فىلىمدە ئاساسلىق بىر كونا سېھرىگەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ ئىزچىل سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە جاز مۇزىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنىڭ سېھرىگەرلىكتىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىمىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېھرىگەر قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىدا ئۇيۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلايدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئەلىس ئىسىملىك بىر قىز بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ…. ئۇنداقتا سېھرىگەر يەنە قانداق ئۇسسۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ؟ مەزكۈر كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ گەرچە دىئالوگ ئانچە كۆپ بولمىسمۇ ئەمما خېلى تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
PIXAR شىركىتى ھازىرقى كارتون فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە دىسنىيدىن قالسىلا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىن ئىبارەت، بۇ شىركەت 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ تاكى ھازىرغىچە كەڭ تاناشىبىنلارغا نۇرغۇنلىغان قىززىقارلىق شۇنداقلا مەنىلىك كارتون فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ كەلدى، كەڭ دوستلار كۆرىۋاتقان «ئۇيۇنچۇق كۇلۇبى» «ئېۋا»، «مۇسابىقە ماشىنىسى كۇلۇبى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر كارتونلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كارتون شىركىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان قىسقا كارتونلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، تۆۋەندە PIXAR شىركىتىنىڭ بىر قانچە نادىر كارتون فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىغا ئۇلاشقان بىر ئاتىنىڭ مۇسۇلمانلىق پەرىزىنى تۇلۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىش يولىدىكى ئىش پائالىيەتلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ياردىمىدە ماشىنا بىلەن ياۋرۇپادىن كېسىپ ئۆتۈپ بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەككىگە بارماقچى بولىدۇ، سەپەر جەريانىدا ئاتا-بالا ئىككىسى نۇرغۇنلىغان ئىشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، قېنى ئۇنداقتا بۇ ئاتا مەككىگە ماشىنا بىلەن بارالامدۇ يوق؟ تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىزلەر
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كەلگۈسىدىكى ياپونىيەدە ماشىنا ئادەملەر ئاللىقاچان ئىنسانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنىدى، گەرچە ئۇلار تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە بولۇپ ئائىلىدە ھەر خىل ئەمگەكلەرگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئادەم بولسىمۇ ئەمما تاشقى قىياپىتىدە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئىدى، فىلىمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ دەسلەپتە ئۆيىدىكى ماشىنا ئادەمنى پەقەتلا ئادەتتىكى ئائىلە بۇيۇمى ئورنىدا كۆرەتتى، كېيىن تۇيۇقسىز ماشىنا ئادەمدە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئەھۋاللار شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمگە بولغان پۇزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، فىلىم تەرجىمىسىنى Spx_Faruk ئىشلىگەن بولۇپ ياپون كارتۇنلىرىغا قىززىققۇچى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن فىلىم جەمئىي 10 قىسىم بولۇپ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى ئالدىن يوللىنىپ تۇرىدۇ
فىلىم ئىسمى : EVA نىڭ ۋاقتى
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
بەلكىم ناخشا خۇمار دوستلارغا ماھىر زايىن دېگەن بۇ ئىسىم ياد بولمىسا كېرەك، لىۋان ناخشىچىسى ماھىر زايىن (Maher Zain) كىچىكىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىنتايىن قىززىقىدىغان بولۇپ كېيىن شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، كېيىن داڭلىق ئىجادىيەتچى RedOne بىلەن بىرلىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەم ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كېلىپ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، ماھىر مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن سىز قۇيۇق ئىسلام پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېنگىلىز تىلىدا ئېيتىلغان بولۇپ بەلكىم ئۇ خەلقئارالىق ئورتاق تىل ئارقىلىق پۈتۈن كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ناخشىلىرىدا ئېنگىلىز تىلىنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز توردىن مىڭ تەسلىكتە تاپقان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ فىلىم تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان ھەم بىز دىققەت قىلمايدىغان ئاجايىباتلار تەسۋېرلەنگەن يەنە بىر نادىر ھۈججەتلىك فىلىم بولۇپ، فىلىمدە ئوپىراتور ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر بىر جانلىقلارنى سىز ئويلاپ باقمىغان ئەڭ كىچىك ھالقىلاردىن سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئالاھىدە تۇيغۇ ئاتا قىلىغان، مەزكۈر ھۈججەتلىك فىلىم ئارقىلىق كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى جانلىقلار دۇنياسىنىڭ نەقەدەر ئاجايىباتقا تولغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
يېزىقى : ئۇيغۇرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىم 1992-يىللىرىدىكى كوردلار بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاساسلىق ۋەتەن سۆيگۈسى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە تۇلۇق چۈشىنىپ كېتىش ناتايىن، چۈنكى فىلىمدە كۆپىنچە سۈرەتكە ئېلىنغىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كوردلار بىلەن جەڭ قىلىشقان ئەھۋاللىرى بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىلىرى، بەلكىم رېژىسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بارلىقىنى تەسۋېرلىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغىنىنى كىنوخۇمارلار ئۆزلىرى كۆرۈپ بىر نېمە دېسۇن
فىلىم تىلى : تۈركچە
خېتى : ئۇيغۈرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
