فىلىمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىغا ئۇلاشقان بىر ئاتىنىڭ مۇسۇلمانلىق پەرىزىنى تۇلۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىش يولىدىكى ئىش پائالىيەتلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ياردىمىدە ماشىنا بىلەن ياۋرۇپادىن كېسىپ ئۆتۈپ بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەككىگە بارماقچى بولىدۇ، سەپەر جەريانىدا ئاتا-بالا ئىككىسى نۇرغۇنلىغان ئىشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، قېنى ئۇنداقتا بۇ ئاتا مەككىگە ماشىنا بىلەن بارالامدۇ يوق؟ تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىزلەر
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مەن ئاۋال چۈشۈرۈپ كۆرۈپ ئاندىن پىكىر بايان قىلاي….
ماڭا فىلىمدە تەسىر قىلغان يېرى ئاۋۇ كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان ئايال بولۇپ تاموژنىغا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا غايىپ بولۇپ قايتىدىن پەيدا بولىدىغانلىقى… بەلكىم بۇمۇ ئاللانىڭ ئۆز ھوزۇرىغا كېتىپ بارغان بەندىسىنى سىنىغانلىقى بولسا كېرەك، فىلىمدە ئىشقىلىپ خېلى مەنىلىك سۆزلەر بار ئىكەن
سىز دېگەن شۇ يەرگە مەنمۇ بەك ھەيران ، بالىسىنىڭمۇ چۈشىگە كىردى ئۇ ئايال ،
ئەمما فىلىمدە شۇ توغۇرلۇق بىرە تەبىرمۇ يوق دەيمەندە ؟؟؟
رەخمەت ،يەنە جاپا چەكتىڭلار تىخمۇ نادىر فىلملەرنى تەرجىىمە قلىشىڭلارنى سورايمەن
كېنو كۆرگۈدەكمۇ ۋاقىت چىقمايدا؟
راستىنلا ياخشى كىنوكەن.
دادا:سىزنىڭ دىنىڭىزدا رەھىم قىلىش دىگەن يوقمۇ؟
ئوغلى ناماز ئوقۇمايدىكەن،بۇ كىنونىڭ كام يىرى ئوغولنىڭ ئىسلامغا قايتىشى؟
بىزنىڭ دىنىمز ھەقىقەتەن تەڭداشسىز دىن.
مۇشۇ بىزنىڭ دىنىمزنى يانتاياق قىلىپ قاقتى-سوقتى قىلدىغانلارمۇ يەنىلا مەۋجۇت؟خۇددى كىنىودىكى مۇستافانىڭ ھەجىگە بىرشنى دەپ تۇرۇپ دادىنىڭ پۇلىنى ئوغىرلاپ قىچىشى.
ئاخىرى كۆرۈپ بولدۇم. بىر كىچىك خاتالىق بايقىغاندەك قىلىمەن.
ئىسلام دىنىدا ئىبادەت قىلىش دېمەيدىغاندىمىز؟ ناماز ئوقۇش دېسە ئاندىن توغرا بولار؟
ئىبادەت قىلىش، ئېتقاد قىلىش، ناماز ئوقۇش ، بۇ ھەرقايسى دۆلەت ، ئېقىم ،
مىللەتكە نىسبەتەن شۇنداق دىيىلسىمۇ مەنا جەھەتتىن ئوخشاش نىيەت ئىقبالنى
كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قويۇلۇپ 3 مىنۇت بولغاندا توختىۋالدى، يەنە قويسام باشقا كېتىدۇ. زادىلا كۆرۈشكە ئىمكان بولمىدى …
مەن ئۆتكۈزگەچ كۆرۈپ باقتىم، نورمال چىقىۋاتىدىغۇ بولمىسا
بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىز Cookie تازىلىۋىتىپ قايتىدىن ئېچىپ قويسىڭىز(ياكى بەتنى يېڭىلىۋەتسىڭىز)نورمال قويۇلىدۇ ، ئادەتتە سىز 56نىڭ فىلىملىرىنى ئېچىپ ماڭغۇزۇپ قويۇپ باشقا بېكەتلەرنى ئېچىپ باشقا ئىشلىرىڭىزنى قىلىپ بولۇپ ئۇ فىلىم بار بەتنى ئېچىپ فىلىمنى قويسىڭىز فىلىمنىڭ پەقەت كومپىيوتۇرىڭىزغا چۈشۈپ بولغان قىسمىنىلا كۆرەلەيسىز ، قالغان قىسىملىرى چۈشۈپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن نورمال قويۇلمايدۇ ۋە سىز يولۇققاندەك ئەھۋال شەكىللىنىدۇ.بۇ بىر ھىسابتا 56 تورىنىڭ ئاجىزلىقى دېسەكمۇ بولىدۇ ، يوۋكۇ ۋە باشقا فىلىم تورلىرى بۇنداق ئەھۋال شەكىللەنمەيدۇ.
