ئەلۋىن، سايمىن ۋە سىدۋۇر ئورمانلىقتىكى بىر كىچىك قارىغاي دەرىخىدە ياشاۋاتقان ئالاھىدە تىيىنچاقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار خۇددى ئىنسانلاردەكلا گەپ قىلالايدۇ ھەم ناخشا ئېيتالايدۇ، بىر كۈنى روژدېستىۋۇ بايرىمىغا يېقىن ئۇلار تۇيۇقسىز دەۋى ئىسىملىك بىر تۇنۇلمىغان مۇزىكانت بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، دەۋى ئۇلارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئۆزى يازغان ناخشىنى ئېيتقۇزىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر قانچە تىيىنچاقلار بىردىنلا تۇنۇلۇپ چولپانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇندىن كېيىنكى يوللار ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدۇ، خوش ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداق ئىشلارغا يولۇقىدۇ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
پۈتۈن ئېكراندا كۆرمەكچى بولسىڭىز فىلىمنى قوش چېكىڭ
ناھايتى ياخشى بوپتۇ لىكىن مۇشۇ فىلملەرنىڭ سۇزۇك نۇسخۇسىنى كورەلمەي بەك قىينىلۋاتىمزى جۇمۇ
يولداش كۇلمەس توغرا دەيدۇ،توك ئىشەككە يوللىغىلى بولسا ھە؟
بولسا مۇشۇ فىلىم يوللىغاندا سۈزۈكراق بوشلۇققا يوللايلى. خەتلىك فىلىمنىڭ خېتىنى كۆررۈپ چۈشىنىمىز. ئاۋازى ئۇيغۇرچە بولغان بولسا سۈسراق بولسىمۇ مەيلىتى. سىلەر جاپا تارتىپ سۈزۈك نۇسقىسىنى تېپىپ تەرجىمە قىلىپ تازا چاپاق نۇسقىسىنى بىزگە كۆرۈشكە بېرىدىكەنسىلەر. گەپ قىلسام ئۆتۈپ كەتمىسۇن، يا چىداپ قۇتياردەك سۈزۈك نۇسقىسىنى بىۋاستە كۆرىدىغان قىلىلى. يا بولمىسا، فىلىم تەرجىمە قىلىنىپ 2-3ئايدىن كېيىن سۈزۈك نۇسقىسىنى تورداشلارغا يوللاپ بېرىلى.
بۇنداق دېسەم بەلكىم شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىسمەن قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىم مۇمكىن، ئەمما مەزكۈر بلوگ بۇندىن كېيىن پەقەت فىلىمنىڭ كۆرۈش ئادىرىسىنىلا تەمىنلەيدۇ، چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەيدىغان بوشلۇق ئالىدىغان بىزدە ئۇنچە ئىقتىساد يوق ھازىر، چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولغانلار قۇتياردىن ھەقلىق چۈشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ
مەبلەغ چىقارسىڭىز، ياكى بوشلۇق ئېلىپ بەرسىڭىز، شاھ بلوگىمۇ ياق دېمەي سىز ئېلىپ بەرگەن بوشلۇققا يوللايدۇ.
مېنىڭچە،فىلىمنى مەخسۇس 优酷 音乐台گە يوللايلى،ماۋۇ 56تورى سۈپەتنى بۇزۇۋاتىدىغاندەك تۇيۇلدى ماڭا…
ئەمدى ئولتۇرۇپ بىر كۆرمىسەم. رەھمەت سىزگە!
بولاپ قويىدىكەن كەچتە ئولتۇراپ كورەي تازا
بەك قىزىقارلىق فىلىمكەن بۇ بولۇپمۇ ئاۋۇ تىيىنچاقلارنىڭ ناخشىسى بەك يارىدى ماڭا لىكىن شۇ ئاۋازى سەل تۆۋەنكەن
18:52
ئەتە ئوغلۇم ئوغۇزنى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈۋەتمىسەم . كىنولارنى ئۆز تىلىدا كۆرۈشكە ئامېراقمەن. خەتلىك تەرجىمە فىلىم مېنىڭ بۇ ئىشتىھايىمىغا بەك ماس كېلىدىكەن. شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا ئالدىن تەشەككۈر!
بۇ باھاغا پىكرىم بار