ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : ئۈچ ئەخمەق

Post image of ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : ئۈچ ئەخمەق
سەھىپە: فىلىملەر باھا: 37

ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : ئۈچ ئەخمەق

بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى يەنە بىر نادىر فىلىم بولۇپ فىلىمدە مەكتەپ، ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يەنى ئاتا-ئانىنىڭ پەقەت ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ بالىنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىنى دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا، ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشتىن قورقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى چىن ۋە يۇمۇرىستىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، مەزكۈر فىلىمنى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى


مەزكۈر فىلىم تورداشلارنىڭ تەلىپى بىلەن شۇنداقلا ئەركانى ۋە ئەخمەتجاننىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن تەھرىرلەندى، ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

2011.03.4 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

37 تورداش باھا بەردى، سىزچۇ؟

تورداشلارنىڭ باھاسى
2010.12.28
12:33
1-قەۋەت: «ئابلىز» مۇنداق دېدى:

رەخمەت كىنو لار بەك ياخشىكەن مەن تەرجىمە كىنۇ لار نى ناخايتى ياختۇرما

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.28
12:34
2-قەۋەت: «ئابلىز» مۇنداق دېدى:
2011.01.20
20:14
3-قەۋەت: «لىدا» مۇنداق دېدى:

ئالامەت پىچەت كىنو كەن سىلەنىڭ تەرجىمە كىنورىڭلانىڭ ئادىرىسى نەدە؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

قايسى ئادىرىسنى دەيدىغانسىز؟ بىزنىڭ ئادىرىسىمىز مۇشۇ شاھ ئۇيغۇر بلوگى شۇ، ئۇندىن باشقا ئادىرىسىمىز يوق

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.22
07:16
4-قەۋەت: «ئىمپىراتور» مۇنداق دېدى:

فىلىم تېما ۋە مەزمۇن جەھەتتە قالتىس ئىكەن، تەجرىمىسىمۇ ئالامەت ياخشى بوپتۇ. تەرجىمىگە ئەجرى قىلغۇچىلارغا رەھمەت!!!!!!!!!!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.26
14:04
5-قەۋەت: «ئابلىز» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنۇ نى كوگەنسىرى كورۇپ قا نمايمە رەخمەت سىلەر گە
ئەگەر ۋاختىڭ لار يار بەرسە بۇ كىنو لار نى تەرجىمە قىلساڭ لا Avatar ) )
(难以置信的爱)

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئاۋاتار فىلىمىنى خېلى بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىپ بولغان، يەنە بىر فىلىمنى ئىزدەپ باقساق بولىدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


پاسىبان مۇنداق يازغان:

تەرجىمە سىلەرنىڭكىدە ئەمەسما؟ ئىزدەپ تاپالمىدىم. قۇتيار تورىدىمۇيە؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.31
03:55
6-قەۋەت: «ماھىر» مۇنداق دېدى:

بۇكىنو بەك ياخشىكەن
ناھاتى ياخشى تەرجىمەقىلىپ سىلەر رەخمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.18
03:15
7-قەۋەت: «قازانچى» مۇنداق دېدى:

ياخشىمۇسىز شاھ ئۇيغۇر
بۇ كىنونى نېمىشقا ئىلگىرى كۆرمىگەندىمەن دەپ كەتتىم، ئاخشام بۇ كىنونى تولۇق كۆرۈپ چىقىپ بەكمۇ تەسىرلەندىم، ئىلگىرى ھىندىستان-پاكىستاننىڭ كىنولىرىنى قەتئىي ياقتۇرمايتىم ئەمما بۇ كىنو ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ھەقىقەتەنمۇ ياشلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىغا ئەرزىگۈدەك كىنو ئىكەن، بۇ كىنودىكى ۋەقەلىك بەلكىم توقۇلمىدۇ لىكىن ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىر ھازىرقى ئالى مەكتەپ، ئۇنۋان، ئىشسىزلىق بۆھرانلىرىغا قارىتا يول كۆرسۈتۈپ بېرەلگۈدەك.
توغرا قەغەزنىڭ نېمە كېرىكى، بىر پارچە قەغەز(دېپلوم) ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويالامتى، مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم بۇ «قەغەز قوراللار دەۋرى» بىلەن قاچانمۇ خوشلىشارمىز…؟!
ئاخىرىدا تەرجىمىڭىزگە راھمەت ئېيتىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئەززام مۇنداق يازغان:

پىكرىمىز بىردەككەن . :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.25
02:46
8-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنو ھەققەتەن ياخشى چىقىپتۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.25
17:28
9-قەۋەت: «تورباجىن» مۇنداق دېدى:

بەك ئېسىل كىنوكەن. كۆرۈپ بولغىچە كۈلۈپ چىقتۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.5
02:52
10-قەۋەت: «ئابرال» مۇنداق دېدى:

مۈمكىن بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئېلخەت 45661336@qq.com

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.5
02:53
11-قەۋەت: «ئابرال» مۇنداق دېدى:

مۈمكىن بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بىرەلەرسزمۇ؟ ئېلخەت 45661336@qq.com

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.5
05:26
12-قەۋەت: «نۇرقۇت» مۇنداق دېدى:

ئۆزگىچە كىنو جۇما بۇ، چوقۇم كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. يېڭى چىققاندىلا ئەسلى تىلىدا كۆرگەن ئىدىم.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.5
09:10
13-قەۋەت: «ئالىمجان» مۇنداق دېدى:

فىلىمنى باشقا تور بوشلىقىدا قويسىڭىز بولامدۇ ؟
ياڭيۇ تورى نىڭ سۇرئىتى بەك ئاستا ئىكەن .
ئاقساقاللىق قىلىپ سالدىم ….

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

ئاشۇنداق بوشلۇق بولسا تەمىنلىمەمسىز؟بولسا بىۋاستە چۈشۈرۈپ كۆرىدىغان قىلغىلى بولار…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


8كوچا مۇنداق يازغان:

ئۇنداق چۈشۈرگىلى بولىدىغان جاي بولسا ما شاھ ئەپەندىمنىڭ قۇيقا
چېچى تىك تۇرا….ھې ھې

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

خۇشاللىقتىن چاچلىرىم تىك بولۇپ كېتەتتى


پاسىبان مۇنداق يازغان:

优酷 ياخشىمىكەن دەيمەن. مەندە بۇنىڭ سۈرئىتى تىزراق چىقىدۇ. 56 نىڭ ئېلانلىرىمۇ بەك بەزەپ. بەزى ئېلانلىرىدىن ئادەم سەسكىنىدۇ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.6
10:41
14-قەۋەت: «ئەمىن» مۇنداق دېدى:
2011.03.6
13:15
15-قەۋەت: «ئىزدەنگىن» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەن ئىسىل كىنوكەن، بۈگۈن ئاران دىگەندە بىر دەم ئېلىش بوپتىكەن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز. ياخشى تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي… رەھمەت! :oops:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.6
16:15
16-قەۋەت: «ئۇيغۇرۇم» مۇنداق دېدى:

رەھمەت سزىگە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.7
14:48
17-قەۋەت: «ئەركانى» مۇنداق دېدى:

بۇ فىلىم ئۆتكەن بىر يىلدا ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە سىرلانكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەيغا خەلقئارا كىنو كۆۋرۈكى قاتارلىق داڭلىق كىنو بايراملىرىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ، فىلىم ۋەقەلىكى ۋە ناخشىلىرى ئۆزگىچە، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن ، فىلىم ئىشلەشكە كەتكەن ۋاقىت ئىككى يىل بولۇپ، رېژىسسور ۋە ھەر قايسى ئارتىسلارنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن، بۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدە بۇ فىلىم: «ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى ئەر ۋە ئايال باش رول ۋە قوشۇمچە رول» مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى……
بۇ فىلىم مېنىڭچە، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان، بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىدىغان ۋە ئارزۇ تولدۇرۇپ، كەسىپ تاللايدىغان، كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ….
فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ، سىزمۇ ئىختىيارسىز ئۆزىڭىزدىن سورايسىز….
مەن نېمىگە قىززىقىمەن؟….كەلگۈسىدە نېمە بولىمەن؟….قانداق كىشىلىك قىممەت بىلەن بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمەن؟….دېگەندەك سوئاللار….

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئىزدەنگىن مۇنداق يازغان:

توغرادەيسىز، دىمىسىمۇ نۇرغۇن بالىلار پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ يوليۇرۇقى بويىچىلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى چىقىش يولىنى تاللايدۇ،بىراق ئۆزىنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆرسەتكەن يولىمۇ خاتا ئەمەس، لىكىن ئۇمۇ بىر ئادەم بولغاندىكىن ئۇنىڭمۇ بەلگىلىك كۆز قارىشى بولىدۇ………
مەنمۇ پۇرسەت بولسا بۇ كىنونى ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەشۋىق قىلىپ قوياي دەۋاتىمەن….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.9
04:37
18-قەۋەت: «پاسىبان» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنونى كۆرۈپ ھىندىستاننىڭ ھازىرقى كىنو ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ خېلى يامان ئەمەس بوپقالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇرۇنقى فىلىملىرىدە ئاساسى رولچىنى بەك غايىۋانە ھەم لاۋزا چىقىرىۋېتىتى. ئۇنىڭ مۇشى تەگمەي تۇرۇپ دۈم چۈشىدىغان، مۇشلاشسا 1 مۇش يىمەيدىغان، قىز بالا ياردەمگە ئىھتىياجلىق ۋاقىتتا چوقۇم پەيدا بولىدىغان، بىرسى يەنە بىرسىنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان… قارىسا ھەممىسى بىرخىلدەك.
بەلەن كىنوكەن، ياخشى تەرجىمە بوپتۇ! جاپا چەكتىڭلار

