ئۇلىنىش

سەھىپە: باھا: 0

شاھ ئۇيغۇر بلوگى بىلەن ئۇلىنىش قىلىڭ

Shah Uyghur blogi bilen ulinish qiling

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار! قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىلوگومغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا.

شاھ ئۇيغۇر بىلوگى ئاساسلىق ئۇشبۇ گۇرۇپپا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان ئۇيغۇرچە يېزىقلىق تەرجىمە فىلىملەرنى يوللاپ دوستلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بىيىتىش يېڭىچە ئۇسۇلدا تىل ئۈگىنىش كەيپىياتى يارىتىش نادىر فىلىملەرنى تېخىمۇ تېز ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر بىلەن تۇنۇشتۇرۇشنى  ئاساس قىلغان بىلوگ سۇپىسى بولۇپ تور ئېچىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇ يولدا ئىزدىنىپ كەڭ دوستلارغا ئۆز تىلدا ئەسلىدىكى سۈپەتنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئانا يېزىقىمىزدا ئەڭ يېڭى فىلىملەرنى دوستلارغا تەمىن ئىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن شاھ ئۇيغۇر بىلوگىنىڭ زىيارەت سانىمۇ داۋاملىق ئىشىپ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدىكى ئۆزىگە خاس بىلوگ بولۇپ قالدى، تۆۋەندە  بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەش مەقسىتىدە كەڭ ئۇيغۇر بىلوگگېر دوستلار ئارا داۋاملىق ئۇلىنىش قىلىدۇ ،ئۆز-ئارا دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى بولغان دوستلار پەقەت تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل شەرتنى ھازىرلىسىلا بىلوگوم بىلەن ئالاقىلاشسا بۇلىدۇ

1. ئۇلىنىش قىلماقچى بولغان بىلوگىڭىز چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولىشى كېرەك .(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا يېزىلفان بىلوگلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )

2. بىلوگىڭىز چوقۇم مەلۇم خاسلىققا ئىگە بولغان بولىشى كېرەك.ناخشا ۋە رەسىملەر بىلەن تولغان بىلوگلار بىردەك ئۇلىنىش قىلىنمايدۇ (بۇمۇ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىمىزنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈندۇر)

3. بلوگىڭىزنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى چوقۇم ئونمىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك شۇنداقلا ئاز دېگەندە بىر ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ يېڭىلىنىپ تۇرۇلىشى كېرەك ئەگەر مەلۇم ۋاقىتقىچە يېڭىلىش توختاپ قىلىنغان بلوگلار بولسا ئەھۋالغا قارىتا ئۇلىنىشتىن قالدۇرۇشنى بلوگىمىز بەلگىلەيدۇ. (بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۈگۈن باشلاپ ئەتىسىلا توختاپ قالىدىغان بلوگلارنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى پاخال قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش)

4. بلوگ ئۇلىنىشىنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم شاھ ئۇيغۇر بلوگى ئۇلىنىش قىلىنىشى كېرەك. 

ئۇنىڭدىن كىيىن بىزگە ،مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا بلوگ نامىڭىز بىلەن تۇغ ئادىرىسڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزلا بۇلىدۇ.بلوگىڭىزنىڭ تۇغى بولسىلا چوقۇم رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز

5. بلوگ ۋە يازمىلار ھەققىدە ھەر قانداق پىكىر- تەكلىپ ۋە تەلەپلەر بولسا ئەڭ يېڭى يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئەسكەرتىمىز.

ئەسكەرتىش : ئەگەر بىلوگىمىزنى ئۇلىنىش قىلىپ بولغان ئەمما شاھ ئۇيغۇر بىلوگىنىڭ ئۇلىنىش سەھىپىسىدىن قېلىپ قالغان بىلوگگېر دوستلار بولسا مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ قويسىڭىز چوقۇم ۋاقتىدا ئۇلىنىش قىلىپ قويىمىز .

بىلوگ نامى : شاھ ئۇيغۇر بىلوگى

بىلوگ ئادىرىسى : ../

 تۇغ ئادىرىسى :

ئۇيغۇر بىلوگگېرلار توپى : 62476026                          

شاھ ئۇيغۇر بلوگى بىلەن ئالاقە قىلىش ئادىرىسى : ../

2010.12.5 ئاپتور: ش ئە ئۇيغۇرى

0 تورداش باھا بەردى

تورداشلار تېخى باھا بەرمىدى، سىز بىرىنچى بولۇپ باھا بېرىڭ.
ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.