بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، قېنى نەزىرىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس
تىلى : ئېنگىلىزچە
يېزىقى ئۇيغۇرچە
پۈتۈن ئېكراندا كۆرمەكچى بولسىڭىز فىلىمنى قوش چېكىڭ
ئا قارىۋاينى لېكىن…كۆزى كىچىك ئادەمنى ئاشۇنداق دېگەن كىتاپتا، راسمۇ نېمە ھە
ھەي پۇل ھەي ھەسەتخورلۇق ھەي چوڭچىلىق
فىلىمنى ئىۋەتىپ بىرەر سىز مۇ
ياخشىمۇ سىز مۇمكېن بۇلسا ماڭغا يۇللاپ بەسىڭىز بۇپتېكەن 1505591949@qqcom.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم قانداق ئەھۋالىڭىز …. بلوگ كۆچكەندىن كىيىن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپتۇ بۇ بىلوگ . مەن بېتىڭىزنىڭ دائىملىق ئىشتىراكچىسى ، لېكىن ئىنكاس يېزىشىم تۇنجى قېتىم ، سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ئەمما بۇ بىلوگنى ياخشى كۆرىمەن تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئىچىدىمۇ سىلەرنىڭ فىلمىڭلارنى ياخشى كۆرىمەن ۋە جىق كۆرگەن بولىشىم مۇمكىن .بولدى قۇرۇق گەپنى قويۇپ سىزگە دوستانە تەكلىپىم بۇ كىنو مەنبەدە ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ قايتا چىقرىپ قويسڭىز بولىدىكەن ، يەنە بىر كىنومۇ شۇنداق ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ ئۇ يەرگىمۇ ئىنكاس يېزىپ قوياي قاراپ باقاسىز …. مەنچە سىلەر قەرەرلىك ھالدا تور ېتىڭلاردىكى كىنو ئۇلنىشى نورمالمۇ شۇنى تەكشۈرۈپ تۇرساڭلار بولىدىكەن . چۈنكى ھازىرقى سىن ئۇلاش بەتلىرى سەۋەبسىزلا سىنلارنى ئۆچرىۋىتىپ بارىدۇ … خەير ئامان بولۇڭ دوستۇم ….
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم، سىزنىڭ بلوگومغا كېلىپ يوقلاپ تۇرۇشىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، سىز دېگەندەك سىزدە قويۇلمىغان بۇ ئىككى فىلىمنى مەن ئۆزۈم قايتا قويۇپ باقتىم ھەم باشقا شەھەرلەردىكى تورداشلارغا كۆرۈپ بېقىشنى ھاۋالە قىلدىم، ھەممسى نورمال كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، فىلىممۇ يۇيۇۋېتىلمەپتۇ، بەلكىم تور سۈرئىتىڭىز سەل ئاستا كېلىپ قالغان ياكى سىز كۆرگەن پەيتنىڭ ئۆزىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، قايتىدىن سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھەر قاچان قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىماي قالدۇرۇپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
15:14
تەجرىبە قىلغۇچىلار بەلكىم دەل ئاقىۋەتتىكى پاجئىەنى سىناق قىلماقچى ئوخشىمامدۇ؟
بۇ باھاغا پىكرىم بار
شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:
مېنىڭچىمۇ شۇنداقتەك قىلىدۇ، ئىنساننىڭ ئوخشىمىغان مۇھىت ھەم شارائىتتىكى خاراكتىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەجرىبە قىلماقچى ئوخشايدۇ
بۇ باھاغا پىكرىم بار