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.9
05:04
19-قەۋەت: «پۇتبول» مۇنداق دېدى:

يوۋكۇ تورىغا يوللىساڭلار بوپتىكەن، تۇدۇ دىن ئۆچىرىۋىتىپتۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.9
05:33
20-قەۋەت: «سەيياھ» مۇنداق دېدى:

بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم . ھىندىستاننىڭ فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسىدە زور ئۆزگىرىش بۇلۇۋاتىدۇ . بۇلۇپمۇ‹ ئۈچ ئەخمەق› فىلىمىدىكى ناخشىلار بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈزىۋىتىدىغان بۆلىكى ئەمەس بەلكى قايتا قايتا ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ .
ھىندىستاننىڭ‹ ماشىنا ئادەمنىڭ مۇھابىتى ›دەيدىغان بىر فىلىمىنى بۇلىدىغان ، ئەگەر تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دىسەڭلار كۆرۈپ بېقىڭلار خېلى ياخشى ئىشلەنگەن .
شاھ بىلوگىنىڭ ياخشى فىلىملەر بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەخمەت .

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.9
17:08
21-قەۋەت: «كارو» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنونىڭ تەرجىمىسى بەكلا ياخشى چىقىپتۇ. ئەركان خوتەنى ئەپەندىمنىڭ كىنو تەرجىمە قىلشى راسلا ئۆزگىچە جۇمۇ.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.10
14:48
22-قەۋەت: «سايە» مۇنداق دېدى:

مەن بەكمۇ ھاياجانلاندېم بەك ياخشې ئش قىپسلە سلەرگە اللا يار بولسۇن ئشلرىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن–

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
13:17
23-قەۋەت: «مەۋلان» مۇنداق دېدى:

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى بىر كۆرگىدەك كىنو بۇ. ئاغىنە دېگەن مۇشۇنداق بولسا….ھەي…………………..

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.18
14:41
24-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» مۇنداق دېدى:

مەن بۇرۇن بۇ كىنونى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،لېكىن ئىسمىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان.ياتاقتىكى خەنزۇ ساۋاقداش بىزگە بەك ماس كىلدۇ،چۇقوم كۆرۈڭلار دىگەنىدى ،خەنزۇچە-ئىنگىلىزچىسىنى كۆرۈپتىكەنمەن،راستىنلا بەك يارىغاندى،يەنە كىلىپ جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ ئەھۋالىنى ھىندستانلىقلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدم.يەنى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىيتقاندەك«جۇڭگۇ مائارىپى يادلاش مائارىپى،ئامىركا مائارىپى ئەمەليەت مائارىپى.»ئەمدى بىركۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئانام بەرگەن تىلدا كۈرۈپ چىقمايدىغان بولسام.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.23
12:39
25-قەۋەت: «داۋان» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن بۇ كىنونى بەكلا ياقتۇرۇپكۈرۈۋاتاتتىم كىنو يېرىم بۇلىشىغىلا تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپقالدى داۋامىنى كۈرۈشكە شۇنچە ئنتىزارمەن ئېغىر كۈرمەي داۋامىنى كۈرۈشنىڭ ئامالىنى دەپبەگەنبولساڭلا قايتا قايتا كۈرسەممۇ پەقەت داۋامىنى كۈرەلمىدىم [ ئىنكاسىم جاۋابسىز قالمىغاي قېرىنداشلار]

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

مەن بىر نەچچە كومپيۇتېردا سىنىسام نورمال چىقتى بولمىسا، شۇنداقتىمۇ كۆرۈش ئادىرىسىنى يېڭىلاپ قويدۇم، قايتا كۆرۈپ باقارسىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار


داۋان مۇنداق يازغان:

سىزگە كۆپتىنكۆپ رەھمەت قېرىندىشىم :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz: :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.30
13:37
26-قەۋەت: «ساداقەت» مۇنداق دېدى:

فىلىم قۇيۇلمىدى،مەن ئەسلىي تىل خەنزۇچە خەتلىكىنى كۆرگەن.ئۇيغۇرچە خەتلكىنى كۆرگۈم بار ئىدى.. :cry: :cry:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.