نېمىشقىكىن Pixar نىڭ كارتونلىرىنى قانچە كۆرسەممۇ زېرىكىشلىق ھېس قىلمايمەن، ئۆتكەندە Pixar نىڭ بىر قانچە قىسقا كارتون فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كارتون فىلىملەر بولسا يەنە ئەۋەتىپ بېرىشىمنى ئېيتقانىدى، تۆۋەندىكى كارتون فىلىم Pixar نىڭ 1997-يىلى ئوسكار قىسقا فىلىملەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كارتون فىلىمى بولۇپ، فىلىمدە بىر بوۋاينىڭ يالغۇز باغچىدا بىر مەيدان شاھماتنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئويناپ تۈگەتكەنلىكىدەك ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ
فىلىمدىن ئېرىشكەن تەسىراتىم : ئادەم بۇ دۇنيادا ئۆز-ئۆزىنى خۇشال قىلىشنىمۇ بىلىشى كېرەك
ھىتلېر گېرمانىيىسى دەۋرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھىتلېرنىڭ رەزىل پىلانىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە گېرمانىيەنىڭ كېيىنكى ھالاكەتلىك تەقدىرىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بىر قسىم يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش ۋە ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپلىق، ئىنچىكە پىلانلاش نەتىجىسىدە مەخپى ھالدا ھىتلېرنى قەستلەش پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ، ھەم Valkyrie پىلانى دەپ نام بېرىپ ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى stauffenberg نىڭ باشچىلىقىدا بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق پىلانى ئەمەلگە ئاشامدۇ… نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
ئىراندا چوڭ سايلام بولۇش ئالدىدا كەچۈرۈم ئېلان قلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئەلى قويۇپ بىرىلىدۇ، بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ، شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغان ئەلى ساقچىلاردىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ ئەسلىدە ساقچىلار بىلەن توپىلاڭچىلار(ئوخشاش بولمىغان سىياسى قاراشتىكىلەر) ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشتا، ساقچىلارنىڭ ئوقىدا بىگۇناھ ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئەمدىلا تۈرمىدىن چىققان ئەلى قانداق قىلىدۇ؟
مەزكۇر فىلىم 2010-يىللىق بىرلىن كىنوفېستۇۋالىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن بولۇپ مەزكۈر فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددى ئەمما مەزمۇنى تىرەن، كۆرۇرمەنلەر ئىختىيارى ھالدا كىنۇدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا جۆر بولۇپ كېتىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
Declan Galbraith ئىجراسىدىكى Tell Me Why ناملىق پىلاستىنكا 2002-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەمدىلا 11 ياشقا كىرەي دېگەن ۋاقتى ئىدى، ناخشىدا ئاساسلىق ھازىرقى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىسەنكىرەش، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسىرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەت، بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان مېھىر مۇھەببەت قاتارلىقلار ئىنتايىن جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، بولۇپمۇ ناخشىنىڭ يۇقىرى دولقۇن قىسمىدىكى ئارقا ئارقىدىن بېرىلگەن سۇئال tell me why (ئېيتقىن نېمىشقا) بۇ پەقەتلا جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆز بولۇپلا قالماستىن بەلكى غەپلەتتە ياتقان بارلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇنۇشقا قىلىنغان چاقىرىق ئىدى، گەرچە Declan Galbraith نىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن داڭلىق ناخشىلىرى بولسىمۇ ئەمما ھازىرچە بۇ ناخشىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرۇىغا سۇندۇق، بەھىرلەنگەيسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋى-دۇنيا مۇسۇلمانلار ئۆلىمالىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ھازىرقى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىلىم-پەن، ئىدىيە، دەۋەت، كۈرەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرى، بەلكىم كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز ئۇنى تېخى تۇنۇمىسا كېرەك، دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋى 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەبچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ھەم ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ تۈرلۈك كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ كاتتا ئالىم بىلەن تۇنۇشقاچ ئۇنىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى بايانلىرىنى تەڭ كۆرۈپ چىقايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : نۇرئەخمەت، ئەركان خوتەنى
بوۋاي ۋە دېڭىزنى(The Old Man and the Sea)ھېمىڭۋاي 1951-يىلى كۇبادا يېزىپ چىققان، 1952-يىلى نەشىر قىلىنغان، بۇ ئەسەر ھىمىڭۋاينىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ 1954-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر كارتوننى رۇسىيەلىك رەسسام ئالېكساندىر ھېمىڭۋاينىڭ بۇ ھېكايىسىنى ئاساس قىلىپ ماي بۇياق رەسىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر بىرلەپ سىزىپ چىقىپ كىرىشتۈرگەن، كارتون پۈتۈنلەي ماي بۇياق رەسىملەرنىڭ ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەچكە گەرچە سۈزۈكلۈكى ئانچە بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمىسىمۇ ئەمما ئالېكساندىرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەسەر كىشىگە يەنىلا ئاجايىپ ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ، پەقەتلا بىر ماڭا ياقمىغان يېرى بۇ كارتوندا ئەسلى ئەسەرنى ئادەتتىن تاشقىرى يىغىنچاقلىۋەتكەن، قېنى سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ…
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
ئۈچ مايمۇن ناملىق بۇ فىلىم تۈركىيە داڭلىق كىنو رېژىسسورى نۇرى بىلگە چەيلاننىڭ ئەڭ يېڭى فىلىمى بولۇپ، فىلىم 61-قېتىملىق گانا خەلقئارالىق كىنو فىستۇۋالىدا ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، نۇرى بىلگە چەيلان 1959-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ 2003-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «ئۇزاق»(Uzak)ناملىق فىلىمى شۇ قېتىملىق گانا كىنو فىستۇۋالىدا بىراقلا ئەڭ ياخشى باھا مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى ئەر باش ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئارقىدىنلا «كىلىمات» ناملىق فىلىمى گانا كىنو فىستۇۋالىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، كىشىلەر شۇنىڭدىن باشلاپ نۇرىنى گانا پەرزەنتى دەپ ئاتىغان، قېنى ئۇنداقتا بۇ داڭلىق رېژىسسورنىڭ تۆۋەندىكى فىلىمىنىمۇ بىرگە كۆرۈپ باقايلى
تەرجىمان : ئۇيغۇربەگ http://www.uyghurbeg.net
كۇرلار ۋادىسى ئىراق، ئاساسلىق 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى باش شىتابىغا ھۇجۇم قىلىپ 11 نەپەر تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرىنى بېشىغا خالتا كەيگۈزۈپ ئېلىپ ماڭغانلىقتەك ھەقىقى ئىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ، گەرچە كۇردلار ۋادىسى ئىراقتىن تارتىپ يېقىندا ئېلان قىلىنغان كۇردلار ۋادىسى پەلەستىن قاتارلىق فىلىملەرنىڭ بىرەسمى يول ئارقىلىق كىرگەن ئۆزبېكچە ھەم تۈركچە نەشىرلىرىنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما گۇرۇپپىمىز رەسمى دۆلىتىمىزگە كىرگەن نۇسخىسى كۇردلار ۋادىسى ئىراقنى خەتلىك قىلىپ كەڭ تاماشىبىنلار ھوزۇرىغا سۇندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى، شەمسى(سىراج بلوگى)
بەلكىم سىز مىكرو ئالەم فىلىمى ئارقىلىق ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان ئىنتايىن كىچىك بولغان تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدە ئاز تولا بىرەر نەرسىگە ئىگە بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمدى سىزنى باشلاپ بارىدىغىنىمىز لەرزان بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىپ يۈرۈيدىغان قۇشلار دۇنياسى، بۇ فىلىمنىمۇ مىكرو ئالەمنى سۈرەتكە ئالغان Jacques Perrin سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى سۈرەتكە ئالغان بولۇپ ئالدى كەينى بولۇپ تۆت يىل ۋاقىتتا پۈتتۈرگەن، مەزكۈر فىلىمدە قۇشلارنىڭ ھەر پەسىلدە جاھاننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە كۆچۈشى جەريانى سۆزلەنگەن، قېنى ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ تۇنۇش ھەم ناتۇنۇش قۇشلار بىلەن كۆكتە بىردەم پەرۋاز قىلمايلىمۇ…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى يەنە بىر نادىر فىلىم بولۇپ فىلىمدە مەكتەپ، ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يەنى ئاتا-ئانىنىڭ پەقەت ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ بالىنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەقەت ئىمتىھان نەتىجىسىنى دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا، ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشتىن قورقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى چىن ۋە يۇمۇرىستىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، مەزكۈر فىلىمنى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
قىسقا بولغان قىشلىق تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە، ھەم قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاپمۇ بولدى، بۇ مەۋسۈم نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە مەۋسۈم بولۇپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ۋە شۇنداقلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈپ ياتماقتا، ئەسلىدىغۇ ئۆزۈم بىر نۇتۇق سۆزلەپ كەڭ ئوقۇغۇچى بالىلارغا بىر قېتىملىق مەدەت بېرىپ قوياي دېگەنىدىم، ئەمما ماۋۇ باراك ئوباما دېگەن ئاداش مەندىنمۇ ياخشى سۆزلىگەچكە قۇرۇق پاراڭ سالماي دەپ شۇنىڭ نۇتۇقىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ئاخىرىدا شاھ ئۇيغۇر بلوگى نامىدىن بارلىق ئوقۇغۇچى دوستلارنىڭ يېڭى مەۋسۈمدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
تەرجىمە قىلغۇچى : كارو www.dozah.com
بلوگىمىزدا ئۆتكەندە ماھىر زەيىننىڭ بىر قانچە ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان تورداشلار ماڭا ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى تۇنجى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئەمما قەۋەتلا ياخشى كۆرگەنلىكىنى، شۇنداقلا باشقا ناخشىلىرى بولسا بىرگە تەرجىمە قىلىپ قويۇشىمىزنى ئېيتقانىدى، يېقىندا ئۇنىڭ پەلەستىننى كۈيلەپ ئېيتقان بۇ ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ ئىشلەنگەن MV نى كۆرۈپ بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھر ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : KARDU
بەلكىم سىز نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ۋە بەلكىم نۇرغۇنلىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز كۆرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا Gregory Colbert قا ئوخشاش جاھاننى كېزىپ ئىنسان، ھايۋانات ۋە كەڭرى تەبىئەتنىڭ ئىنچىكە مۇناسىۋېتىنى تارتالىغان، شېئىرى ھېسسىياتقا باي كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ فىلىمدە تارتقان ھەر بىر كۆرۈنۈشلىرى ئىنتايىن تەبىئىي بولۇپ ھېچقانداق يالغان ئارىلاشتۇرمىغان، ئۇ بۇ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلار ئارىسىدىكى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنى تېپىپ چىققان، ئۇنداقتا سىزمۇ تەبىئەتنىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى ئېلىنغان بۇ ھۈججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ چىقمامسىز
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىمدە ئاساسلىق بىر كونا سېھرىگەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ ئىزچىل سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە جاز مۇزىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنىڭ سېھرىگەرلىكتىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىمىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېھرىگەر قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىدا ئۇيۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلايدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئەلىس ئىسىملىك بىر قىز بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ…. ئۇنداقتا سېھرىگەر يەنە قانداق ئۇسسۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ؟ مەزكۈر كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ گەرچە دىئالوگ ئانچە كۆپ بولمىسمۇ ئەمما خېلى تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
PIXAR شىركىتى ھازىرقى كارتون فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە دىسنىيدىن قالسىلا مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىن ئىبارەت، بۇ شىركەت 1984-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ تاكى ھازىرغىچە كەڭ تاناشىبىنلارغا نۇرغۇنلىغان قىززىقارلىق شۇنداقلا مەنىلىك كارتون فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ كەلدى، كەڭ دوستلار كۆرىۋاتقان «ئۇيۇنچۇق كۇلۇبى» «ئېۋا»، «مۇسابىقە ماشىنىسى كۇلۇبى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر كارتونلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كارتون شىركىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان قىسقا كارتونلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە، تۆۋەندە PIXAR شىركىتىنىڭ بىر قانچە نادىر كارتون فىلىملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىمدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىغا ئۇلاشقان بىر ئاتىنىڭ مۇسۇلمانلىق پەرىزىنى تۇلۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىش يولىدىكى ئىش پائالىيەتلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ياردىمىدە ماشىنا بىلەن ياۋرۇپادىن كېسىپ ئۆتۈپ بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەككىگە بارماقچى بولىدۇ، سەپەر جەريانىدا ئاتا-بالا ئىككىسى نۇرغۇنلىغان ئىشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، قېنى ئۇنداقتا بۇ ئاتا مەككىگە ماشىنا بىلەن بارالامدۇ يوق؟ تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرگەيسىزلەر
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
كەلگۈسىدىكى ياپونىيەدە ماشىنا ئادەملەر ئاللىقاچان ئىنسانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنىدى، گەرچە ئۇلار تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە بولۇپ ئائىلىدە ھەر خىل ئەمگەكلەرگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئادەم بولسىمۇ ئەمما تاشقى قىياپىتىدە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئىدى، فىلىمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ دەسلەپتە ئۆيىدىكى ماشىنا ئادەمنى پەقەتلا ئادەتتىكى ئائىلە بۇيۇمى ئورنىدا كۆرەتتى، كېيىن تۇيۇقسىز ماشىنا ئادەمدە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئەھۋاللار شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمگە بولغان پۇزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، فىلىم تەرجىمىسىنى Spx_Faruk ئىشلىگەن بولۇپ ياپون كارتۇنلىرىغا قىززىققۇچى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن فىلىم جەمئىي 10 قىسىم بولۇپ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى ئالدىن يوللىنىپ تۇرىدۇ