ئاۋۇ facebookتوغۇرلۇق ئىشلەنگەن 社交网络دىگەن كىنونى بىر تەرجىمە قىلۋەتسەڭلا گۈل قەقەلىرىم ئېچىلىپ كېتەتتى
بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم بولۇپ، فىلىمدىكى جۈملىلەرمۇ بىر-بىرىدىن چوڭقۇر مەنىلىك مەسىلەن:
دېڭىز سۇلىرى كۆككە ئۆرلەپ، بۇلۇتقا ئايلانغاندىلا، ئاندىن پاكلىنىپ،يېڭى ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ دەل ھەج قىلىشنىڭ سەۋەبى…..
پىيادە بېرىش ئاتلىق بارغاندىن ئەۋزەل، ئاتلىق بېرىش ماشىنىدا بارغاندىن ئەۋزەل، ماشىنىلىق بېرىش پاراخوتتا بارغاندىن ئەۋزەل، پاراخوتتا بېرىش ئايروپىلاندا بېرىشتىن ئەۋزەل….بۇلار دەل ساۋاپقا بېرىپ تاقىشىدىغان مەسىلىلەر….
مەككە قانداق جاي؟….
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادەت قىلىدىغان قىبلىگاھى، تاۋابگاھى….
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنئەنىسى…
ئىسلامدىكى بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى…..دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلۇق دىئالوگلار ئەستە چىڭ ساقلىۋېلىشقا تېگىشلىك ، شۇنداقلا بۇ فىلىم فرانسىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولسىمۇ، فىلىم ۋەقەلىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشى توغرىسىدا …..
شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چىقسىكەن دەيمەن….بۇ فىلىم ئىسلامى فىلىملەرنىڭ ئاز بۇلۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى….
ئاخىرىدا ئىسلامى فىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىمىغان نۇر ئىسلام مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ۋە شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرىگە چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئىسلامى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن قېرىندىشىم،بولسا يەنە كۆپلەپ تىرىشقايسىز،دوستىڭىز نۇرئەخمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركان قېرىندىشىم،مەندە يەنە بىر كىنونىڭ يېزىق ھۆججىتى بار،مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ
راستىنلا بەك جاپا تارتىپ سىز!رەخمەت سىزگە! مەن دوسلۇرۇمغا بۇنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم.
دېڭىز سۇلىرى كۆككە ئۆرلەپ، بۇلۇتقا ئايلانغاندىلا، ئاندىن پاكلىنىپ،يېڭى ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ دەل ھەج قىلىشنىڭ سەۋەبى…..
پىيادە بېرىش ئاتلىق بارغاندىن ئەۋزەل، ئاتلىق بېرىش ماشىنىدا بارغاندىن ئەۋزەل، ماشىنىلىق بېرىش پاراخوتتا بارغاندىن ئەۋزەل، پاراخوتتا بېرىش ئايروپىلاندا بېرىشتىن ئەۋزەل….بۇلار دەل ساۋاپقا بېرىپ تاقىشىدىغان مەسىلىلەر….
مەككە قانداق جاي؟….
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادەت قىلىدىغان قىبلىگاھى، تاۋابگاھى….
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنئەنىسى…
مەن بۇ فىلىمنى نەچچە يىل ئىلگىرى بىر قېتىم كۆرگەن ، ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم.
بۇ كىنونى يەنە بىر قېتىم تەپسىلى كۆرەي .
ئاتىنىڭ ئېتىقادى ، روھى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھەقىقەتەن ياخشى كىنو ئىكەن ، مۇشۇ كىنونى بىزگە تەۋسىيە قىلغان شاھ بىلوگىغا كۆپ تەشەككۈر! ئىشلىرڭلارنىڭ تېخىدىنمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن!
يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ؟
بۇ كىنۇنى ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزيدىكەن. شۇنداق تەسىرلىك ھەم ناھايىتى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بارئىكەن .
توربەتكە ئېلان قويساڭلار چېكىپ قوياي دىگەن،بەك ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋىتىپسىلەر ،خۇدابەختىڭلارنى بەرگەي.
ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن يەنىمۇ كۆپ ئىسلامى فىلىملارنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ خەلىق ئاممىسى بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرشىڭلارغا تىلەكداشمەن رەخمەت سىلەرگە
ئاخىرى يوققۇ ؟
تەرجخمە قىلغاندىكىن ئاۋازىنىمۇ بېرىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن .
ھەجەپ ئوبدان كىنوكەن بۇ، ساقلىۋالدىم بۇ كىنونى.
دادىسى مۇسۇلمان لېكىن بۇ باللىرى ئۇنداق ئەمەسكىنا؟!
ناھايىتى تەسىرلىك كىنو ئىكەن
ھەي ئېسىت خىلى ئۇزاق ھەپىلەشسەممۇ تولۇق چىقمىدى.
بولىدىغان كىنوكەن.
كىنورىڭىزغا رەھمەت.
15:47
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ئاللا ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق ۋە بەرىكەتلەر بەرسۇن.
تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم ، ھەقىقەتەن ئېسىل فىلىمكلەن ، بارلىق دوستلارنىڭ
قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەجرىڭلار يەردە قالمىغاي ، شاھ بىلوگنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى
تىلەيمەن .
بۇ باھاغا پىكرىم بار