كەلگۈسىدىكى ياپونىيەدە ماشىنا ئادەملەر ئاللىقاچان ئىنسانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنىدى، گەرچە ئۇلار تۆۋەن تەبىقىگە تەۋە بولۇپ ئائىلىدە ھەر خىل ئەمگەكلەرگە ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئادەم بولسىمۇ ئەمما تاشقى قىياپىتىدە پۈتۈنلەي ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئىدى، فىلىمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ دەسلەپتە ئۆيىدىكى ماشىنا ئادەمنى پەقەتلا ئادەتتىكى ئائىلە بۇيۇمى ئورنىدا كۆرەتتى، كېيىن تۇيۇقسىز ماشىنا ئادەمدە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئەھۋاللار شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماشىنا ئادەمگە بولغان پۇزىتسىيەسى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، فىلىم تەرجىمىسىنى Spx_Faruk ئىشلىگەن بولۇپ ياپون كارتۇنلىرىغا قىززىققۇچى دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن فىلىم جەمئىي 10 قىسىم بولۇپ تەرجىمە قىلىنىپ بولغان قىسمى ئالدىن يوللىنىپ تۇرىدۇ
تەرجىمە قىلغۇچى : Spx_Faruk
داۋاملىق تەرجىمىدە…
ئاخىرنى تىزراق يولىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .
ئاۋۇ ماشىنا ئادەملەر بەك سۇيۇملۇككەن.
رەھمەت دوستلار قوللىرىنىڭلارغا ،3-قىسمىدىن كېيىن مېنىڭ شەخسىي سەۋەبىمدىن تەرجىمە سۈرئىتى ئاستىلاپ قالدى، ھازىر ھەممە ئىشلىرىم ئورۇنلۇشۇپ تەرجىمە خىزمىتىم تەرتىپكە چۈشتى ، مەن قالغان قىسىملىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە پۈتتۈرىمەن ،قوللىغىنىڭلاردىن بەك تەسىرلەندىم، شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئەڭ ياخشى نادىر تەرجىمە فىلىملىرىنى سىلەرگە بېغىشلايدۇ.
SPX ئەپەندىم، سىز نۇرقۇتتا بۇنىڭ تۇنجى قىسمىنى يوللىغاندىن تارتىپلا بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان، شۇغىنىسى بۇ فىلىم بەك ئۇزۇنغا سۇزۇلدە دېسە …
سىلەرنى قوللايمىز. جاپا چەكتىڭلار!
ھەقىقەتەن كۆپ تىرىشىۋاتىسىلەر. داۋاملىق تىرىشىشىڭلارغا، يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىقىڭلارغا تىلەكداشمەن….
مەن ئاستىرىتتىن كۆزىتىۋاتىمەن، خىلى بولدى…. يەنىلا شىۋە ئىغىر ،يەرلىك شىۋىدىن قۇتۇلغىلى بولماسمۇ؟
بىزمۇ يولداشلارغا ئوىشاش تەرجىمان سىلىپ يۈرمەيلى…
ھىلىقى كىنونى مەن بەك ياقتۇردۇم،(سىز نۇرقۇتقا يوللىغاننى) كۈندە كۆرۈۋاتىمەن…
سىز قايسى شىۋىنى دەۋاتىسىز؟ مۇمكىن بولسا كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولسىڭىز
نۇر قۇتقا يوللىغان قايسىنى دەيسىز؟ 5 سانتىمېتىر ھەر سېكونتما؟
تېرىشچانلىقىڭلاردىن بەكمۇ تەسىرلەندىم،سىلەردەك ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى باشلامچىلاردىن پەخىرلىنىمەن،سىلەرنىڭ غەيرىتىڭلار ماڭا ئىلھام بەردى،تېخىمۇ تېرىششىڭلارغا تىلەكداشمەن.
رەخمەت بولسا داۋاملق تىرىشڭلار ھىلىمۇ كوپ جاپا چىكىۋاتىسىلەر
مەن يەنە كەلدىم. سىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمىڭلارغا خۇمار بولۇپ قالغان ئوخشايمەن. بۇ فىلىم ئۆزگىچىكەن. 1-قىسمى چىققاندىن باشلاپلا كۆرۈۋاتقان ئىدى …
4 قىسمنىڭ ھەممىنى كۆرىۋەتتىم. تولىمۇ رومانتىك فانتازىيە ئىكەن. ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمگە كۆيۈپ قالسا، ماشىنا ئادەم خوجايىنىغا كۆيۈپ قالسا…ياپۇنلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ھېسياتسىز ماشىنا ئادەمدەك كۆرىنىدۇ. رەھمەت.
بىرزات ھەكىمنى مەن تېخى كارتۇن فىلىملەرگە ئانچە خۇشى يوق دەپ ئويلىسام بۇ يەردىمۇ پەيدا بولۇپ قاپتۇغۇ قەدەملىرىگە مەرھابا
14:40
سىلەرگە ئاپىرىن سىلەر ھازېر ئۇيغۇر توربەتلىرى ئىچىدە داڭلىق توربەت بۇلۇپ قالدىڭلار
يەنىمۇ تىرىشىڭلار؟
مۇمكىن بولسا تەرجىمە سۈر ئىتىڭلارنى تىزلەشتۈرگەن بولساڭلار!
كۈرۈرمەنلەر نىڭ ئىھتىياجى قانمايۋاتىدۇ!
بۇ باھاغا پىكرىم بار