فىلىم ئىسمى : EVA نىڭ ۋاقتى
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
بەلكىم ناخشا خۇمار دوستلارغا ماھىر زايىن دېگەن بۇ ئىسىم ياد بولمىسا كېرەك، لىۋان ناخشىچىسى ماھىر زايىن (Maher Zain) كىچىكىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىنتايىن قىززىقىدىغان بولۇپ كېيىن شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، كېيىن داڭلىق ئىجادىيەتچى RedOne بىلەن بىرلىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەم ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كېلىپ ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، ماھىر مۇسۇلمان بولۇپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن سىز قۇيۇق ئىسلام پۇرىقىنى ھېس قىلالايسىز، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېنگىلىز تىلىدا ئېيتىلغان بولۇپ بەلكىم ئۇ خەلقئارالىق ئورتاق تىل ئارقىلىق پۈتۈن كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ناخشىلىرىدا ئېنگىلىز تىلىنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن، تۆۋەندە گۇرۇپپىمىز توردىن مىڭ تەسلىكتە تاپقان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بۇ فىلىم تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان ھەم بىز دىققەت قىلمايدىغان ئاجايىباتلار تەسۋېرلەنگەن يەنە بىر نادىر ھۈججەتلىك فىلىم بولۇپ، فىلىمدە ئوپىراتور ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر بىر جانلىقلارنى سىز ئويلاپ باقمىغان ئەڭ كىچىك ھالقىلاردىن سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئالاھىدە تۇيغۇ ئاتا قىلىغان، مەزكۈر ھۈججەتلىك فىلىم ئارقىلىق كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى جانلىقلار دۇنياسىنىڭ نەقەدەر ئاجايىباتقا تولغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ
فىلىم تىلى : فرانسوس تىلى
يېزىقى : ئۇيغۇرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
فىلىم 1992-يىللىرىدىكى كوردلار بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاساسلىق ۋەتەن سۆيگۈسى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە تۇلۇق چۈشىنىپ كېتىش ناتايىن، چۈنكى فىلىمدە كۆپىنچە سۈرەتكە ئېلىنغىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كوردلار بىلەن جەڭ قىلىشقان ئەھۋاللىرى بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىلىرى، بەلكىم رېژىسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بارلىقىنى تەسۋېرلىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغىنىنى كىنوخۇمارلار ئۆزلىرى كۆرۈپ بىر نېمە دېسۇن
فىلىم تىلى : تۈركچە
خېتى : ئۇيغۈرچە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن تەرجىمە خەتلىك فىلىملەر بولسۇن ۋە ياكى ناخشىلار بولسۇن باشقىلارنى نورمال كۆرسۇن، ئۆچۈرۈلۈپ كەتمىسۇن دېسىڭىز چوقۇم بلوگ باشقۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق تور بېكەتتە كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، تەرجىمە قىلىنغان ھەر قانداق فىلىملەرنىڭ ئەسلى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پەقەت كۆرۈش ئادىرىسىلا تەمىنلىنىدۇ، چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇڭلاشقا چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەلەپ قىلىنغان ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇلمايدۇ، خەۋەردار بولغايسىزلەر...
دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانخانىسى
كارتون فىلىم : ئېۋانىڭ ۋاقتى (داۋاملىق تەرجىمىدە)
ھىندىستان فىلىمى : سىياسەت
127 سائەت
پەرىشتە ۋە ئىبلىس
تۈركىيە فىلىمى : 102
لىۋان
ئىجتىمائىي ئالاقە تورى facebook
ئۇيۇنچۇقلار ھېكايىسى 3
ھىندىستان فىلىمى : كومىدىيىلىك رەقىبلەر
پادىشاھنىڭ نۇتۇقى
نارنىيە رىۋايىتى 1
سىندىباتنىڭ يەتتە دېڭىزدىكى سەزگۈرەشتىسى
ئەركانى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: گېرىنىڭ شاھمات ئۇيۇنى | |
ياۋايى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: گېرىنىڭ شاھمات ئۇيۇنى | |
بەھرام بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: گېرىنىڭ شاھمات ئۇيۇنى | |
كۇلمەس بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئۈچ مايمۇن | |
ئىزدەن بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ھىتلېرنى قەستلەش | |
wasdnoasdw بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: بوۋاي ۋە دېڭىز | |
كۇلمەس بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: Tell Me Why (ئېيتقىن نېمىشقا؟) | |
بەگزات بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ھىتلېرنى قەستلەش | |
ئەركانى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئىران ھېكايە فىلىمى : ئوۋچى | |
فاتىمە بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: كارتون فىلىم : سېھرىگەر | |
ساداقەت بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ھىتلېرنى قەستلەش | |
نالە بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ماھىر زايىن ناخشلىرىدىن تاللانما 2 |