىك فىلىملەر بولسۇن ۋە ياكى ناخشىلار بولسۇن باشقىلارنى نورمال كۆرسۇن، ئۆچۈرۈلۈپ كەتمىسۇن دېسىڭىز چوقۇم بلوگ باشقۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق تور بېكەتتە كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، تەرجىمە قىلىنغان ھەر قانداق فىلىملەرنىڭ ئەسلى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پەقەت كۆرۈش ئادىرىسىلا تەمىنلىنىدۇ، چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇڭلاشقا چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەلەپ قىلىنغان ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇلمايدۇ، خەۋەردار بولغايسىزلەر...
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بلوگىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقانلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بۈگۈندىن باشلاپ 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بلوگقا ئەڭ كۆپ ئىنكاس قايتۇرغان ئون ئاكىتىپ ئىنكاسچى تورداشقا ماھىر زايىننىڭ ئېلان قىلغان تەرجىمە خەتلىك ناخشىلىرىدىن ئىنشائاللاھ، پەلەستىن ۋە قولۇمنى تۇت دېگەن ناخشىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تارقىتىپ بېرىلىدۇ
دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانخانىسى
كارتون فىلىم : ئېۋانىڭ ۋاقتى (داۋاملىق تەرجىمىدە)
ھىندىستان فىلىمى : سىياسەت
ھىتلېرنى قەستلەش
تېلېۋىزىيە تىياتىرى : دوختۇر خائۇس
تۈركىيە فىلىمى : 102
كۇردلار ۋادىسى - ئىراق
قۇشلارنىڭ كۆچۈشى
تۈركىيە فىلىمى : ئۈچ مايمۇن
سۈرئەت ۋە ھېسسىيات
ئىران فىلىمى : ئوۋچى
ئىجتىمائىي ئالاقە تورى facebook
بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەس
ئۇيۇنچۇقلار ھېكايىسى 3
ھىندىستان فىلىمى : كومىدىيىلىك رەقىبلەر
ھىندىستان فىلىمى : نيۇيورك
يىگانە926 بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ماھىر زايىن ناخشلىرىدىن تاللانما 2 | |
نۇرئەخمەت بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: بىر ئاتىنىڭ ھەج سەپىرى | |
يۈكسەل بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئوبامانىڭ ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى | |
تورباجىن بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئوبامانىڭ ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى | |
كۆرەش بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ماھىر زايىن ناخشلىرىدىن تاللانما 2 | |
قازانچى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: كارتون فىلىم : رەزىل مەن | |
نۇرقۇت بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: پىكىرخانا | |
ش.ئە.ئۇيغۇرى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: پىكىرخانا | |
نۇرقۇت بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: پىكىرخانا | |
ش.ئە.ئۇيغۇرى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: كارتون فىلىم EVA نىڭ ۋاقتى (4-قىسمى ئېلان قىلىندى) | |
بىرزات بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: كارتون فىلىم EVA نىڭ ۋاقتى (4-قىسمى ئېلان قىلىندى) | |
ئۇيغۇربەگ بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئوبامانىڭ ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقى |