بەلكىم سىز نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ۋە بەلكىم نۇرغۇنلىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز كۆرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا Gregor Colbert قا ئوخشاش جاھاننى كېزىپ ئىنسان، ھايۋانات ۋە كەڭرى تەبىئەتنىڭ ئىنچىكە مۇناسىۋېتىنى تارتالىغان، شېئىرى ھېسسىياتقا باي كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ فىلىمدە تارتقان ھەر بىر كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن تەبىئىي بولۇپ ھېچقانداق يالغان ئارىلاشتۇرمىغان، ئۇ بۇ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلار ئارىسىدىكى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنى تېپىپ چىققان، ئۇنداقتا سىزمۇ تەبىئەتنىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى ئېلىنغان بۇ ھۈججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ چىقمامسىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ كۈرۈپ كەتتىم ئەمىسە~ شاھىم! بولسا خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرىسلىكىنىڭ داۋامىنى ئىشلىسىلە بولاتتى~ كۇندە قاراپ كۈزۈم تىشىلەي دىدى جۇمۇ! بولسا 838808502 – چ چ نى بىر قىتىۋالسىلا بۇپتىكەن~ قايسى كۈنى قېتىۋالدىم دىگەنتىلە ~ لېكىن بىز تەرەپكە ئۇچۇر كەلمەي قويدى! بۇدا قايتا بىر قېتىۋالسىلا بۇپتىكەن!
كومپىيۇتېرىمغا يېڭى سىستىما قاچىلىغاندىن بېرى كومپىيۇتېرنىڭ مىك ئورنى نورمال ئىشلىمەيۋاتىدۇ، شۇڭا مىكنى ئارقىغا چاتسام ئاۋاز ئالىدىغان يېرى ئىشلىمەي پەقەتلا تىڭشىغىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ بۇنى ئوڭشاشقا… ئۆتكەندە سىزنى قاتتىم دەپ باشقا بىرسىنى قاتقان ئوخشىمامدىمەن ئۇنداقتا…
بارغانسىرى بۇ بىكەتكە خۇمار بۇپ قېلىۋاتىمەن دىسە~~~~ قۇلۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن!
رەخمەت ئويگە بىرىپ ئالدىرماي ئولتۇرپ كورەي
چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە،چۈشۈرۈپ بولۇپ ئارامخۇدا كۆرەي.
بولسىغۇ مۇشۇ «ئەسەرلىرىڭىز» نىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنىمۇ بىرگە يوللاش ئىمكانىيتى بولغان بولسا تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى-دە!
رەھمەت،قولۇڭىزغا دەر كەلمىسۇن،كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز.
رەھمەت سىزگە، ياخشى چىقىپتۇ، ئەمما مەن بۇكىشىنىڭ تەسەۋۇرلىرىنى ئانچە ياقتۇرمۇدۇم،تەرجىمىدە ئازراق خاتالىق باركەن.
ئەلۋەتتە ھەر كىشىنىڭ قىززىقىشى ۋە ياقتۇرىدىغىنى ئوخشىمايدۇ، ئەمما تەرجىمىدىكى خاتالىقنى تېپىپ چىققانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم، بولسا شۇ خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز كېيىن ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانساق تېخىمۇ خۇرسەن بولار ئىدۇق
15:49
بۇ سەنئەتكارنىڭ بەزى رەسىملىرىنى بۇرۇن كۆرۈپتىكەنمەن، ئەمما بۇ فىلىمىنى ئەمدى كۆرۈشۈم، بۇ سەنئەتكار قارىغاندا ھايۋانلارنى بەكمۇ ياخشى كۆردىغان چېغى، بولمىسا بۇنداق ئېسىل كۆرنۈشلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايتى.
مۇۋاپپىقىيەتنى قوغلاشساڭ، مۇۋاپپىقىيەت ئۆزى يېتىشىۋالىدۇ.(«ئۈچ ئەخمەق» كىنوسىدىن ئېلىندى)
بۇ باھاغا پىكرىم بار