تۇلۇقسىز
ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسللەر ۋە ھەل
قىلىش تەدبىرلىرى .
ھازىر بىر قىسىم مىللىي تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىنگىلىزتىلى دەرىسى تەسىس قىلىندى . دەرىس
يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى تىلغا بولغان قىزىقىشىمۇ ناھايىتى
يۇقۇرى بولدى . ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدىمۇ بىر قىسىم
مەسللەر ساقلاندى ، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەتتا ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىنىڭ
ھېچقانچە ئۈنىمى بولمىدى . خەلىقئارادا كەڭ دائىرلىك ئىشلىتىۋتقان بۇ تىلنى ئۇقۇغۇچىلىرىمىزغا
ئۈگىتىش_ ئۇلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي باشقا جەھەتلەردىنمۇ
يىتىشىشىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ
دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى يېڭى بىر كۆۋرىكىگە ، ۋاستىسىگە ئايلىنىدۇ . ئەمما بىر قىسىم
مەكتەپلەردە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىنگىلىزتىلى دەرىسى ئىتىبارغا
ئېرىشەلمىدى ، ياكى دىققەت ئىتىبارنى قوزغىيالمىدى . بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم
ۋاقىت ئاجىرتىپ ئېلىپ بارغان ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتىشىدا كۆرىنەرلىك نەتىجە قولغا
كەلتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالدى ، مىنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن
كۆرىشكە بۇلىدۇ :
بىرىنچى ، ئۇقۇتۇش
ماتىريالى ئۆلچەملىك ئەمەس . بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش ماتىريالى
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلى بار بولغان سەۋىيىسىگە ماس كەلمەيدۇ ، مۇنداقچە ئېيتقاندا
ماتىرياللارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تىل سەۋىيىسىدىن يۇقۇرى بۇلۇپ كەتكەن .
بىر قىسىم تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغۇچىلار بۇرۇن ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىپ
باقمىغان ، بۇ سەۋەپتىن ئەسلىدە تۇلۇقسزدىلا ئۈتىلىدىغان يۇرۇشلىك ماتىرياللار
ئىشلىتىلگەندە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇبۇل قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بۇلىدۇ . ئۈنۈم تۆۋەن بولغانلىقتىن
ئۇقۇغۇچىلارننىڭ قىزغىنلىقىمۇ بارغانسىرى تۆۋەنلەيدۇ .ماتىريالنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ
بىلىم سەۋىيىسىگە ، تىل سەۋىيىسىگە ماس كەلمەسلىكى ئىنگىلىزتىلى دەرىسىنىڭ
ئۈنۈمسىزلىشىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى .
ئىككىنچى ، دەرىس
ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىلمىي ئەمەس . بىر قىسىم مەكتەپلەر ئىنگىلىزتىلى دەرىسىنى دەرىسلىك كىتاپلاردا تەلەپ قىلىنغىنىدەك
ئۇرۇنلاشتۇرمايدۇ . دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىۋېتىش ، دەرىس ئۈتىلىدىغان ھەپتە قىسقا
بۇلۇش ، قۇشۇمچە دەرىس قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ ، كۆڭىل بولمەسلىك سەۋەبىدىن
دەرىس ئۈنىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ . ئۇقۇغۇچىلار ئالدىنقى سائەتتە
ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى كىيىنكى سائەتكىچە ئۇنتۇپ كىتىدۇ .ھەتتا بەزى مەكتەپلەردە ئالدىنقى مەۋسۈملىك كىتاپ تېخى ئۆتىلىپ
تۈگىمەستىىنلا شۇ كىتاپنىڭ كىيىكى قىسمى يېڭى مەۋسۈمدە باشلىنىپ كىتىدۇ .بۇمۇ
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە بولغان قىزىقىشىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىغا سەۋەپچى بۇلىدۇ .بۇ خىل
مەسئۇلىيەتسىزلىك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانقتۇر .
ئۈچىنچى ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ
ئىنگىلىز تىلى بىلىمى ، دەرىس ئۈتۈش ساپاسى تۆۋەن بۇلۇش . ئىنگىلىزى تىلى ئۇيغۇر
ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغاچقا كەسپىي ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتقۇچىلىرى
يىتەرىسز ، ئىنگىلىزتىلىنى ئۆزى ئۈگەنەن بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرىسى
چەكلىك بولغاچقا ئۇقۇتۇش ئۈنىمىمۇ كۆرىنەرلىك يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەيدۇ .ئىنگىلىزتىلى
دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىدىكى ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق بولماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە
بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلاردا ئىنگىلىزتىلى دەرىسىگە بولغان ئەھمىيەت بىرىشى ، كىرىشىپ
ئۈتىشى كەمچىل بولغاچقا ، ھەتتا بەزى
ئۇقۇتقۇچىلار پەقەت دەرسنى ئۆتىشتىن ئىبارەت بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلغاچقا ئۇقۇغۇچىلاردىمۇ ئىنگىلىز تىلىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ،
قىزىقماسلىق ھەتتا ياقتۇرماسلىق خائىشى
پەيدا بولغان .
مىنىڭچە
ئىنگىلىزتىلى دەرىسىنىڭ ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقۇرتى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى
قوللىنشقا بۇلىدۇ :
بىرىنچى ، ئۇقۇتۇش
ماتىريالىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك . ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشى بىر قىسىم باشلانغۇچ
مەكتەپلەردە تېخى دەرىس تەسىس قىلىنمىغاچقا ئىنگىلىزتىلى بىلەن ئۇچۇراشمىغان
،تۇلۇقسىغا چىقىپ بىراقلا بىرقەدەر يۇقۇرى بولغان بىلىم سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان
كىتاپ بىلەن ئۇچۇراشقاندا ئۇقۇغۇچىنىڭ بۇ تىلنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بۇلىدۇ
، شۇڭا ماتىريال تاللىغاندا ئۇقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش كېرەك .
ئىككىنچى ، دەرسلىك
تەلىپى بۇيىچە دەرىس ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، دەرىس ۋاقتىنى قىسماسلىق ياكى ئىنگىلىز تىلى
دەرىس ۋاقتىغا باشقا دەرىسلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك . ئەگەر دەرسلىك تەلىپى
بۇيىچە دەرس ئۇرۇنلاشتۇرغاندا بىر قەدەر يۇقۇرى سەۋىيىدىكى دەرىسلىكنى ئۇقۇغۇچىلارمۇ
قۇبۇل قىلالىشى مۇمكىن ، ئەمما دەرىس
ۋاقتى ئاز ، دەرىس مىقدارى كۆپ ،بىلىم سەۋىيە تەلىپى يۇقۇرى بولغاندا
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كىتىدۇ . دەرىس ئۇرۇنلاشتۇرۇش
ئەمەلىيەتكە ماس كەلگەن، ئىلمىي بولغاندىلا ئاندىن دەرسخانا ئۇقۇتۇشى ئۈچۈن ياخشى ئۇقۇتۇش ئۈنىمى شارائىتىنى ھازىرلاپ بىرەلەيدۇ
.
ئۈچىنچى ،
ئىنگىلىزتىلىنى ئۈتۈشكە ئامال بار كەسپىي ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتقۇچىسىنى قۇيۇش كېرەك
، بۇنداق بولغاندا ياخشى بولغان ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ، ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنەىلىزتىلى
ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ . ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئارا تەجىربە
ئالماشتۇرۇشقا ، ئۆزئارا ئۈگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك ، بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلاردىكى
ئىنگىلىزتىلى دەرىسىگە بولغان كۆڭىل بۆلمەسلىك خائىشىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن مەكتەپ
رەھبەرلىكى ئالدى بىلەن ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتىشى ئۈچۈن زور دىققەت ئىتىبارىنى بىرىشى
كېرەك .
تۆتىنچى ،
ئۇقۇغۇچىلارنى ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك ، ھەر خىل
پائالىيەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگىلىز تىلىغا بولغان
قىزىقىشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، خۇشال- خۇرام تىل ئۈگىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىشى كېرەك
.ئۇقۇغۇچىلارغا ھەدىدىن زىيادە يۇقۇرى تەلەپ قويماسلىق كېرەك .
يېڭى بىر تىل يېڭىچە بىر خىل ۋاستە ، ئۇسۇل ،
ئۆزگىچىلىك : زامانىۋىلىشىۋاتقان ، يەشارىلىشىۋاتقان بۇ دەۋىردە بىزمۇ چۇقۇم
ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مۇشۇ دەۋىرگە ماسلىشىدىغان بىلىملەرنى ئىگىلىشىدىكى قورالنى ، تۇرمۇشىدىكى
خۇشاللىقلاردىن ئورتاق بەھرىمان بۇلۇشى ، ھاياتىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار بۇلىشىدىكى تىل
ئۆتكىلىگە ھەقىقى كۈچ سەرىپ قىلىشىمىز كېرەك .