شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم ئىشلەش دەسلەپكى قائىدىسى
فىلىم مەسئۇلى ش ئە ئۇيغۇرى ئەپەندى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قىلىدۇ
تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فىلىمنىڭ SRT ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلىسىمۇ ياكى مەزكۈر گۇرۇپپا تەمىن ئەتسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تاپالمىسا ۋاقتىدا ئېلخەت ئارقىلىق ياردەم سورىسا بولىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمگە ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.
تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى
ئۈستىدىكى دەرسلىك فىلىمى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، ئەگەر چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەزكۈر بەتنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويساڭلار بولىدۇ .
فىلىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى تىنىش بەلگىلىرى باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرلىك تۈزۈپ چىقىلدى. (بۇ مەزمۇن قۇتيار تورىدىن پايدىلاندى)
1. چېكىت «.»
قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق جۈملىنىڭ كەينىدە چېكىت «.» قەتئىي ئىشلەنمەيدۇ.
2. پەش «،»nWyقۇتيار تور بېكىتى
قوشما جۈملىلەردە پەش «،» نىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قويۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم قويۇش كېرەك.
3. سوئال «؟»
خەۋەر جۈملىلەردە چېكىت قويۇلمىغىنى بىلەن سوئال جۈملىلەردە سوئال «؟» بەلگىسى چوقۇم قويۇلىدۇ.
4. يالاڭ تىرناق «()»
يالاڭ تىرناق پەقەت تېكىستتىكى ئەسكەرتىش كېرەك بولغان مەزمۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نېمىنى ئەسكەرتىش كېرەك؟ بۇنى تەرجىمان ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
مەسىلەن:
مەن قىزىل پايپاق (داڭلىق زەيتون توپ كوماندىسى) نى ياخشى كۆرىمەن
5. قوش تىرناق ««»»
قوش تىرناق ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس كەلگەن قوش تىرناق ئىشلىتىلىدۇ.
6. دىئالوگ بەلگىسى «—»
ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە چوقۇم جۈملە بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ.
7. كۆپ چېكىت «…»
تولۇق ئاياغلاشمىغان جۈملىدىن كېيىن ۋە، تولۇق باشلانمىغان جۈملىدىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بەزىدە دۇدۇقلىغانغا ئوخشاش شارائىت ئۈچۈنمۇ قويۇلىدۇ. پەقەت ئۈچلا چېكىت كۇپايە.
8. بوش ئورۇن
(1) ئىككى سۆز ئارىسىدا بوش ئورۇن قويۇلىدۇ.
(2) پەشتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، پەشتىن كېيىن چوقۇم قويۇلىدۇ.
(3) ئېچىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ، كېيىن قويۇلمايدۇ. يېپىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(4) سوئال بەلگىسىدىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(5) دىئالوگدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
(6) ساندىن كېيىنكى ـىنچى، ـنىنچى بەلگىسىنىڭ ئالدىدا قويۇلمايدۇ، كەينىدە قويۇلىدۇ.
(7) كۆپ چېكىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قويۇلىدۇ.
تەۋسىيە:
فىلىمدە ئۇچرىغان ئىسىملارنى بىر باشتىن خاتىرىلەپ ماڭساق، كۆپ ئىشلاردا ئاسان بولىدۇ ھەم بىردەكلىك ساقلىنىدۇ
بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دىئالوگ بىرگە گەلگەندە پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئامال بار ئىككىنچى دىئالوگنى قۇر تاشلاپ يېزىش كېرەك
خاتىرە دەپتەرنىڭ ئوڭدىن سولغا تەڭشىكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەم تىنىش بەلگىلىرى، سانلار ۋە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغان ھەرپ – بەلگىلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
ماڭا ئاشۇ دەرىسلىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بىرە لەسىز مۇ…؟
دەرسلىكنىڭ داۋامىنى قاچان يوللايمىز،شاھىم؟
بولسا تولۇق ھەممنى بىرچۇشەندۇرۇپ قويغان بولىسڭىز
ئالاقىلاشساق بۇلامدۇ؟
دەرسلىكنىڭ ئەسلى تۇلۇق ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز …
چۇشۇرگەن فىلىمنىڭ تىكىىست ھۆججتى بولماي ،ئەمما ئاستىدا يەنىلا تىكىستى كۆرۈنسە بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ
مەندىكى نۇرغۇن فىلىمنىڭ تىكىست ھۆججىتى يوق،ئەمما يەنىلا ئاستىدا تىكىستى كۆرىنىدۇ،بۇ قانداق ئىش ،مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ قانداق ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز
بۇ فىلىم بىلەن شۇ خەت ھۈججىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن بىرىكتۈرىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل تىپتىكى فىلىملەرنى قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ
ئۇنداق بولسا ماڭا بىر يول كۆرسەتسىڭىز،مەندىكى ھەممە فىلىمنىڭ تىكىست ھۆججىتى يوق ،بولسا تىكىست ھۆججىتى بار فىلىمنى قەيەردىن چۈشۈرىمەن،ياكى بولمىسا سىز ماڭا ئەۋەتىپ بىرەمسىز
رەھمەت.
رەھمەت
تۈركچە mtv ۋە كىنولارنىڭ يېزىقىنى چۈشۈرگىلى بولمامدۇ؟
ئادەتتە تۈركچە ناخشىلارنىڭ يېزىقى يوق، ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، تۈركچە فىلىملەرنىڭ يېزىقىنى ئىزدەپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن http://www.shooter.cn/ تورىغا كىرىپ چۈشۈرسەم پەقەتsrt ھۆججىتىلا (خەتلىك ھۆججىتىلا) چۈشتى،لېكىن فىلىم ھۆججىتى يوقكەن. srt ھۆججىتى بىلەن سىن ھۆججىتنى بىللە چۈشۈرگىلى بۇلامۇ؟ قەيەردىن قانداق چۈشۈرىمىز؟ مەن بۇ ساھەگە يىڭىلا قەدەم باسقان،شۇڭا كىچىكرەك ،قىسقا فىلىم تەرجىمە قىلىپ سىناق قىلاي دىگەنتىم،شۇڭا بۇ ھەقتا ياردەم قىلسىڭىز! srt ھۆججىتى بىلەن سىن ھۆججىتنى بىللە چۈشۈرگىلى بۇلىدىغان بىكەتلەر بولسا تەۋىسسىيە قىلسىڭىز! ياكى سىزقىسقا فىلىمدىن بىرەرنى ئىلخەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بەرسىڭىز تۇلىمۇ خۇرسەن بولغان بۇلاتتىم! ئىلخەت: 838808502@qq.com
بۇ بەت مەخسۇس فىلىمنىڭ خەت ھۈججىتىنى تەمىنلەيدىغان بەت، فىلىمنى بەيدۇ ياكى گۇگۇلدىن سۈزۈك نۇسخىسى دەپ ئايرىم ئىزدەيمىز، مەن سىزنى مۇڭداشقۇغا قېتىپ قويدۇم، ئايرىم ئالاقىلىشايلى
سىلەرنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. مەن تۈركچىگە بەك قىزىقاتتىم. ئۆزلۈكۈمدىن خېلى ئۆگەنگەن، بولسا ماڭا تۈركچە يېزىق ھۆججىتى بار فىلىملەر بولسا ئېيتىپ بەرسەڭلار.
ياخشىمۇسىز، ئادەتتە دۆلىتىمىزدە تۈركچە فىلىملەر بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەر فىلىملىرى بولسۇن تېپىلىدىغىنى پەقەتلا خەنزۇچە ۋە ياكى ئېنگىلىزچە خەت ھۈججىتى، تۈركچە فىلىملەرنىمۇ ئادەتتە خەنزۇچە تېكىستى ۋە فىلىمدىكى سۆزلىرىگە قاراپ تەرجىمە قىلىمىز
سالام ياخشىمۇ سىز؟
سىز بىلەن قانداق ئالاقلىشىمەن . مەن خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىشىنى ئۈگۈنەي دىگەن ئىدىم ، ئۆزۇممۇ تىرىشىتىم ئەمما يىتەكلەيدىغان ئۇستاز يوق ، مەن بىر فىلىم ئشىلىگۈچى.
