شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى مۇنداقمۇ كۆرۈڭ

Post image of شاھ ئۇيغۇر بلوگىنى مۇنداقمۇ كۆرۈڭ
سەھىپە: بلوگ بىلدۈرگۈسى باھا: 21

ھەممىمىزگە مەلۇم گوگۇلنىڭ Chrome تور كۆرگۈسى سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ نەپىس، ئاددىي ئىكەنلىكى بىلەن قارشى ئېلىشىمىزغا ئىرىشتى، يېقىندا تورداش قۇتبىلىك گوگۇلنىڭ بۇ تور كۆرگۈسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭىچە بىر دېتالنى تورداشلارغا يۈز كۆرۈشتۈردى، دىتالنىڭ رولى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇكى بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرمەي تۇرۇپ تور بەتكە يوللانغان ماقالىلارنى ۋە يازمىلارنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ. يوللانغان بولسا قانچىلىك ۋاقىت ئىلگىرى يوللانغان ئىكەنلىكىنى، ۋە تۇلۇق مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسز، قوزغىتىش رەسىمى تور كۆرگۈنىڭ ئۈستىنكى تەرەپتە چىقىپ تۇرىدۇ. قوزغىتىش ناھايىتى ئەپلىك، چۈشەندۈرۈشنى كۆپ قىلماي، تورداشلار تۈۋەندىكى رەسىمنى كۆرگەچ خالىساڭلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇ دىتال ئارقىلىق شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ۋە مەنىلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىتالنى چۈرۈرۈش ئادىرىسى:

چۈشۈرۈڭ

دىتالنىڭ يەنە بىردانە ئونۋېرسال نەشىرى ۋە بىرقانچە تور بەتكە ئاتالغان مەخسۇس نەشىرى بار. مەخسۇس نەشىرى ياسالغان بىكەتلەر ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان، RSS مەنبەسى ئۈچۈن تۇراقلىق ئادرس ئىشلەتكەن بىلوگلار بولدى ئونۋېرسال نۇسخىسىدا چىقىدىغان تېمىلار ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدىكى WordPress سىستېمىسى ئىشلەتكەن، RSS مەنبەسى تۇراقلىق شەكىدە بولغان، تۇلۇق مەزمۇنلۇق RSS گە ئىگە بولغان بىكەتلەردۇر. سىز بۇ دىتال ئارقىلىق بۇ بىكەتلەرگە كىرمەي تۇرۇپلا يېڭى مەزمۇن يوللانغان يوللانمىغانلىقىنى، يوللانغان بولسا قانچىلىك ۋاقىت ئىلگىرى يوللانغان ئىكەنلىكىنى، ۋە تۇلۇق مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسز. بۇ دىتال سىزنىڭ توردۇنياسىدىكى قىسقا ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىزغا كۆپ ياردەملەرنى قىلغۇسى.

ئونىۋېرسال نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى :

چۈشۈرۈڭ

دىتالنىڭ بىر قانچە كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرى

مەخسۇس نەشىرى ئىشلەنگەن بىلوگلار تىزىملىكى:
يۈكسەل بىلوگى
80خالتا بىلوگى
تورخۇمار بىلوگى
تەدبىركار بىلوگى
ئۇيغۇربەگ بىلوگى
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
نۇرقۇت تورى

2010.12.31 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى

بەت يۆتكەشكە ئالدىرماڭ، ئاستىدىكىلەردىن سىز ئىزدىگەنلەر چىقىپ قالامدۇ تېخى...

21 تورداش باھا بەردى، سىزچۇ؟

تورداشلارنىڭ باھاسى
2010.12.31
08:29
1-قەۋەت: «بەخت بلوگى» مۇنداق دېدى:

بۇ بەك ياخشى بوپتۇ !!! :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.31
08:31
2-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

تەشۋىقات باشلىنىپتۇدە

بۇ باھاغا پىكرىم بار


قۇتبىلىك مۇنداق يازغان:

شۇنداق بوپ قالدى، بىرلىكتە كەلمەمدۇق، ھەھۇ دىيىشمەيلىمۇ؟ :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.31
14:41
3-قەۋەت: «ئويغۇرلار بىلوگى» مۇنداق دېدى:

يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىنجە قولغا كەلتۇرەسىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
04:50
4-قەۋەت: «Tarim68» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بلوگىڭىزنىڭ «2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
05:11
5-قەۋەت: «تىلماچ» مۇنداق دېدى:

شاھ ئالىيلىرى، ياشىغايلا، ياشىغايلا، تۈمەن مىڭ يىل ياشىغايلا! بلوگىڭىزنىڭ «2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ» شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز! خانىش ئىككىڭلارغا مەڭگۈلۈك بەخت، ساغلاملىق، شادلىق تىلەيمىز!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
07:32
6-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

10 چوڭ بلوگ شەرىپلىرىگە مۇبارەك بولسۇن!…

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
08:45
7-قەۋەت: «يۈكسەل» مۇنداق دېدى:

يېڭى يىل مۇبارەك بولسۇن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
10:53
8-قەۋەت: «چەۋەندازلار بلوگى» مۇنداق دېدى:

شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ‹‹2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ھەمدە شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭى سەھنىسىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! يېڭى يىلدا يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەيسىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
14:19
9-قەۋەت: «پادىشاھ» مۇنداق دېدى:

چۈشۈرۈش ئادىرسىدا خاتالىق بارمۇ چۈشۈرەلمىدىم

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

تەكشۈرۈپ كۆردۈم، نورمال چۈشتىغۇ بولمىسا

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
16:13
10-قەۋەت: «ۋەتەن» مۇنداق دېدى:

شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ ‹‹2010-يىللىق 10 نادىربلوگ››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.1
17:19
11-قەۋەت: «شاھ ئۇيغۇر» مۇنداق دېدى:

ئاللا، ئاللا، مەن بۇ توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازاي دەپ بولغۇچە تورداشلارنىڭ تەبرىكنامىسى كېلىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ، ھەممىڭلارغا كەمىنە شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىن ئوتلۇق سالام، كۆپتىن كۆپ رەھمەت، ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا ھەم بىردەك مۇبارەك بولسۇن، پەقەت سىلەرنىڭ قوللاپ قوۋۋەتلىشىڭلار ئارقىسىدا بلوگوم بۇ يىللىق نادىر بلوگ قاتارىغا كىرەلىدى، ئاللا خالىسا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن ۋە تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.2
12:31
12-قەۋەت: «ۋېرۇس» مۇنداق دېدى:

مۇنداق ياخشى ئىشلارمۇ باردەڭ … خېلى قولايلىقتەك قىلىدىغۇ …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.3
13:22
13-قەۋەت: «ئابرال» مۇنداق دېدى:

شاھ ئۇيغۇر بىلوگىنىڭ 10 چوڭ بىلوگ بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئابرال دوستۇمنىڭ تەبرىكنامىسىغا كۆپ رەھمەت، بولسا سىزنىڭمۇ داۋاملىق كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.8
18:00
14-قەۋەت: «زڭلالا» مۇنداق دېدى:

ھېچنىمە يوققۇ؟ 无法显示网页

بۇ باھاغا پىكرىم بار


ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:

شۈنلېيدا چۈشۈرسىڭىز چىقىدۇ

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.13
11:26
15-قەۋەت: «باكۋ» مۇنداق دېدى:

جاقسى بولىپتى …

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.01.20
13:57
16-قەۋەت: «ئۈمۈت» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم。چۈشۈرۈش ئادىرسىدا خاتالىق بارمۇ چۈشۈرەلمىدىم

:sad: :sad:

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.9
09:45
17-قەۋەت: «attila» مۇنداق دېدى:

چۇشۇرۇش ئادىرىسىنى چەكسە无法显示网页چىقتى، Googleدائىزدەپ چۇشۇرۇپ ئىشلىتىپ كۆردۇم、ئۇيغۇرچە يېزىق كۆرۇمسىز چىقىپ قالدى، ..؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.