شاھ ئوردىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلار...
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تەرجىمە فىلىملەرنىڭ قىسمەنلىرىنى باشقا شەھەرلەردە بازاردا سېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بەكلا ئاچچىقىم كەلدى، بۈگۈن دۆڭگوۋرۈك بازىرىدا بىر يايمىچىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ۋىجدانى قاتارلىق بىر قانچە تەرجىمە قىلىپ سۈزۈك نۇسخىسى تارقىتىلغان فىلىمنى ساتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۈزۈك نۇسخىسىنى تەمىنلەشتە يەنىلا ئىككىلىنىپ قالدىم، بىز بۇ يەردە ھەقسىز تارقاتساق خەقلەر ھەقسىز ئەمگەكنى پۇلغا ئايلاندۇرۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ
3-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:48 دا Web دىن كەلگەن باھا (7)
ھەر بىر فىلىمنى ئېلان قىلىپ بولۇپ نەچچە مىنوت ئۆتمەيلا خۇددى فىلىم تەرجىمە قىلمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى دېسە...
3-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:14 دا Web دىن كەلگەن باھا (2)
بۈگۈن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئۈچ ئەخمەق فىلىمىنى قايتىدىن ناخشىلىرىنىڭ تەرجىمىسى بىلەن قايتىدىن تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم، ئۇيغۇربەگمۇ ئۈچ مايمۇن فىلىمىنى ئەۋەتىپ بەردى، كوردلار ۋادىسىنىڭ تەرجىمىسى تېخىچە پۈتمىدى، قولۇمدا يەنە بىر قانچە فىلىمنىڭ تەرجىمىسى مېنى كۈتۈپ ياتماقتا، كومپىيۇتېرىممۇ فىلىملەر بىلەن توشۇپ كەتتى، ئەمدى چۈشۈرىدىغانغا ئورۇنمۇ يوق، ئەركانىمۇ تېخىچە يوق، ئاھ.... خۇدا... مېنى بېسىۋالدىغۇ بۇ ئىشلار، بۇلارغۇ ھېچنىمە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تورداشلارغا تەمىنلىيەلىسەملا بولدىغۇ..... ئىلاھىم ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرگەيسەن
3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:58 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ نيۇيوركتا بەش مۇنار فىلىمىنى تۇلۇق كۆرۈپ چىقتىم، گەرچە تۈرك تىلىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ ئەمما فىلىمنىڭ مەزمۇنى ھەقىقەتەن بەكلا ياخشى ئىشلىنىپتۇ، ئەمما ئاخىرى نېمە ئۈچۈن ھاجىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندۇ دېسە
3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:46 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
غەربلىكلەر گەرچە مۇسۇلمان بولمىغىنى بىلەن مۇسۇلمان سۈپەت ياشايدۇ، ئەمما مۇسۇلمانلار....
2-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:37 دا Web دىن كەلگەن باھا (1)
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يەنە قار ياغدى، ئۇف.... قاچانمۇ ئاخىرلىشار بۇ قەھرىتان قىش پەسلى
2-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:47 دا Web دىن كەلگەن باھا (1)
ئالدىمىزدا ئالىيجاناپ تۇرىۋېلىپ ئارقىمىزدا غەيۋەت قىلىدىغانلار توردىمۇ كۆپ ئىكەن دېسە. ئاجايىپ دۇنيادا ئاجايىپ مىللەت بولۇپ ياشاۋاتىمىز جۇمۇ بىز
2-ئاينىڭ 20-كۈنى 02:27 دا Web دىن كەلگەن باھا (2)
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قۇتيار مۇنبىرىدە بىر توردىشىمزنىڭ گۇرۇپپىمىزغا ئاتاپ ياساپ بەرگەن بۇ رەسىمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، دېمەك گۇرۇپپىمىزمۇ شۇنداقلا شاھ ئۇيغۇر بلوگىمۇ باشقىلارغا خېلى ياراپ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك
2-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:51 دا Web دىن كەلگەن باھا (1)
قايسىبىر كۈنى دىنى ئىتىقادى كۈچلۈك ئۆزۈممۇ ھۈرمەت قىلىدىغان بىرسىنىڭ نەۋرۇز بايرىمىمۇ ھارام، ئىسلامدا يوق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارام دېگىنىنى ئاڭلاپ ئەرۋاھىم ئۇچقانىدى، بۈگۈن يەنە بىر ناتۇنۇش بىرسىنىڭ تاماكىنى قڭغىر چىشلەپ تۇرۇپ نەۋرۇز بايرىمى مۇسۇلمانلارغا ھارام دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن ئاڭلاپ تۇنۇش بولمىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا سەت ئالىيىپ قويدۇم....، « مېنىڭ ئىسمىم خان » دېگەن كىنودا شۇنداق ئېنىق ئېيتىلغان، ئاللانىڭ يېنىغا بارىدىغان يول مېھىر مۇھەببەت بىلەن تۇتاشقان، ئەشۇ ئازىراقلا دىنى بىلىم ئېلىۋېلىپ قارىغۇلارچە جۈيلۈيدىغانلاردىن سوراپ باققۇم كېلىدۇ، ھالال دېگەن نېمە، ھارام دېگەن نېمە؟ ئىنسانلارغا خۇشاللىق، بەخت، مېھىر مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان نەرسىلەر ۋە ياكى بايراملار مېنىڭچە ھېچقانداق دىندا ھارام ھېسابلانمىسا كېرەك...
2-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:23 دا Web دىن كەلگەن باھا (8)
ئاجايىپ ئادەملىرىمىز بار دېسە بىزدە، قاچانلاردىن بېرى چىققانكى بىزدە ناخشا ئۇسسۇلغىلا ھېرىسمەن خەلق ئالغا باسالمايدۇ دېگەن گەپ، بۇ گەپقۇ خاتا ئەمەس، لېكىن يۈزدە يۈز توغرىمۇ ئەمەس، ئەمما يەنىلا شۇ قولىدىن پوق كەلمەيدىغانلاردىن مۇشۇ گەپنى تۇتۇۋېلىپ سەنئىتىمىزنى خارلايدىغانلار كۆپىيىپ كەتكىنى قىززىق، ئەجابا ئۇلار ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن دېگەن گەپنى چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ سەنئەت دېگەن سەنئەت، پەن تېخنىكا دېگەن پەن تېخنىكا ئىككىسى گەرچە بىر بىرىگە يات بولسىمۇ ئەمما بىر بىرىنى چەكلىمەيدۇ، قايسىبىر تەرەققى قىلىپ كەتكەن مىللەت سەنئەتنى تاشلىۋېتىپتىكەن، ھەممىسىلا ئۆز سەنئىتىنى، ناخشا ئۇسسۇللىرىنى قەدىرلەيدۇ، تېخى بىزدىن بەكرەك قەدىرلەيدۇ. مانا بۇمۇ دوپپىسىنى ئېلىپ كەل دېسەم بېشىنى كۆتۈرۈپ كېلىدىغانلارنىڭ ئىشىدە...
2-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:22 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
بۇگۇن بارلىق فىلىم ھەۋەسكارلىرىغا تېخىمۇ يامان خەۋەردىن بىرنى كۆردۈم يەنى مەنزىلى شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېتىدە « ئەمدى تور بېكىتىمىزدىكى فىلىم ۋە ناخشىلارنى يۇيىۋەتسەك بولغۇدەك » دېگەن تېمىدا، ئاساسلىق مەزمۇن رايۇنىمىزدىكى تور بېكەت قۇرغۇچىلار بىرەر فىلىمنى ئۆز مۇلازىمىتىدىلا ئەمەس 56 ۋە تۇدۇ دەك تور بېكەتلەر تەمىنلىگەن سىرتقى ئۇلانما ئارقىلىق ئۇلاپ كۆرسەتسىمۇ بولمايدىكەنمىش، خەق ئۇلاپ كۆرسەت دەپ ئۇلانمىسىنى تەمىنلىسە ماۋۇ بىكار تەلەتلەر بولمايدۇ دەيدۇ، بىزدە تىزگىنلىمىگەن مۇشۇ قالغانتى، يەنە نېمىلەرنى تىزگىنلەيدىكىنا، نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش مۇھىم، لېكىن بۇنداق ئەمەستە... مەن دەررۇ ئۇيغۇر كىنو تورىغا كىردىم، ئەپسۇس بۇ بېكەت ئاللىبۇرۇنلا توختىتىلىپ بوپتۇ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە باشقا تور بېكەتلەرگە بىردىنبىر خەۋەر قىلىدىكەن
2-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:36 دا Web دىن كەلگەن باھا (4)
ھەممىمىز شۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىلا...پۇل تېپىش، ئۆي تۇتۇش، ئىشلەش......... تۇرمۇش بىر خىل رىتىمدىلا ئۆتمەكتە... بايلىرىمىزمۇ نامراتلىرىمىزمۇ يەنىلا شۇ پۇلنىڭ غىمىدە، قاچانمۇ چەت دۆلەتلەردىكى كىشىلەردەك ھەقىقى ھاياتتىن بەھىرلىنىش شەرىپىگە ئىگە بولىدىغاندىمىز
2-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:29 دا Web دىن كەلگەن باھا (3)
ئىراننىڭ يېڭى فىلىمى«ئوۋچى» ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ فىلىم گۇرۇپپىمىز تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.فىلىم ۋەقەلىكى ئاددى ئەمما مەزمۇنى چوڭقۇر فىلىم بولۇپ، بىر ئادەم تۈرمىگە كىرىپ، قايتا جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، قانداق روھىي بېسىملارغا دۇچ كېلىدۇ، قانداق ئۇسسۇللار بىلەن بۇ بېسىمنى يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ، قېنى فىلىمدىكى باش قەھرىمان بۇ بېسىملارنى يېڭەلەمدۇ-يوق، ئايالى ۋە بالىسى بىلەن بىرگە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلىمدۇ- يوق، نەزىرىڭىز شاھ ئۇيغۇر بلوگىدا بولسۇن.
1-ئاينىڭ 31-كۈنى 18:15 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
چەمبەرسىمان كىتاب شىكاپى- David Garcia لاھىيىلىگەن.
1-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:59 دا Web دىن كەلگەن باھا (1)
ئەگمە رەقەملىك خىزمەت سۇپىسىبۇ كومپيوتېر ۋە سېزىمچان ئېكرانلىق ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا بىرلەشتۈرۈلگەن رەقەملىك خىزمەت سۇپىسى بولۇپ، Malte Weiss, Simon Voelker, Jan Borchers, Christine Sutter قاتارلىقلار لاھىيىلىگەن.
1-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:40 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
تۆۋەندىكى نەپىس ئويما ياغاچ تىرىگۈچ بىلەن ئالما (ipad ) تېلىفۇنىڭىز ئۆرە تۇرماي قالمايدۇ.
1-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:33 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
نەپىس سەنئەت ئەسىرى: تامدىكى بۇلۇت
1-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:27 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
ئاجايىپ لايىھە، نەپىس سەنئەت ئەسىرى
1-ئاينىڭ 31-كۈنى 17:23 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
چاغان مەزگىلىدە بەيدۇ(百度) تورى قىزىل ئورام مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن، تورغا چىقالايدىغانلىكى كىشىلەر قاتناشسا بولىدىكەن. ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە بولىدىكەن، مۇكاپات سوممىسى چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلدۇرۇش، ئالما تېلىفونى ۋە تېلىفونغا پۇل تۇلۇقلاش كارتىسى ۋە ھەر خىل ئېتىبار كارتىلىرى ئىكەن، پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلى: سىز بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بەيدۇ تورىغا كىرىپ ئىزدەش ستونىغا 红包 、春节红包 قاتارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گەپلەرنى يېزىپ ئىزدەيسىز، نەتىجىدە تۇنجى بەتتە كۆرۈلگەن ئىزدەش مەزمۇنلىرىغا كىرىپ بەلگىلەنگەن كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىسىز.....بۇ پائالىيەتنى بەيدۇ تورىنى بەيدۇنى ئىشلىتىدىغان ئابونىتلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ۋە ئۇنى كەڭ تونۇتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۇنجى بەتتە كۆرۈنگەن قىزىل ئورام مۇكاپاتلىق پائالىيىتىلا ئىناۋەتلىك، باشقا بەتلىرىدىكىگە بەيدۇ تورى ئىگە بولمايدۇ.
1-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:11 دا Web دىن كەلگەن باھا (0)
بۈگۈن گۇرۇپپىمىز تەرجىمە قىلغان راست يالغان بېن لادىن فىلىمىنى قايتىدىن كۆرۈپ مونو ئابزاس سۆزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، « بۈگۈن مەن ئامېرىكىنى قوغلىشىشىم مۇمكىن، ئەمما ھامان بىر كۈنى ئامېرىكىلىقلار مېنى قوغلىشىدۇ »، شۇنداق، مەنمۇ ئۆزۈمگە پىچىرلاپ شۇنداق دېدىم، بۈگۈن مەن باشقىلارغا ھەۋەس قىلىشىم مۇمكىن، ئەمما ھامان بىر كۈنى باشقىلار ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ
1-ئاينىڭ 29-كۈنى 01:33 دا Web دىن كەلگەن باھا (1)
جەمئىي 33 پارچە12>>
ئىستاستىكا?4 سائەت ئىچىدە 0 پارچە ... بىر ھەپتە ئىچىدە 0 پارچە ... جەمئىي 33 پارچە مىكروبلوگ يوللاندى