فىلىم تەرجىمە قىلىشقا بەك تىرىشىمەن . ئەمما ئۈگۈنەلمىدىم . ئاق بۈركۈت مۇنبىرىگە كىرىپمۇ ئۈگۈنەلمىدىم . ئۆزۇم فىلىم تەجىمە قىلىشقا قىزىقمەن بىراق قىلالىمىدىم . شۇنۇڭ بىلەن مەن تور بەتلەردىن AVI شەكىلدىكى كىنونى چۈشۈرۇپ ، بۇ شەكىلدىكى كىنونى
Adobe Premiere Pro 1.5 غا ئەكىردىم . ئاندىن Photoshop CS تا ئاستى – ئۈسىتىنى قارا قىلىپ PNG شەكىلدە ساقلدىم . بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەپ ، مەن چۈشۈرگەن فىلىمىدە خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىسىچە خەت بار ئىدكەنتۇق ، مىنىڭ مەقىسىتىم خەتىنى يوق قىلىش ، شۇنۇڭ بىلەن PNG ساقىلغان رەسىمىنى AVI شەكىلىك فىلىمنىڭ ئۈىسىتگە قويسام خەت يوقىدى ، ئاندىن خىيالدا خەت يىزىپ ئەكىردىم ، 15 مىنىۇتلىق يىرىگە كەلگەندە ، پىرسلاپ باقاي دەپ ProCoder 3 دا پىرىسلىدىم . ئەپسۇس ، فىلىم سۈزۇك چىقماي قالدى . ئەلۋەتتە خەتلىك فىلىمىنى بۇنداق تەرجىمە قىلمايدۇ . مەن قىزققانىڭ دەرىدە مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ ئۆزۇمىنى خوش قىلدىم . ئەمما خەتلىك فىلىم ئشىلەشىنى تولۇق ھەم سىتىملىق ئۈگەنگۈم بار . ئەگەر خالساڭلار ماڭا ياردەم قىلىڭلار ،ھازىر شارايىتىم بار توردا ئاز دىگەندە 12 سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرمەن . شۇڭا ۋاقىتىمىنى بىكار كەتكۇزمەي دەپ خەتلىك فىلىم ئشىلەشىنى كۆڭلۈمىگە پۇككەن ئىدىم . بىراق بىلدىغىنىم چەكلىك بولغاچ ، سىلەردەك جاپاكەشلەر تەرجىمە قىلغان فىلىمىنى كۆرۇپ ئولتۇۇمەن ، مىنىڭمۇ تورداشلارغا يىڭى يىڭى كىنولارنى تەرجىمە قىلىپ ئۇلارغا كۆرسەتكۇم بار. ئۆزۇم شۇنداق تىرىشتىم ئەمما يەنىلا ھىچنمىنى بىلەلمىدىم . ئۇستازلارغا قويدىغان سۇئالىم بار ،
1 – فىلىم تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىنگىلىسچە ، خەنزۇچە سەۋىيەسى يۇقىرى بولىشى كىرەكمۇ ؟
2 – فىلىمىنى سىز ئىشلىگەن دەرسىلكتە تەرجىمە قىلغاندەك تەرجىمە ئشىلىرى تۈگىسە قانداق دىتالدىن پايدىلىنىپ پىرىسلاپ چىقىرىمىز ؟
3-توردىن چۈشۈرىگەن خەت ھۆجىتى بار فىلىمىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ پىرىسلساق فىلىمنىڭ ئىنىقلىق دەرجىسىگە تەسىر يىتەمدۇ؟
ماڭا خالس ياردەم قىلساڭلارمۇ ۋە ياكى مەندىن قانداق نەرسە تەلەپ قىلساڭلارمۇ مەيلى ماڭا فىلىم تەرجىمە قىلىشىنى ئۈگۈتۈپ قويغان بولساڭلار . مىنىڭ بەكمۇ ئۈگەنگۈم بار . سىز بىلەن ئالاقلىشىش ئىمكانىيتى بولىمدى ، بۇ مىنىڭ چ چ رىم 56364402 سۇئال سورىسا atax دەپ جاۋاپ بىرىسىز ،
05:17
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ
بۇ باھاغا پىكرىم بار