-
2010-06-02
بىر سائەتلىك دەرىس لاھىيىسى (课时教学设计) - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
1. تەييارلىق سىنىقى ۋە يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش(前提测评及导入新课) - بۇ بۆلەكتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئالدىن كۆرۈپ كىلىش ئەھۋالى يەنى تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى سىنىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن دەرىس مەزمۇنىغا ماس بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ . دەرىسكە باشلاپ كىرىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇش بولماسلىقى دەرسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇش بولماسلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ .
2. دەرىس تىمىسى ۋە دوسكا لاھىيىسى(课题与板书设计) - شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ تىمىسى ۋە شۇ سائەتتە دوسكىغا يېزىلىدىغان مەزمۇنلار ، بۇ مەزمۇنلارنىڭ دوسكىدىكى ئورنى ، ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى يېزىلىدۇ
-
2010-05-26
ھاردۇقى چىقمايدىغان ئۇقۇتقۇچى . - [سەيياھ خاتىرىسى]
بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئۇقۇغۇچىلاردىن مەۋسۈملىك ئىمتىھان ئېلىۋاتىمىز . مەنمۇ ئۆ زسىنىپىمنىڭ نەتىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتاتتىم . چۈنكى مەن ئۆز سىنىپمدىكى ئۇقۇغۇچىلىرىمدىن ناھايىتى زور ئۈمۈت كۈتكەنىدىم . يىللىقلار بۇيىچە ئەڭ ياخشى ، ھەتتا مەكتەپ بۇيىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم . ئەپسۇس ، ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ئۈمىتسىزلىنىپ قالدىم . ھازىرغىچە ئالغان بىر قىسىم ئىمتھانلارنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ئوخشاش يىللىقتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا سەل-پەل ياخشى بولسىمۇ ، ئەمما مىنىڭ كۈتكىنىمدەك ياخشى ئەمەس ئىدى .ئەڭ مۇھىمى لاياقەتلىك نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ،ھەتتا بەزى پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسە بىر مەۋسۈمدىن بىرى ئۇقۇغۇچىلارغا ھېچ نەرسە ئۈگىتەلمىگەندەك ھېسياتقا كىلىپ قالاتتى .
-
2009-04-28
مۇنالىزانىڭ تەبەسسۇمى ___ گاڭگىراشنىڭ باشلىنىشى - [سەيياھ خاتىرىسى]
تەبەسسۇم – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ قەلىمىدە پەلسەپەۋى ئىبارىلەر بىلەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى . مەنمۇ ئۇ ئەسەرنى ئەپلەپ - سەپلەپلا ئۇقۇغان ، تەبەسسۇم بىز ئۈچۈن ئانچە ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك . مونالىزانىڭ تەبەسسۇمى دەل فىلىمدىكى كەسىرىننىڭ تەبەسسۇمى . گەرچە تىلى پۈتۈنلەي ئىنگىلىز تىلىدىكى بۇ فىلىمنى يۈزدە يۈز چۈشەنمىسەممۇ ، لىكىن ئاساساى مەزمۇنىنى چۈشەندىم ، ھېس قىلدىم .
مەن بۇ فىلىمنى مىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالارمىكىن دىگەن نىيەتتە كۆرگەنىدىم ، ئەپسۇس كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرىنىشلەر ئاز ئىكەن .ئويلىغىنىمدەك نادىر فىلىممۇ ئەمەسكەن .شۇنداقتىمۇ فىلىمدە يەنە بىر قىسىم كىشىنى ئويغا سالىدىغان كۆرىنىشلەرمۇ بار .فىلىمدىكى ئۇقۇغۇچىلار بىزنىڭ رىئاللىقتىكى ئۇقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تىرىشچان ، جۈرئەتلىك ئىكەن -
2009-04-19
ئۇقۇتۇپلا قويسام بولماس !!!! - [سەيياھ خاتىرىسى]
مەن ئۇقۇتقۇچى بولغان بىر يىلدىن بۇيان ئۈزۈمنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىققا خېلى ماسلىشىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم . دەسلەپكى تەجىربىسىزلىكلەردىن ، داۋاملىق ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشتىن ، ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان كونتىرولسىزلىقتىن تەدرىجى ئىزىغا چۈشۈش ، مۇقىملىنىش باسقۇچىغا قاراپ ماڭدىم . ئۇقۇتۇشتىكى مەقسىتىممۇ ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى . ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئۇقۇتۇش ھەققىدىكى « بىلىمنىلا ئۈگىتىشنى قوللىماسلىق » خىيالىممۇ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ، چوڭقۇرلىشىشقا ، دائىرىسىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى . مەن ھازىرقى ئۇقۇتۇش(دەرىس ئۈتۈش ) مەقسىتىنى ھېچكىمگە تۇلۇق دەپ باقمىغان ، توغرىسى دىيىشكە پېتىنالمىغان ، چۈنكى باشقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئۇقۇتۇشنى چۈشەنمەسلىكىنى ، مىنى مەسخىرە قىلىشىدىن قورققان . ئەلىۋەتتە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا دىگىلى ، چۈشۈندۇرگىلى بۇلىدۇ ، ئەممە قوللىنىش ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس .