مايكېل جېكسون، بۇ ئىسىمنى بەلكىم بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ئالساممۇ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى يەنىلا زېرىكمەي ئاڭلايمەن، ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىلىرىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسىمۇ ھېچقانداق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىغا ئوخشىمايتتى، ئەمما ناخشا سەھنىسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان بۇ چولپىنىمىز 2009 –يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى لوس ئانجىلىستىكى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىزلا كەڭ ناخشا مەستانىلىرى بىلەن ۋاقىتسىز خۇشلىشىدۇ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى كونسېرتىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىدۇ، مەزكۈر فىلىم جېكسون ھايات ۋاقتىدا شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا تارتىلغان پارچە سىن لېنتىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ مايكېل جېكسوننىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا سۇنۇلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوۋغا بولۇپ قالدى، بۇ فىلىم بلوگىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىىپ ئۇيغۇر مايكېل جېكسون ناخشا مەستانىلىرىغا سوۋغات سۈپىتىدە تەييارلاندى، ھوزۇرلانغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
مەزكۈر كارتون فىلىم ئەنگىلىيە كارتون شىركىتى Aardman نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى بولۇپ، تىپىك ئەنگىلىيە كىشىلىرىنىڭ خاراكتىرىنى ئالغان يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي كارتونلىرىنىڭ بىرى، « ۋاللاس ۋە گرومىت » نىڭ بىرىنچى قىسمى A Grand Day Out ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئالقىشلارغا ئېرىشكەن ھەم شۇنداقلا ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئارقىدىنلا ئىككىنچى قىسمى The Wrong Trousers ۋە A Close Shave دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئېلان قىلىنىپ ئايرىم ئايرىم شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مەزكۈر قىسىمدا ۋاللاس ۋە ئۇنىڭ ئىتى گرومىت يېڭى بىر بولكىخانا ئاچىدۇ، تىجارىتى تازا روناق تېپىۋاتقان پەيتتە ساھىبجامال قاتىلغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئاخىرىدا….. ئەڭ ياخشىسى كارتوننىلا كۆرۈڭ، تىل ئۆگىنىشكە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ كارتونمۇ قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ئەمما ھەر دائىم رەت قىلىنىپ كەلگەنىدى، بۇ چاغدا ئۇ بىر ئوساما بېنلادىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەمنى بايقاپ قالىدۇ، ھەم ئۇ ئارقىلىق يالغان بېنلادىننىڭ سىنئالغۇسىنى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئامېرىكىغا بارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشى بىر تالاي ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا ئەلى ئامېرىكىغا بارالامدۇ يوق؟ نەزىرىڭىز شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئەلۋىن، سايمىن ۋە سىدۋۇر ئورمانلىقتىكى بىر كىچىك قارىغاي دەرىخىدە ياشاۋاتقان ئالاھىدە تىيىنچاقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار خۇددى ئىنسانلاردەكلا گەپ قىلالايدۇ ھەم ناخشا ئېيتالايدۇ، بىر كۈنى روژدېستىۋۇ بايرىمىغا يېقىن ئۇلار تۇيۇقسىز دەۋى ئىسىملىك بىر تۇنۇلمىغان مۇزىكانت بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ، دەۋى ئۇلارنىڭ گەپ قىلالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئۆزى يازغان ناخشىنى ئېيتقۇزىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر قانچە تىيىنچاقلار بىردىنلا تۇنۇلۇپ چولپانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇندىن كېيىنكى يوللار ئۇلار ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالىدۇ، خوش ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداق ئىشلارغا يولۇقىدۇ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
فىلىمدە بىر تۈركىيەلىك ئايال مۇھەببەتسىز توي ۋە ئائىلە زۇراۋانلىقى تۈپەيلى بالىسىنى ئېلىپ بىرلىكتە گېرمانىيەگە يەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىۋالىدۇ، ئەمما ئۇ پەقەت توي قىلىپ بولغان ئايال بولغانلىقى تۈپەيلىلا مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدە يات بىر كىشى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەم ئۆزىگە تەۋە بولغان تۇرمۇشنى تاپماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، فىلىمدە يەنە بىر قېتىم بىر قىسىم مىللەتلەردە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار دېگەن ئىدىيە ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ مەزكۈر فىلىم بېرلىن خەلقئارالىق كىنو فىستوۋالىدا ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
گرۇ مەخسۇس كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ نام قازىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بىر قېتىم ئۇ كۆكتىكى ئاينى ئوغۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر رەقىبى ئۇ پىلانلاپ ئوغۇرلاپ چىققان كىچىكلىتىش قۇرالىنى ئۇنىڭدىن ئوغۇرلىۋالىدۇ، كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانىدا گرۇ رەقىبىنىڭ يېنىغا خالىغانچە كىرىپ چىقالايدىغان ئۈچ كىچىك بالىنى ۋاقىتلىق بېقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەم سۇ ئارقىلىق كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ ياخشى بىر دادىغا ئايلانغانلىقىغا قىزىقامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز يېڭى تەرجىمە خەتلىك فىلىمىمىز «رەزىل مەن» دە بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئارمانىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار
بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : WWW.SHAHBLOG.NET
بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنىپ بولدى، قېنى نەزىرىڭلار فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس
ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارزۇ ئارمىنى بولىدۇ، شۇ ئارزۇ ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بەزىلەر بۇ خىل جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، بەزىلەر مەيلى قانچىلىك جاپا مۇشەققەتكە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ مېگنامۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئويلىمىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولالامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مودا» دا بولسۇن.
ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : مودا
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم قىسمەن كىتاپخۇمار دوستلار بۇنىڭ كىتاپنى ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىم دەل شۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ چۈرەۋور جىيەنى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاندىيەگە بېرىپ خەننانىڭ ياردىمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاپماقچى بولىدۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نامەلۇم بىر غارغا كىرىپ قىلىپ چىقىش يولىنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يەنى ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئايرىم دۇنيا بارلىقىنى ھەم كىتاپتا يېزىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپ كېتەلەمدۇ؟ دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن
فىلىم نامى : يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت
تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى
تورداشلار بەلكىم 2012 فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىمدە رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاخىرقى زامان ئالامەتلىرى رىئاللىق بىلەن زىچ بىرىكـتۈرگەن ئاساستا ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنمۇ پۈتكۈل كىنو ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، زامان ئاخىرى، ئاخىرقى زامان توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر ئىزچىل مەۋجۈد، ھەر قايسى دىن ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاخىرقى زامان توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشاش بولغان شۇنداقلا ھەم ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار ، ئۇنداقتا زامان ئاخىرى راستتىنلا يېقىنلاپ كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سۆزى بۇيىچە بۇنى پەقەت قادىر ئاللالا بېلىدۇ، ئۇنداقتا بىز قېنى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى…
ھۆججەتلىك فىلىم : 2012-يىلى راستتىنلا زامان ئاخىرىمۇ؟
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى ، ش ئە ئۇيغۇرى
خاگارى بىلەن تاگاكى ساۋاقداش بولۇپ ھەر ئىككىلىسى باشقا شەھەردىن توكيوغا ئوقۇشقا كەلگەن ھەر ئىككىسى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدى، خاگارى دائىم تاگاكى بىلەن بىرگە بولۇشنىلا ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خاگارى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توكيودىن كۆچۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككىسى پەقەت خەت ئالاقە ئۇسۇلى بىلەنلا ئالاقىلىشىپ كېلىدۇ، يىللارنڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارمۇ ئاستا ئاستا چوڭ بولىدۇ تاگاكى چوقۇم خاگارى بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاخىرى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچرىشالامدۇ؟
مەزكۈر كارتون فىلىم ئاساسلىق ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مۇھەببەت ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىم تەرجىمىسى گۇرۇپپىمىزدىكى Spx_Faruk تەرىپىدىن ئىشلەندى. ئەگەر كارتون مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز تولۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ
تەرجىمە قىلغۇچى :
ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن تەرجىمە خەتلىك فىلىملەرنى بلوگ باشقۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق تور بېكەتتە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ، بلوگدىكى پەقەت ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن فىلىملەردىن باشقا ھەر قانداق فىلىملەرنىڭ پەقەت كۆرۈش ئادىرىسىلا بار، چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇڭلاشقا چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەلەپ قىلىنغان ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇلمايدۇ، خەۋەردار بولغايسىزلەر...
تۈركىيە ھېكايە فىلىمى : نەپەس
دۈبەي يەلكەنلىك مېھمانخانىسى
كارتون فىلىم : ئېۋانىڭ دوستى (داۋاملىق تەرجىمىدە)
ھىندىستان فىلىمى : سىياسەت
ۋاللاس ۋە گرومىت (قالغان قىسىملىرى تەرجىمىدە)
ھىتلېرنى قەستلەش
تېلېۋىزىيە تىياتىرى : دوختۇر خائۇس
BBCپەن تېخنىكا بىلىملىرى
تۈركىيە فىلىمى : 102
بىر ئاتىنىڭ ھەج سەپىرى
كوردلار ۋادىسى - ئىراق
ھۈججەتلىك فىلىم : كۈل ۋە قار
قىسقا فىلىم : مىكرو ئالەم
قۇشلارنىڭ كۆچۈشى
تۈركىيە فىلىمى : ئۈچ مايمۇن
سۈرئەت ۋە تېزلىك
ئالغا بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئۇيغۇرلاردا مىكروبلوگ | |
يىگانە1 بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى G ئەترىتى | |
شاھ ئۇيغۇر بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئاخىرلاشتۇرغۇچى 2018 | |
كۆرەش بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئەرەبچە تەسىرلىك ناخشا : ئەرەبلەردىكى ۋىجدان | |
دەرتلىرىم بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ئاخىرلاشتۇرغۇچى 2018 | |
ئىمپىراتور بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ئۈچ ئەخمەق | |
شاھ ئۇيغۇر بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: كورىيە ھېكايە فىلىمى : زەمبىرەك ئالدىدا | |
كاتىگان بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: كورىيە ھېكايە فىلىمى : زەمبىرەك ئالدىدا | |
ش ئە ئۇيغۇرى بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ئۈچ ئەخمەق | |
شاھ ئۇيغۇر بۇ يازمىغا ئىنكاس يازدى: مايكېل جېكسون – THIS IS IT |