بىز ھەققىدە

سەھىپە: باھا: 15

بلوگ ھەققىدە

شاھ ئۇيغۈر بلوگى 2008-يىلى 12-ئايدا بلوگباس سۇپىسىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئېلىپ ئۇيغۈر بلوگلىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا قىستىلىپ كىردى.

2009-يىلى 3-ئايدا بلوگ خاراكتىرىنى ئۆز قىززىقىشىم بۇيىچە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقىتىدىغان (ئاساسلىق كۆرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان) بلوگقا ئۆزگەرتتىم.

2010–يىلى 10-ئايدا ئەسلىدىكى تارىم بلوگى تەمىنلىگەن ئۇزۇن مۇددەت كېيىپ يۈرگەن چاپاننى يېڭى چاپانغا ئالماشتۇردى .

2010-يىلى 12-ئايدا مۇستەقىل نام ھەم بوشلۇقنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەن پېقىرمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىدىن ۋاز كېچىپ پرېستاننىڭ ياردىمىدە WWW.SHAHBLOG.NET تور نامى ئاستىدا شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى يېڭىچە ئۇسلۇپ، يېڭىچە قىياپەت بىلەن كەڭ تورداشلار بىلەن قايتىدىن يۈز كۆرۈشتۈردى.

2011-يىلى 1-ئاي كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن شاھ ئۇيغۇر بلوگىمۇ يۈكسەل بلوگى باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۈرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە  2010-يىللىق نادىر بلوگ بولۇپ باھالاندى

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى قايتىدىن قۇرۇلغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ئۇمۇمىي زىيارەت سانى قىسقىغىنە بىر ئايدىن ئۇشۇق ۋاقىت ئىچىدىلا 0 دىن بىراقلا 100000 غا يېتىپ كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

مەزكۈر يازما : 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭىلاندى

شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : shah@live.cn

ئالاقە مۇڭدىاشقۇ نۇمۇرى :328847750

2011.01.25 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى

15 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2010.12.24
05:03
1-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

شاھىمىزنىڭ ئىشلىرىنى قوللايمىز!

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ھېلىمۇ سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىلەن بۇ كۈنلەرگە ئولاشتۇق، رەھمەت

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.26
14:05
2-قەۋەت: «نامسىز» مۇنداق دېدى:

باشقۇرغۇچى ئەپەندى، سىزگە تەكلىپ بىرەي.
سىز ئىسمىڭىزنى يازغاندا «ش ئە ئۇيغۇرى» دەپ يازىدىكەنسىز، بۇ بەلكىم قىسقارتىلغان ئىسىمدۇ، ئەگر شۇنداق بولسا سىز مۇنداق يازسىڭىز توغرا بولاتتى«ش.ئە.ئۇيغۇرى»

ئەگەر سۆزۈم ئارتۇق كەتكەن بولسا كەرۈرەرسىز……..

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئاللا ئاللا، بۇ ئىشقا دىققەت قىلمىغانلىقىمنى قارىمامسىز؟ لېكىن ئۇنداق تەكەللۇپ قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن، ئەگەر مەن يەنە دىققەت قىلمىغان ئىشلىرىم بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى تېخىمۇ قارشى ئالىمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.29
14:17
3-قەۋەت: «ئوغلان» مۇنداق دېدى:

تەرجىمە قىلغان فىلىملىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، شۇنداق ياقتۇردۇم ، تېخىمۇ تېرىشىڭ ! قوللايمەن ! :|

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

رەھمەت، داۋاملىق كېلىپ تۇرارسىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.15
11:15
4-قەۋەت: «تۇرغۇنجان» مۇنداق دېدى:

مەن بىر كىنونى تەرجىمە قىلماقچى ئىدىم،ماڭا ياردەم قىلسىڭىز
كىيۇ كىيۇ:523840201

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.20
10:24
5-قەۋەت: «luckydog» مۇنداق دېدى:

قاچان قونچاقنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىسەن ؟ 比如火影忍着,死神,海贼王 :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.27
15:25
6-قەۋەت: «كۆك» مۇنداق دېدى:

داۋاملىق تىرىشىشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن ھەم سىلەرنى قوللايمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.31
14:37
7-قەۋەت: «گۈلۈم-ئاتئال» مۇنداق دېدى:

بۇ بىلوگ غا بۈگۈن تۇنجى قېتىم كىرىشىم. كىرىپلا تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم. بىكەت مەسئۇلىغا كۆپ رەھمەت. ئىشلىرىڭلار بەرىكەت تاپسۇن.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

سىز ياقتۇرغان بولسىڭىزلا تولىمۇ خۇرسەنمىز، دائىم كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى ھەم چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.8
14:38
8-قەۋەت: «جاھانگىر» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاھ ئۇيغۇر بىلوگى!
كەمىنە ئۇيغۇر ئۇلىنىشىنىڭ مەسئۇلى سىزلەرنى يوقلاپ كەلدىم،بېكىتىمىزگە قالدۇرغان سۆزۈڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم،بۈگۈن سىلەر تەرجىمە قىلغان ‹بىر ئاتىنىڭ ھەج سەپىرى›ناملىق ئۇيغۇرچە خەتلىك كېنونى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم ، ئالدىنقى قېتىملاردىن بېرى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقان فىلىملىرىڭلارنىمۇ كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ، ھەرقېتىملىق تەرجىمەڭلارنىڭ شۇنداق ياخشى چىقىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن ، سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ تەرىپىدىن بەھىر ئېلىشى ھەمدە سىلەرنىڭ بىلوگىڭلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر ئۇلىنىشىمىزدا مەخسۇس رەسىملىك ئېلان ئورنى تەسسىس قىلىپ ھەر قېتىملىق يېڭى فىلىم-كىنورىڭلارنى تەشۋىق قىلىشنى ئويلاشقان ئىدىم،بۇ ئىش ئاباي كىنو كۆرۈۋىتىپ تۇيۇقسىز كاللامغا كىلىپ قالدى،ياخشى ئىش قىلىۋاتقانكەنسىلەر بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە شۇ ياخشى ئىشىڭلارغا ھەمدەمدە بولساقمىكىن دەيمەن. سىلەر قانداق قارايسىلەركىن بۇ تەكلىۋىمگە؟
ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ھەر قېتىملىق يېڭى فىلىمىڭلار چىققىنىدا قەرەللىك ھالدا يېڭى فىلىملەرگە 240*70 چوڭلۇقتىكى ئېلان رەسىمىدىن بىردىن ئىشلەپ ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بىز بېكىتىمىزدە تەشۋىق قىلساق ، بۇ بىرگە بىزنىڭ بېكەتكە تۈس قوشسا يەنە بىرگە سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تورچىلىرى تەرىپىدىن بەھىرلەنسە ھەر ئىككىلى بېكەتكە ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولاتتى.(ئەلۋەتتە بېكىتىمىزنىڭ زىيارەتچىلىرى ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس ، ئەمما ئېلان قىلغان مۇشۇ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتقا نىسبەتەن ئويلىغىنىمىزدىن يۇقىرى ، شۇڭا خىجىلچىلىقنى تاشلاپ قويۇپ سىزلەرگە ئۇدۇللا ئېيتىشىم ئىدى ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر) ، ئەمىسە جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن ، ئاخىرىدا ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ يۈرۈشلۈك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!

ئۇيغۇر ئۇلىنىشىدىن جاھانگىر

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

ۋە ئەلەيكۇم دوستۇم، سىزنىڭ ئالاھىتەن ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ بلوگومغا كەلگىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.پىكرىڭىزگە كەلسەك بۇنىڭغا مېنىڭ قوشۇلماي ھەددىم ئەمەس :lol: ئۇنداق بولسا قالدى ئىشلارنى ئايرىم پاراڭلىشايلى

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.9
19:45
9-قەۋەت: «كارو» مۇنداق دېدى:

داۋاملىق تىرىشىڭ…
سىز بىلەن ئايرىم بىر پاراڭلىشىش ئويۇم بار ئىدى، مانا بۈگۈن WP نىمۇ قۇرۋالدىم، مەن سىزنى يوقلاپ كېلىپ بولغۇچە سىز ئۆزىڭىز بېرىپسىز، شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىم.
بولسا qq نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.9
19:46
10-قەۋەت: «كارو» مۇنداق دېدى:

ھەي، بىخەستەلىكىم، نۇمۇرىڭىز تۇرمامدۇ ئاۋۇ يەردە. ;-)

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.