فىلىمدە ئاساسلىق بىر كونا سېھرىگەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ ئىزچىل سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىنچە جاز مۇزىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇنىڭ سېھرىگەرلىكتىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كىرىمىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېھرىگەر قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىدا ئۇيۇن قويۇپ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلايدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئەلىس ئىسىملىك بىر قىز بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ…. ئۇنداقتا سېھرىگەر يەنە قانداق ئۇسسۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ؟ مەزكۈر كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ گەرچە دىئالوگ ئانچە كۆپ بولمىسمۇ ئەمما خېلى تەسىرلىك ئىشلەنگەن. ئۇنداقتا دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولغاي
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
دىۋان كەتتى دەيلى.
كۆرمىگەن كارتون ئىكەن.
ھەي… ياشلىقىمنى ئەسلەۋاتىمەن جۇمۇ….
مۇشۇ يېقىندىن بىرى شاھ ئۇيغۇر ئەپەندى كارتون دىگەنگە ئالامەت ئىشتىياق باغلاپ كېتىۋاتىدۇ جۇما
ھازىرقى كارتونلارمۇ نادىر فىلىملاردىن قېلىشمايدۇ،ناھايىتى ئېسىل كارتونلاربار،يەنە داۋاملىق تەرجىمە قىلىۋاتقان ئۈچ كارتون فىلىم بار،پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ،شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنى قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ~
مەن شاھ ئۇيغۇرنى خىلى كۆپ كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىپ بولدۇم.مۇكاپات بارمۇ يا؟ چاخچاق ھا!!!!!!!!
سىزگە قۇرۇق بولسىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتقاچ تۇراي، مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ تېخىمۇ كۆپلىگەن فىلىملەرنى سىزلەرگە تەمىنلەشكە تىرىشىمىز
رەخمەت يەنە جاپا چىكىپ ياخشى بولغان كارتۇن فىلمدىن بىرنى يوللاپسز
مەنمۇ شاھ ئۇيغۇر بىلوگىغا مەپتۇنمەن….مەنمۇ بالىلىقىمدىن باشلاپ كارتون فىلىملارغا بەك قىزىقاتتىم ………..
تەكلىۋىم:مەنمۇ كىچككىنە تور بەت قۇرغانتىم بولسا دوستانە ئۇلىنىش دىگەن يېرىڭىزنى تەڭشەپ ماڭىمۇ بىر كىشلىك ئۇرۇن بەرگەن بولسىڭىز. تولىمۇ خۇرسەن بۇلاتتىم سىزنىڭ چ چ نۇمۇرۇڭىزنى تاپالمىدىم شۇڭا مېنىڭكىنى قوشىۋالغان بولسڭىز.303047479
مەنمۇ شاھ ئۇيغۇر بىلوگىغا دائىم كەپ تۇرىمەن. يېقىندىن بېرى بىلوگىمىزدا ئۆي كۆچۈش ھەلەكچىلىكىدە كەپ بولالمىغان ئىدىم. بۈگۈن كەلسەم يېڭى مەزمۇنلار ئاينىپ قاپتۇ. ئىزىمنى قالدۇرغاچ ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ كۆرەي…..
مانا ئازراق كۆرۈپ قاپتىمەن داۋامىنى كۆرىمەن دەپ ئىشىمنىمۇ تاشلاپ ئەمدى
شاھ ئالىلىرى مۇمكىن بولسا ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكى ، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا،
خاسبىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى ، مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە ھېكايە دېگەن
كارتۇنلارنىمۇ خەتلىك تەرجىمە قىلىپ قويمامسىلەر …مەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى
پەقەت تاپالمايۋاتىمەن..
17:15
دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئالدىرماي كۆرەي…
بۇ باھاغا پىكرىم بار