يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت 3D نۇسخىسى

Post image of يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت 3D نۇسخىسى
سەھىپە: فىلىملەر باھا: 7

يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت 3D نۇسخىسى

بەلكىم قىسمەن كىتاپخۇمار دوستلار بۇنىڭ كىتاپنى ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىم دەل شۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ چۈرەۋور جىيەنى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاندىيەگە بېرىپ خەننانىڭ ياردىمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاپماقچى بولىدۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نامەلۇم بىر غارغا كىرىپ قىلىپ چىقىش يولىنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يەنى ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئايرىم دۇنيا بارلىقىنى ھەم كىتاپتا يېزىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپ كېتەلەمدۇ؟ دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن

تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
تىلى : ئېنگىلىزچە
يېزىقى : ئۇيغۇرچە

2010.12.18 ئاپتور: ش.ئە.ئۇيغۇرى
خەتكۈچ:

7 تورداش باھا بەردى، سىزچۇ؟

تورداشلارنىڭ باھاسى
2010.12.22
06:22
1-قەۋەت: «قەيسرلە» مۇنداق دېدى:

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم داۋاملىق ئىسىل كىنوفىلىملەرنىسۇنغايسىلە :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :!: :lol: :lol: :lol: :lol:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

ئاللا خالىسا تېخىمۇ نادىر فىلىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.25
07:32
2-قەۋەت: «ئاتەش» مۇنداق دېدى:

مەزكۇر بلوگدىكى فىلىملەرنىڭ rm ياكى rmvb نۇسخىسى بىللە تەمىنلەنگەن بولسا تېخىمۇ پەيزى ئىش بولاتتى،نېمىشقىكىن توردا كىنو كۆرسەم كۆرگەندەك بولمايمەن ،سۈزۈك نۇسخىسى بولسا تېلۋىزوردا كۆرسەم كىنو كۆرگەندەك بولىدىكەنمەن.
سۈزۈك نۇسخىسىنىمۇ بىرەر بوشلۇققا يوللاش ئىمكانىيتىمۇ بارمۇ، ھەزرىتىم؟

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

مەنمۇ ئىزچىل بۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىىپ بوشلۇق دېسىلا يوللاپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما يېقىندا Very cd نى قايتا سىناپ باقايمىكىن دەيمەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2010.12.25
18:53
3-قەۋەت: «كۆرۈرۈمەن» مۇنداق دېدى:

بۇ فىلىمنى 3د كۆرسىتىدىغان كۆزەينەك تاقىساق 3 د ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ كۆرۈرەلەيمىزمۇ ؟ مېنىڭ پەقەتلا تۆۋەن ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى كۆرمەيدىغان ئادىتىم بار . تۆۋەن ئېنىقلىقتىكى فىلىملەر ئادەمنىڭ فىلىمدىن ھۇزۇر ئېلىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ دەپ قارايمەن . (مۇنداقل ئويلايدىغانلار مېنىڭچە كۆپ )
مەن ئۈچۈن بولسىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتا پىرىسلاپ مۇقىم بوشلۇققا يوللىغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى . (چاخچاق ھە ) :razz:

بۇ باھاغا پىكرىم بار


شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت دوستۇم، بۇ فىلىمنى بىز 3د سىناق نۇسخا سۈپىتىدە يوللىدۇق، 3د كۆز ئەينىكىدە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولامدۇ يوق، راستىنى دېسەم ئۆزۈممۇ سىناپ باقمىدىم، لېكىن مېنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىن 3د فىلىمنى قىلماسلىقنى ئويلىشىۋاتىمىز چۈنكى ئۇنداق فىلىملەرنى يەنىلا كىنوخانىدا ھەقىقى ئۈنۈمىنى ھوزۇر بىلەن كۆرسە ياخشى بولىدىكەن

بۇ باھاغا پىكرىم بار

2011.02.24
17:03
4-قەۋەت: «قازانچى» مۇنداق دېدى:

يامان بەك ئاشۇرۋەتكەن فانتازىيىكەنغۇ بۇ، يەر مەركىزىدە يەنە بىر دۇنيا، راستىنلا شۇنداق يەر بولغاندىمۇ ئۇيەر يەرنىڭ مەركىزىدە ئەمەس باشقا پىلانىتتىدا بولسا بولاتتى.

بۇ باھاغا پىكرىم بار

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
»
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.