شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

Post image of شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى
سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگۈسى، فىلىملەر باھا: 39

شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار

بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، گەرچە شاھ ئۇيغۇر بلوگى قۇرۇلغاندىن بۇيان بلوگباس مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەمدە مۇشۇ بلوگباس مۇلازىمىتىدە ئىككى يىل مابەينىدە تەرەققى قىلىپ مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن رايونىمىزدا تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بلوگباس سۇپىسنىڭ ئۈزلۈكسىز بلوگگېرلارغا ئېلىپ بارغان ھەرخىل چەكلەشلىرى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇرن بلوگگېرلاردا بلوگباستىن زېرىكىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ قويغانىدى، ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپلا مۇستەقىل نام ئېلىپ بلوگ قۇرۇش ئۇيۇممۇ بار ئىدى. ئەمما شۇ خىزمەت ھەم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، كومپىيۇتېر ئالدىغان كەلگەندە بولسا تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ بۇ ئىشلارغا پەقەتلا ۋاقىت ئاجرىتالمىغانىدىم. لېكىن بۇ قېتىملىق، يەنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا يۈز بەرگەن بلوگباستا تۇيۇقسىز ھۈججەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك ئەھۋالى مېنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىشىمگە يېتەرلىك ۋاقىت ھەم باھانە ئاجرىتىپ بەرگەن بولدى. خۇددى كيۇكيۇ بىلەن 360 نىڭ جىدىلى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى MSN دىن ئىبارەت ئۇيغۇرچە يېزىق تۇنۇيالايدىغان ياخشى بىر پاراڭلىشىشى دىتالى بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىغا ئوخشاش ( گەرچە ئىشلىتىۋاتقانلار يەنىلا ئاز ساندا بولسىمۇ )، بۇ قېتىملىق بلوگباسنىڭ كاشىلىسى ئۇيغۇر بلوگ ھەۋەسكارلىرىغا مۇستەقىل بلوگ سۇپىسى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرغانىدى، شۇنداقلا ۋوردپرەسنى قايتىدىن كەڭ بلوگگېرلارغا تۇنۇتقانىدى، كەمىنە ش ئە ئۇيغۇرىمۇ گەرچە تور بەت توغۇرلۇق ھېچقانداق تەجرىبەم بولمىغان بىر كود قارىغۇسى بولساممۇ ئەمما ئۇيغۇرچە، خەنچە تور بەتلەردىن ئاقتۇرۇپ، سىنلىق ئۆگىنىش دەرسلىكلىرى ھەم ھەرخىل ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ يۈرۈپ ئاز-تولا بولسىمۇ بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم، ھەم ئۆگەنگەنلىرىم بۇيىچە ۋوردپرەسنى كومپىيۇتېرىمدا قوزغىتىپ سىناق قىلىپ يۈرۈپ ۋوردپرەستىن ئىبارەت بۇ ئاداشنىڭ ھەقىقى بلوگ قۇرۇشتا ئالدىنقى تاللاش بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ۋوردپرەسنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نەشىرى ھەم ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بلوگ ئۇسلۇبلىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بايلىق بولدى، ھەم نۇرغۇنلىغان يوللارنى قىسقارتىشىمقا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ۋوردپرەسكە ئەجىر سىڭدۈرگەن دوستلارغا ۋە ئۇيغۇربەگ بلوگىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، كۆڭلۈمدە بۇنداق ياخشى نەرسە بىلەن بالدۇرراق تۇنۇشالمىغىنىمغا ئازىراق پۇشايمانمۇ قىلغان بولدۇم، ئەلۋەتتە تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەچكە بۇ ئىشلارغا ۋاقىت چىقماسلىقىمۇ تەبىئىي ئىدى، ئەمدىكى گەپ مەخسۇس تور نامى ھەم بوشلۇق ئېلىپ توردا سىناق ئېلىپ بېرىش ئىدى، مەندەك بىر تەييار بلوگباسنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك نامىنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ كەتكەنلەرگە نىسپەتەن بۇمۇ بىر يېڭى ئىش ھېسابلىناتتى، ئەمما ئۇيغۇربەگ تۇرايىدىكى پرېستان ئەپەندى ۋە شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى قارمىقىدىكى www.uydata.com تورىنىڭ ياردىمىدە بۇ قىيىنچىلىقلىرىممۇ ھەل بولدى، بولۇپمۇ پرېستان ئەپەندىنىڭ زېرىكمەي – تېرىكمەي چۈشەندۈرىشى بىلەن مەزكۈر بلوگنى كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك تېخىمۇ كۆركەم، تېخىمۇ مۇكەممەل ھالدا ئوڭۇشلۇق ھالدا يۆتكەپ كەلدىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى ئورۇن ۋە شەخىسكە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەپسۇسلىنارلىقى بلوگنى يۆتكەش جەريانىدا بارلىق تېمىلارنى يۆتكىمەستىن مەزمۇنلارنى تاللاپ يۆتكىگەنلىك سەۋەبىدىن تورداشلارنىڭ بۇرۇنقى بلوگقا يوللانغان ئىنكاسلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە مۇمكىن بولماي قالدى، بۇنىسىنى تورداشلار توغرا چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.

 خوش، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا يېڭىدىن كۆز ئاچقىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان شاھ ئۇيغۇر بلوگى تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن مۇستەقىل بلوگ بولۇش يولىغا قەدەم تاشلىدى.  ئەمدىكى گەپ داۋاملىق راۋاجلىنىشتا، بۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ داۋاملىق قوللىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر ئەلۋەتتە، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن

شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى :   WWW.SHAHBLOG.NET

2010.12.19 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

39 تورداش باھا بەردى، سىزچۇ؟

تورداشلارنىڭ باھاسى
2010.12.19
15:24
1-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭى تۇرايىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن ھەمدە مەزكۇر تۇرانىڭ كۈنسىرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن!…

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

رەھمەت دوستۇم ، خۇدايىم بۇيرىسا دېگىنىڭىز كەلگەي

بۇ باھاغا پىكرىم بار


كۆرەش مۇنداق يازغان:

مەنمۇ قاچان مۇشۇنداق بىر بىلوگ قۇرۇپ چىقارمەن ھەي…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
15:52
2-قەۋەت: «سابا» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن!!بۇنۇڭدىن كىيىن تېخىمۇ يىڭى-يىڭى تەرجىمە فىلىملەرنى يوللاپ تۇرغايسىز !

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

بىرگە بولسۇن دوستۇم، ئاللا خالىسا بۇ تور بەتنىڭ ئىشلىرى تەلتۈكۈس ئاخىرلاشسىلا بىر نەچچە فىلىملەر قاچان سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىمىز دەپ ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
16:58
3-قەۋەت: «ئاغىنىلەر» مۇنداق دېدى:

ۋوردىپىرىس قوشونىغا قوشولغانلىقىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن بىلوگىڭىزنىڭ كۇندىن كۇنگە روناق تىپىشىنى تىلەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

رەھمەت دوستۇم، بولسا ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
17:39
4-قەۋەت: «يۈكسەل» مۇنداق دېدى:

يۈكسەل بلوگى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى بولغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭىچە قىياپەت بىلەن نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزىن قۇتلۇقلايدۇ! يېڭى تورنام ، يېڭى ئۇسلۇپ، يېڭى پروگىرامما ، يېڭى باشلىنىش، قۇتلۇق قەدەم … شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر نىسىپ بولسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ھەممىمىزگە مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولغاي

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
17:47
5-قەۋەت: «ۋەتەن» مۇنداق دېدى:

ئالدى بىلەن شاھ ئۇيغۇرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى تەبرىكلەيمەن !شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ تېخمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ ،تەشنالىقمىزنى قاندۇرىشنى ئۈمىد قىلىمەن!غەيرەت قىلىڭ بۇرادەر !

