مېنىڭ ئىسمىم خان
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
1-قىسىم
2-قىسىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دوستۇم. بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى قىسىمىنى پەقەتلا كۆرگىلى بولمىدى. بولسا بىر ئوڭشاپ قويغان بولساڭلار.
ياكى بولمىسا tuzimasgul@163.com غا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، سىلەرنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن جاپا چېكىپ فىلىم تەرجىمە قىلغىنىڭلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
سىلەردىن سورايدىغان بىر ياردىمىم بار ئىدى، مۇمكىن بولسا ( ئەرەبچە تەسىرلىك ناخشا ) دېگەن تەرجىمە فىلىمنى ئېلىخەتكە يوللاپ بەرگەن بولساڭلار سىلەردىن بەكمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم .
ئۆتۈنۈشۈمنى يەردە قويمىغايسىزلەر ….
ئېلىخەت ئادىرسىمنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ..
544380045@qq.com
08:01
ئىككىنچى قىسىمىدا مەسىلەر باركەن 4`5 مىنۇتلۇق يەرگە بېرىپلا قېتىۋالدىكەن ، ئەۋەتىپ بېرىڭلار دېسەم يا ئۇنىمىدىڭلار ، يا ئوبداننى يوللىمىدىڭلار. مۇشۇ فىلىمنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ كەتتىم بولمىسا ماڭا سېتىپ بېرىڭلار پۇلغا ئالاي ، دوستلىرىم تەۋسىيە قىلمىغان بولسا كۆرمەيتىم ، كۆرەي دېسەم ھەجەپ قىلىپ كەتتىڭلار .تۇتىيادىن ئەتىۋار قىلىۋالدىڭلار
بۇ باھاغا پىكرىم بار
يۈكسەل مۇنداق يازغان:
زىلتارنى قاقشاتقۇچە ئېۋەرتىپ بەرسەڭلار بولمامدۇ ، باللار ؟!
شۇ قاتاردا ماڭىمۇ قوشۇپلا
بۇ باھاغا پىكرىم بار
ش ئە ئۇيغۇرى مۇنداق يازغان:
يېقىندا يىل ئاخىرى بولغاچقا ھەم بلوگ كۆچكەچكە، سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ئەمما ئالدىراشچىلىق مەزگىل تۈگىگەندە بىر قانچە تورغا يوللاش مۇمكىن بولمىغان فىلىملەرنى قايتا يوللاپ بېرىشنى ئويلىشىپ بولغان، شۇ چاغقىچە تەخىر قىلغايسىز، بەلكىم يېڭى يىلغىچە يوللاپ بېرىشىمىز مۇمكىن
بۇ باھاغا پىكرىم بار
شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:
زىلتار دوستۇم، سىزنىڭچە بىز ئەمدى تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلەيمىز، دوستلارغا ئانچە مۇنچە تەرجىمە خەتلىك فىلىملەر بىلەن تەمىنلەيمىز دەپ يامان بولۇپتۇقدە…. گەپلىرىڭىز بەكلا قاتتىققۇ؟ ئەگەر تور توغۇرلۇق ئازىراق خەۋىرىڭىز بولسىلا بىز جاپا تارتىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان فىلىملەرنى خەنزۇلارنىڭ كىنو بوشلۇقىغا يوللاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىر قاراپلا بىلەلەيسىز، شۇنداق بولغانىكەن بىز يوللىغان فىلىملەرنى ئۇلار ھەر خىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن نورمال كۆرسەتمىسە بىزدە نېمە ئامال؟ ياكى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشامدۇق؟ بىزنىڭ بىردىنبىر خاتالىقىمىز باشقىلاردەك ئىشتىن ياكى دەرستىن چۈشكەندە كومپىيۇتېر ئۇيۇنلىرىنى ئويناپ كۈن ئۆتكۈزمەستىن بەلكى ئازىراق بولسىمۇ تورداشلارغا يېڭى فىلىملەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقانلىقىمىزدا، بىزمۇ پەقەت ساناقلىق بىر قانچە ئادەم، تەرجىمە قىلىش، كوررېكتورلاش، كىرىشتۈرۈش، تورغا يوللاش ئىشلىرى بىلەن ئارانلا كېتىپ بارىمىز، ھەم قىسمەن فىلىملەرنى ۋاقىت چىقىرىپ مەلۇم ۋاقىتقىچە ئېلخەت ئۇسۇلى ئارقىلىق يوللاپمۇ كېلىۋاتىمىز، بۇ فىلىمنى ھەم ئەينى چاغدا يوللاپ بەرگەن، ئەمما ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ شىنجاڭدا قانچىلىك تور ھەۋەسكارلىرى بار، بىز بىر فىلىمنى جاپا تارتىپ تەييارلاپ توردا ئېلان قىلىپمۇ قويدۇق دەيلى، سىزدەك فىلىمنى يوللاپ بېرىڭلار دەيدىغانلار كۈرمىڭ، ھەر ئون كۈندە بىرسى ئۇچۇر يوللاپ فىلىمنى ئەۋەتسىڭىز دېسە دېمەك بىز يەنە بىر فىلىمنى تەرجىمە قىلىمىز دېمەي قىلىپ قويغان شۇ بىر فىلىمنى يوللاپ بېرىش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزسەك بولىدىكەندە… بۇنداق دېگىنىم بىز ئەزەلدىن فىلىم يوللاپ بەرمەيمىز دېگىنىم ئەمەس، قاخشىغاندىن كۆرە بىزگە بىرەر فىلىم يوللايدىغان بوشلۇق تەمىنلەپ بېرىڭە تەرجىمە قىلغان ھەر بىر فىلىمنى ھەقسىز جان دەپ يوللاپ بېرەيلى، بىز ئۆزىمىزنىلا ئويلىماي باشقىلارنىمۇ ئويلاشنى ئۆگىنەيلى، دوستۇم، بۇ سۆزلىرىڭىز ماڭىلا ئەمەس بارلىق مۇشۇ يولدا ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان تورداشلارغا خېلى تەسىر قىلىدۇ. يەنە ھەم سىز دېگەندەك بىز ئەزەلدىن بىرەر فىلىمىمىزنى سېتىپ باقمىدۇق، جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلىپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن فىلىملەردىن ھازىرغىچە بىرەر تىيىن پايدا كۆرۈپ باقمىدۇق.
بۇ باھاغا پىكرىم بار