مەزكۈر كارتون فىلىم ئەنگىلىيە كارتون شىركىتى Aardman نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى بولۇپ، تىپىك ئەنگىلىيە كىشىلىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئالغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي كارتونلىرىنىڭ بىرى، « ۋاللاس ۋە گرومىت » نىڭ بىرىنچى قىسمى A Grand Day Out ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەم شۇنداقلا ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئارقىدىنلا ئىككىنچى قىسمى The Wrong Trousers ۋە A Close Shave دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئېلان قىلىنىپ ئايرىم ئايرىم شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر قىسىمدا ۋاللاس ۋە ئۇنىڭ ئىتى گرومىت يېڭى بىر بولكىخانا ئاچىدۇ، تىجارىتى تازا روناق تېپىۋاتقان پەيتتە ساھىبجامال قاتىلغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئاخىرىدا….. ئەڭ ياخشىسى كارتوننىلا كۆرۈڭ، تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ كارتونمۇ قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەمما ھەر دائىم رەت قىلىنىپ كەلگەنىدى، بۇ چاغدا ئۇ بىر ئوساما بېنلادىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەمنى بايقاپ قالىدۇ، ھەم ئۇ ئارقىلىق يالغان بېنلادىننىڭ سىنئالغۇسىنى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئامېرىكىغا بارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشى بىر تالاي ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا ئەلى ئامېرىكىغا بارالامدۇ يوق؟ نەزىرىڭىز شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئەلۋىن، سايمىن ۋە سىدۋۇر ئورمانلىقتىكى بىر كىچىك قارىغاي دەرىخىدە ياشاۋاتقان ئالاھىدە تىيىنچاقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار خۇددى ئىنسانلاردەكلا گەپ قىلالايدۇ ھەم ناخشا ئېيتالايدۇ، بىر كۈنى روژدېستىۋۇ بايرىمىغا يېقىن ئۇلار تۇيۇقسىز دەۋى ئىسىملىك بىر تۇنۇلمىغان مۇزىكانت بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، دەۋى ئۇلارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئۆزى يازغان ناخشىنى ئېيتقۇزىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر قانچە تىيىنچاقلار بىردىنلا تۇنۇلۇپ چولپانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇندىن كېيىنكى يوللار ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدۇ، خوش ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداق ئىشلارغا يولۇقىدۇ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
فىلىمدە بىر تۈركىيەلىك ئايال مۇھەببەتسىز توي ۋە ئائىلە زۇراۋانلىقى تۈپەيلى بالىسىنى ئېلىپ بىرلىكتە گېرمانىيەگە يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىۋالىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت توي قىلىپ بولغان ئايال بولغانلىقى تۈپەيلىلا مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدە يات بىر كىشى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان تۇرمۇشنى تاپماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، فىلىمدە يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم مىللەتلەردە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار دېگەن ئىدىيە ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ مەزكۈر فىلىم بېرلىن خەلقئارالىق كىنو فىستوۋالىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
PIXAR شىركىتى ھازىرقى كارتون فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە دىسنىيدىن قالسىلا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىن ئىبارەت، بۇ شىركەت 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ تاكى ھازىرغىچە كەڭ تاناشىبىنلارغا نۇرغۇنلىغان قىززىقارلىق شۇنداقلا مەنىلىك كارتون فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ كەلدى، كەڭ دوستلار كۆرىۋاتقان «ئۇيۇنچۇق كۇلۇبى» «ئېۋا»، «مۇسابىقە ماشىنىسى كۇلۇبى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر كارتونلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كارتون شىركىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان قىسقا كارتونلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، تۆۋەندە PIXAR شىركىتىنىڭ بىر قانچە نادىر كارتون فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن تەرجىمە خەتلىك فىلىملەرنى بلوگ باشقۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق تور بېكەتتە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ، تەرجىمە قىلىنغان ھەر قانداق فىلىملەرنىڭ ئەسلى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پەقەت كۆرۈش ئادىرىسىلا تەمىنلىنىدۇ، چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇڭلاشقا چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەلەپ قىلىنغان ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇلمايدۇ، خەۋەردار بولغايسىزلەر...
دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانخانىسى
كارتون فىلىم : ئېۋانىڭ ۋاقتى (داۋاملىق تەرجىمىدە)
ھىندىستان فىلىمى : سىياسەت
ھىتلېرنى قەستلەش
تېلېۋىزىيە تىياتىرى : دوختۇر خائۇس
تۈركىيە فىلىمى : 102
كۇردلار ۋادىسى - ئىراق
ھۈججەتلىك فىلىم : كۈل ۋە قار
قۇشلارنىڭ كۆچۈشى
تۈركىيە فىلىمى : ئۈچ مايمۇن
ھىندىستان فىلىمى : يەر شارىدىكى يۇلتۇز
سۈرئەت ۋە ھېسسىيات
ئىران فىلىمى : ئوۋچى
ئىجتىمائىي ئالاقە تورى facebook
بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەس
ئۇيۇنچۇقلار ھېكايىسى 3
ھىندىستان فىلىمى : كومىدىيىلىك رەقىبلەر
سەركە بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: پىكىرخانا | |
ش.ئە.ئۇيغۇرى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى | |
شاھ ئۇيغۇر بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ماھىر زايىن ناخشىلىرىدىن تاللانما | |
قاردۇ بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ماھىر زايىن ناخشىلىرىدىن تاللانما | |
شاھ ئۇيغۇر بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: پىكىرخانا | |
خوراز بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: بىر ئاتىنىڭ ھەج سەپىرى | |
نۇربۇلاق بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى | |
نۇربۇلاق بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ماھىر زايىن ناخشىلىرىدىن تاللانما | |
ئەنۋەر بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ماھىر زايىن ناخشىلىرىدىن تاللانما | |
ئىزدەن بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: پىكىرخانا |