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

رەھمەت دوستۇم، ئاللا خالىسا تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى كەڭ دوستلارغا سۇنىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
17:49
6-قەۋەت: «پادىشاھ» مۇنداق دېدى:

مانا مانا مانا … تەرەقىيات دىگەن مانا مۇشۇ شۇ يىڭى تۇرايىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
كىنوخانىمىزدىكى ئۇلىنىش ئادىرسىڭلارنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم ، بلوگباستىكى بلوگىڭلىغا بۇ يەرگە بىۋاستە كىرىدىغان كوددىن بىرنى تەييارلاپ قۇيۇڭلار ئەمدى

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت دوستۇم، بۇ بلوگنىڭ چالا ئىشلىرى تۈگىگەندە ئاندىن كونا بلوگنى تاقاشنى ئويلىشىۋاتىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
21:48
7-قەۋەت: «ئاغىنىلەر» مۇنداق دېدى:

قىرىندىشىم بولسا بىزلەرنىمۇ بىر ئۇلىنىشقا قىتىپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتى بىرلىكتە تەرەققى قىلايلى

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئاللىبۇرۇن قېتىپ بولدۇم دوستۇم

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.19
23:09
8-قەۋەت: «Spx_Fraruk» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ كېلىپ بىر مۇبارەكلىۋېتەي~~ :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

رەھمەت دوستۇم، سىزنىڭمۇ يېڭى تەرجىمە فىلىملىرىڭىزگە تەشنامىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.20
13:03
9-قەۋەت: «بايلىق بلوگى» مۇنداق دېدى:

ئوخخو!!!!!!!!!!!! مەن ئەمدى راسلا يىغلايدىغان يەرگە يەتتىم ئەينى ۋاقىتتا پىرىستان ئەپەندى بلوگبۇس تىن چىكىنگەن چاغدا شۇنداق كۆڭلغم يىرىم بولغان ئىدى مانا ئەمدى سىزمۇ كۆچۈپ چىقىپ كەتتىڭىز ھەي!!!!!!!!!!!! بلوگبۇس تىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىكىنىشكە باشلىدى ئەمدى بىر بولسا wordperss قا كۆچۈش بىر بولسا ئەمدى بلوگ ساھەسىدىن چىكىنىش تىن ئىبارەت بۇ ئىككى يول قالغان ئوخشايدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

پۇرسەت يېتىلگەندە سىزمۇ بەلكىم wordperss قا كۆچۈپ كېلىشىڭىزگە ئىشەنچىم كامىل، لېكىن بلوگ ساھەسىدىن چېكىنىپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.20
14:38
10-قەۋەت: «شەمسى» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئەپەندى. يېڭى بىلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن. ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

رەھمەت دوستۇم، ئاللا خالىسا ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئىلگىرى باسقاي، ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلمىگەي

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.20
18:39
11-قەۋەت: «تەدبىركار» مۇنداق دېدى:

شاھ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەققىل بلوگ سۇپىسىغا كۆچكەنلىگىگە مۇبارەك بولسۇن! داۋاملىق بلوگ يېزىشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللىغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

نەچچە قېتىم توختاپ قالاي دېسەم بۇ كۆڭلۈم پەقەتلا ئۇنىمىدى، شۈڭلاشقا داۋاملىق ئىزىڭلاردىن بېسىپ مۇستەقىل بلوگ سۇپىسىغا كۆچتۈم، :mrgreen: بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق تىرىشىمەن خۇدايىم بۇيرىسا :!:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.21
14:15
12-قەۋەت: «مۇزات» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن…ئشلىرڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت دوستۇم، بولسا ھەر قانداق پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز، بلوگومنىڭ ئىشىكى سىلەر ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۇچۇق

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.22
13:15
13-قەۋەت: «نامسىز» مۇنداق دېدى:

