چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە ناملىق بۇ فىلىم فىرانسىيەلىك يازغۇچى فرېيدون ساھېبجامنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ، فىلىم ۋەقەلىكى ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاساس قىلغان ، فىلىمدىكى باش قەھرىمان سۈرەييەمۇ ھەقىقى ئۆتكەن شەخىس بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا يەنى 1986-يىلى ئېرى 14 ياشلىق بىر قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ھېچ ئاساسسىز پاھىشە دېگەن بەتنامنى چاپلاپ ئۆز يېزىسىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئۇنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ تۆھمەت قۇربانى قېلىۋېتىدۇ، رېژىسسور بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئاياللار ھوقۇقى مەسلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سۈرەييەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ئاخىرى بۇ فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن تورۇنتو كىنو فىستوۋالىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ باھالانغان، ھەم دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئاياللار كىشىلىك ھوقۇقى مەسلىسىگە بولغان دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان،فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى گۇرۇپپىمىزدىكى ئەركان ئىشلەپ چىقتى، دىققىتىڭلار فىلىمدە بولسۇن
ھەقىقەتەن ياخشى كىنوكەن؟بولسا نيورك2009دىگەن كىنونمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بولساڭلار؟
http://www.tudou.com/programs/view/JjmuBAs9Gf4/
ئوسمان ئۇيغۇر ئەپەندىم، بۇ نيويورك دېگەن فىلىممۇ ناھايىتى ياخشى فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىم تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان، ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ، نەزىرىڭىز قۇتيار تورىدا بولسۇن، بۇ فىلىم قۇتيار تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ…..
http://www.qutyar.net
شۇنداق، بۇ فىلىمنى قۇتيارنىڭ قىلىدىغان بولغاچقا بىز نەزىرىمىزنى باشقا فىلىملەرگە قاراتقانىدۇق
بولىدۇ ،رەخمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكى بارلىق دوسلار!
‹‹ چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە ›› دېگەن فىلىمنى بەكمۇ چۈشۈرۈۋالغۇم بار ئىدى،ئەمما پەقەت چۈشمىدى،ياردەم قىلغان بولساڭلار…….قانداق چۈشۈرىدۇ؟ ئۆتۈنەي….
سالام! ئەركان خوتەنىي. تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
فىلىمنى تەپسىلىي كۆردۈم .
ئىنىقلا غەربلىكلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقات فىلىمىكەن .
21:36
بۇ كىنو بەك ئىچىنىشلىق ئىكەن
بۇ باھاغا پىكرىم بار