مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
مەن مايكېلنىڭ بۇ قېتىمقى ھۈججەتلىك فىلىمىدە ئېيتىپ چىققان ناخشىلارنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىپ چىقىۋاتىمەن، قېنى مەندىن بۇرۇنمۇ بۇ ناخشىلارنىڭ ئىسمىنى يېزىپ چىقىدىغانلار بارمۇ؟ مېنىڭچە بۇ فىلىمدا مايكېلنىڭ يېڭى كونا بولۇپ جەمئىي 30 قا يېقىن ناخشا بار ئىكەن.
مەن بۇرۇن خەنزۇچىسىنى كورگەن ئىدىم بەك ياخشى بوپتۇ
دىسكو دىگەننى ئولتىرۋىتىدۇ ئۇ …
تەرجىمە قىلىش سۈرىتىڭلار خېلى تىزلىشىپتۇ جۇمۇ.
سىن كۆرۈنمەي قاپتۇ. تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتلاردا بەك ئاڭلايتتىم بۇنىڭ ناخشىلىرىنى…
شاھ ئەپەندى بۇگۇن تور ئارلاۋىتىپ سىزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە خەتلىك كىنولىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ خالىغانچە تور بىكىتىگە چىقىرۋالغانلىقىن بايقىدىم شۇڭا شۇ بەتنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسىنى قۇيۇو قوۇدۇم،
ئۈچ ئەخمەق -http://www.kalkal.cn/kino_play.asp?mid=820
راس يالغان بېنلادىن-http://kino.aypak.com/?s=vod-read-id-136.html
شۇنچە يوغان كۆچۈرمەڭ دېگەن خەتنى كۆرمەمدىغاندۇ دەيمەن، قىسمەنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆردۈم، ئۇلار ناھايىتى چىرايلىق ماسلىشىدىغانلىرىنى ئېيتتى، ئەمما قىسمەن شەرەپسىزلەرگە يۈزىنى پولو قىلىۋالسا ئامال يوق ئوخشايدۇ
رەخمەت جاپا چەكتىڭلار !!!
مەن جىكسوننىڭ ناخشىلىرى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن !!!
بولسا بەزى داڭلىق ناخشىلىرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بىلسەم دەيمەن..
15:51
مەنمۇ بەك ئامراقتىم ناخشىلىرىغا شۇڭا دايىم ئاڭلايمەن ،
بىزگە تەرجىمە قىلىپ سۇنغانلىقىڭلارغا رەخمەت .
ئورۇن ئېلىپ ئالدىرىماي كۆرەي.
بۇ باھاغا پىكرىم بار