تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : كۇردلار ۋادىسى-ئىراق

Post image of تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : كۇردلار ۋادىسى-ئىراق
سەھىپە: فىلىملەر باھا: 29

تۈركىيە ھېكايە فىلىمى كۇردلار ۋادىسى-ئىراق

كۇرلار ۋادىسى ئىراق، ئاساسلىق 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى باش شىتابىغا ھۇجۇم قىلىپ 11 نەپەر تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرىنى بېشىغا خالتا كەيگۈزۈپ ئېلىپ ماڭغانلىقتەك ھەقىقى ئىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ، گەرچە كۇردلار ۋادىسى ئىراقتىن تارتىپ يېقىندا ئېلان قىلىنغان كۇردلار ۋادىسى پەلەستىن قاتارلىق فىلىملەرنىڭ بىرەسمى يول ئارقىلىق كىرگەن ئۆزبېكچە ھەم تۈركچە نەشىرلىرىنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما گۇرۇپپىمىز رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگەن نۇسخىسى كۇردلار ۋادىسى ئىراقنى خەتلىك قىلىپ كەڭ تاماشىبىنلار ھوزۇرىغا سۇندى

تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى، شەمسى(سىراج بلوگى)


 مەزكۈر فىلىمنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرمەڭ

2011.03.10 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

29 تورداش باھا بەردى، سىزچۇ؟

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.03.10
15:32
1-قەۋەت: «نۇرئەخمەت» مۇنداق دېدى:

بۇنداق ئېسىل فىلىملارنى تەرجىمە قىلىپ بىزلەرگە سۇنىۋاتقان قوللارغا ئاپىرىن!كېيىنكى قىسىملىرىنى يوللىشىڭلارغا تەقەززامەن قېرىنداشلار!ئاخىرى 1-بۇلۇپ ئىنكاس يېزىۋالدىم،ھاھاھاھا! ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.10
15:32
2-قەۋەت: «كارو» مۇنداق دېدى:

يامان نامىنى ئاڭلاپ كەتتىم بۇ كىنونىڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.10
15:53
3-قەۋەت: «قازانچى» مۇنداق دېدى:

يائاللا ھەجەپمۇ يوقاپ كەتتىڭىز، تازا ئاچچىقىم كەلگەندە تېما يوللاپسىز، ئەسلى ئىراقتا يۈرۈپتىكەنسىزدە، دەپ قويىدىغان مانداق يوللۇق تۇتاتتۇق ئەمەسما، ئىراقتىن قاق-پاق ئەكىلەمدىكىن دېسە پولات ئەلەمدار بىلەن پىقىراپ يۈرۈپلىدە.
ئەمىسە باشلىۋەتتىم كىنو دېگەننى. :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

تەرجىمە دېگەن ئەشۇنداق بولىدىكەن، تەستە پۈتىدىكەن، شۇڭلاشقا ساقلىتىپ قويدۇم، بۇندىن كېيىنمۇ جاھان كېزىپ يەنە يېڭى نەرسىلەر بولسا تەمىنلەپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن، ئەمما ۋاقىت ئۇزاقراق بولۇپ قالسا رەنجىشمىگەيلا :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
00:20
4-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

ھىم،ما كاتتا كىنونى ھۇزۇرلۇنۇپ بىر كۆرۈۋېتەي ھە…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
01:00
5-قەۋەت: «جەۋلان» مۇنداق دېدى:

چۈشۈرۋالغان بولساق تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاتتىكەنتۇق.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
01:33
6-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» مۇنداق دېدى:

ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم قىرنداشلار،ئامانمۇ سىلەر؟!
مەن بۇ تور بەتتىكى كىنولارنى قانداق چۈشۈرۈشنى دەپ ئۆتەي:1.يەنە بۇ بەتتىكى كىنو قويۇلۋاتقاندا،ئىكراننى قوش چەكسەك ،بۇ كىنو قايسى تور بەتنىڭ بولسا شۇنىڭغا ئۇلىنىدۇ،يەنە ئۇلاپ كۆرسىتىش.ياكى بۇ كىنونىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى بويىچە يىزىپ ئاشۇ توربەتكە،ياكى بەيدۇغا يىزىپ ئىستىسەك ،تاپالايمىز.2.ئەمدى ئالدىقى شەرت شۇكى سىزنىڭ كومپىيۇتېرڭىزغا مۇشۇ كىنولار ئۇلىنىدىغان تور بەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش دىتاللىرى ئورنىتىلغان بولىشى كىرەك.يەنىwww.56.comنىڭ56icanدەيىدىغان.www.tudou.comنىڭ itudouدەيدىغانچۈشۈرۈش دىتاللىرى قاچىلانغان بولىشى كىرەك.سىز مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز،مەن ھازىرچە مۇشۇ ئىككى تور بەتتىن ئىلىنپ تەرجىمە قىلىغان كىنولارنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشۈرۋالدىم.qqنۇمىرىم 1603330964ئەگەر يەنە چۈشەنمىگەنلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقلەشسەڭلار،بىلگىنىمى ئايىمايمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


8كوچا مۇنداق يازغان:

ھېچبولمىسا روخسەتسىز چۈشۈرۈپ يۈرمىگەنسىلە ھە؟؟؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

بۇ ئۇسۇلدا چۈشۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
07:39
7-قەۋەت: «كۇلمەس» مۇنداق دېدى:

رەخمەت شاھ ئەپەندىم كوپ رەخمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
09:00
8-قەۋەت: «8كوچا» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، شاھ ئەپەندىم ، كۆپ جاپا چېكىۋاتىسىلەر جۇمۇ!
كىنۇنىڭ يېرىمى قالدى كەچتە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كۆرەي…
ئاۋۇ بىنلادىننىڭ كىنۇسىنى يوللاپ بەرسىڭىز بولارمۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
09:49
9-قەۋەت: «پاسىبان» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاللا سىلەرگە ئەجىر بەرگەي. سىلەرنىڭ بوشاشماي بۇ ئىشنى داۋام ئىتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
مەن ‹‹كورتلار ۋادىسى-ئىراق›› فىلىمنى كۆرۈپ يېرىملاشقاندا چىقمىدى، باشقا ئامال قىلالمىدىم،قانداق قىلسام بولار، سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويدۇم،

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

يېڭىلاپ قويدۇم، قايتا سىناپ كۆرۈڭ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


پاسىبان مۇنداق يازغان:

مەن بۈگۈن يەنە كۆرەلمىدىم ، بېشى نەچچە سىكونت يىرى چىقىپلا چىقمىدى، بەك كۆرگۈم بار ئىدى، ئەپسۇس….

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.11
11:23
10-قەۋەت: «ھۈسەنجان ھەسەن» مۇنداق دېدى:

يېقىندا چىقىنىنى بەك ئېسىلدەيدىغۇ ، ئىسرالىيەنىڭ تۇركىيە پاراخوتىغا خۇجۇم قىلغىنىنى تەسۋىرلەپ ئىشلىگىنىنى .
ماۋۇسىنى كۆرۇپ بوپتىكەن مەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.13
03:13
11-قەۋەت: «پاراسەت» مۇنداق دېدى:

كوردلار ۋادىسى ئىراق دىگەن فىلىمنىڭ ئاخىرى يوققۇ؟ ئاخىرى نەدە

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

بۇ پەقەتلا مۇشۇ بىر قىسىمغۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى پۇسۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى پەلەستىن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.13
04:51
12-قەۋەت: «چەۋەندازلار بلوگى» مۇنداق دېدى:

مۇشۇ فىلىم بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىناۋىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى ۋە پولات ئالەمدارمۇ دۇنياۋى كىنو چولپىنى بولۇپ كەتتى. فەلەستىننى ئىشلىگىنىنىڭ سۈزۈك قىسمى چىققاندىمۇ، ئىلگىرى كېنو خانىدا تارتىۋالغان قىسمىنى چۈشىرىۋالغان ئىدىم، يۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.13
12:36
13-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

فىلىمنى ئاخىرى كۆرۈپ چىقتىم،تولىمۇ ئەپسۇس،فىلىم نامى خاتا تەرجىمە قىلىپتۇ، بۇ كۇردلار ۋادىسى ئەمەس،بەلكى بۆرىلەر ۋادىسى دېگەن فىلىم ئىدى…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ياخشىمۇسىز، فىلىمنىڭ ئەسلى ئىسمى بۇيىچە كۇردلار ۋادىسى دەپ ئالدۇق، چۈنكى فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە شۇنداقلا ئۆزىدىمۇ تۈركچە ئىسمى شۇنداق يېزىقلىق ئىكەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

تەرجىمە قىلغاندىكىن بىراقلا تەرجىمە قىلمامسىلەر؟ :roll:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.14
14:30
14-قەۋەت: «ئوسمان ئۇيغۇر» مۇنداق دېدى:

ئەپەندىملەر،ماۋۇ كىنونىيىڭلار زادى چىققىلى ئۇناي دىمەيدىيا ئەجەپ؟ئانام بەگەن تىلدا كۆيەي دىسەم چىقمىدى،خەنزۇچە-ئىنگىلىزچىسىنى كۆسەم ،كنو كۆگەندەك بوممىدىم،بى ئوبدانياق ئۇلىنىش قىساڭلا بومماسما؟ ساۋاب بولادى ماندا؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئوسمان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

خۇداغا شۈكىرى بۇگۈن چىقىدىغان ئوخشايدۇ؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

سىز چىقمىدى دەپ زارلىغان كۈنى تېلېگرافتىن تورنى تەڭشىگەن كۈنى، پۈتكۈل رايۇندا تور سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالغاچقا چىقمىغان گەپ، ھېلىمۇ ئۇلىنىشىنى ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويدۇم، بىر قانچە كومپىيۇتېردا سىناق قىلىپ باقتىم ھەممىسىدە نورمال، يەنىلا چىقمىسا ئۇنداقتا ئامال يوق… :???:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ئوسمان ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

بۈگۈن چۈشۈرۋاتىمەن،چۈشۈرۈپ بولۇپ ئاندىن كۆرمەكچى،چۈشۈرسەمغۇ چىقا؟ خاپا بولماڭلار ، :razz:

2011.03.15
16:35
15-قەۋەت: «چۈشتاق» مۇنداق دېدى:

خالىس ئەجرىڭلار تېخىمۇ كۆكلىگەي. تېخىمۇ نادىر فىلىملارنى تەرجىمە قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
ھە راست، «يىگانە ئارالدىكى ھايات»(荒岛余生) دەيدىغان بىر فىلىم بولىدىغان، تەرجىمە قىلمىغان بولساڭلار شۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.16
07:15
16-قەۋەت: «مەۋلان» مۇنداق دېدى:

رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگەن نۇسخىسى دېگىنىڭىز قايسى نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ئەسلى نۇسخىسىدىن قانچىلىك پەرىقلىنىدۇ؟ :???:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش.ئە.ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ئەڭ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگىنى ئاساسى جەھەتتىن فىلىمنىڭ ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسى بولۇپ ئاۋاز ۋە ياكى سۈرەت ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغىنىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق فىلىملەرنى ئالدى بىلەن خەنزۇچىغا تەرجمە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بىزلەر تەرجىمىگە ئىشلىتەلەيمىز، بىرەسمى يول ئارقىلىق كىرگىنى فىلىم كىنوخانىدىن تارتىلغان ياكى باشقا دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ (مەسىلەن كۇردلار ۋادىسىنىڭ ئۆزبېك تىلى نۇسخىسى) ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن فىلىملەردۇر.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.03.16
10:27
17-قەۋەت: «ئەركىيە» مۇنداق دېدى:

بۇ كىنونى كۆرۈپ ئىنكاس يازماي چىقىپ كەتكىم كەلمىدى،بىر بىگۇناھنىڭ ئۆلىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلىشى بىلەن باراۋەر دىگەن سۆزنى سىز تەرجىمە قىلغان كىنودا ئىككنچى قېتىم ئاڭلىشىم ،كىنودىكى بەزى دىئالوگلاردكى سۆزلەرنىڭ ناھايىتى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى باركەن، تېخىمۇ ناەىر تەرجىمە كىنولىرىڭىزغاتەقەززا.سىزگە كۆپ تەشەككۈر

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.