ئاداش يىڭى بلوگنىڭ لوگوسى يوقما ئۇلىنىش قىلىۋالا دىسەم ھېچبىر لوگو تاپقىلى بولمايدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

مەن يېڭىچە لوگو ياساشقا تەمشىلىۋاتقان، ھازىرچە رەسىمسىز قىلىپ تۇرارسىز بولمىسا

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.22
14:31
14-قەۋەت: «توخوتۇر» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر بىلۇگنىڭ نوچى بولۇشى بىزنىڭمۇ تەلىيىمىز.تونۇگۇن بىر قانچە ئنكاس يازغانتىم .ياڭاق چاققاندا ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.22
14:37
15-قەۋەت: «توخوتۇر» مۇنداق دېدى:

1.خەت يەنە ئازىراق دان دان بولسا
2.بەتلەرنى يەنە ئازىراق سىرلايدىغان يېرى باردەك تۇرامدۇ نىمە
3. ماڭا يېڭى تۇيغۇ ئاتا قىلىدى .چەتئەلنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرگەندەكرەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئىككى ئىنكاسىڭىزغا بىرلا سۆز قاالدۇراي، خاپا بولمىسىڭىزلا ھې ھې…
1.سىزنىڭ خەت دانە دانە بولسا دېگىنىڭىز فىلىمگە قارىتىپمۇ ياكى بۇ بەتكە قارىتامۇ بىلەلمىدىم
2.قەيەرىنى يەنە سىرلىساق بولاركىن كۆرسىتىپ بەرسىڭىز…
3.مەنمۇ بۇ بلوگنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى دەپ تەرجىمە قىلدۇرغانىدىم، سىزگە يارىغان بولسا مەنمۇ خۇش

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.23
04:54
16-قەۋەت: «khazak boy» مۇنداق دېدى:

Bu blog manga ham dostlirimgha bekla yaridi. uslubimu ozgiche iken. japa chekiwetipsiler mushunchilik ishlarni qilishmu asan emes. ishliringlar teximu yukselgusi. men uyghurche yazalmaymen. shunga uly ishlettim

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.23
13:28
17-قەۋەت: «توخوتۇر» مۇنداق دېدى:

بۇرادەر دىمەكچى بولغىنىم .بەتنىڭ خېتى ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆزئەينەك تاقايدىغانلار ئاز ئەمەسچۇ ھازىر
تونۇگۇن كىرسەم رەڭ تۇزمىگەندەك كۆرۇنگەن بۇگۇن كىرىپ قارىسام سىدام بولسىمۇ بەك ئۆزگۇچە تۇرامدۇ نىمە ؟ ئادەمگە يېڭى توي قىلىغان ھوجىرا ئويلەرنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز ئەرنىڭ ،ھېلىقى قارىسا ھەممە نەرسە يېڭىچۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.25
07:03
18-قەۋەت: «ئەسەبىي» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن! (سەل كېچىپ قالغان بولساممۇ)

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم، پات پات كېلىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ تۇرارسىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.28
13:42
19-قەۋەت: «قۇتبىلىك» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن، ئۇزاق بوپتىكەن كەلمىگىنى ئۆزگۈرۈش زور بوپ كىتىپتۇ. بۇندىن كىيىن كۈندە ماراپ تۇرىمەن.
بولسا دەرھاللا مەن بىلەن بىر ئالاقە قىلسىڭىز، سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار ئىدى.
چ چ: 137936175

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.13
10:03
20-قەۋەت: «مۇرشىدى» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن! بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

رەھمەت، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كېلىپ تەكلىپ پىكىر بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.29
08:55
21-قەۋەت: «كۆك» مۇنداق دېدى:

بىلوگىڭىزنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .راسىنى ئىيتقاندا بلوگىڭىز مەيلى مەزمۇن مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بوپتۇ ،
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۇمۈد قىلىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

رەھمەت، كېلىپ تۇرغايسىزلەر

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.