-
قەدىرلىك مەكتەپداشلار ، مەكتەپ ھاياتى نۇرغۇن ئەسلىمىلەرگە تولغان بۇلدۇ . گەرچە مەكتەپتىن ئايرىلغان بولساقمۇ ئاشۇ مەكتەپكە ، ئاشۇ مەكتەپتە بىرگە ئۇقۇغۇغان ساۋاقداشلارغا مېھرىمىز بۇلىدۇ . مەنمۇ چەرچەن ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان سابىق ئۇقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەكتىپىمنى ، ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن . تۆۋەندىكى سىن لىنتىسى بولسا چەرچەن ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كىيىنكى مەكتەپنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن سىن لىنتىسى . مەكتەپداشلارنىڭ ، ساۋاقداشلارنىڭ مەزكۈر سىن لىنتىسى بىلەن ئاشۇ ئۇقۇش ھاياتىنى ئەسكە ئالالىشىغا ئىشىنىمەن .
-
2011-05-25
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسللەر ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرى . - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
ھازىر بىر قىسىم مىللىي تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىنگىلىزتىلى دەرىسى تەسىس قىلىندى . دەرىس يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى تىلغا بولغان قىزىقىشىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى بولدى . ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدىمۇ بىر قىسىم مەسللەر ساقلاندى ، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەتتا ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىنىڭ ھېچقانچە ئۈنىمى بولمىدى . خەلىقئارادا كەڭ دائىرلىك ئىشلىتىۋتقان بۇ تىلنى ئۇقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۈگىتىش_ ئۇلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي باشقا جەھەتلەردىنمۇ يىتىشىشىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى يېڭى بىر كۆۋرىكىگە ، ۋاستىسىگە ئايلىنىدۇ . ئەمما بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىنگىلىزتىلى دەرىسى ئىتىبارغا ئېرىشەلمىدى ، ياكى دىققەت ئىتىبارنى قوزغىيالمىدى . بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم ۋاقىت ئاجىرتىپ ئېلىپ بارغان ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتىشىدا كۆرىنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالدى ، مىنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن كۆرىشكە بۇلىدۇ : -
2011-05-19
خەنزۇتىلى HSK ئالىي دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ(HSK 高等考试) نەتىجىسى ئېلان قىلىندى . - [ خەنزۇتىلى كۆزنىكى ]
سىز شىنجاڭ خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى توربىكىتىگە كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ 2011- يىلى4- ئايدا بەرگەن خەنزۇتىلى HSK ئالىي دەرىجە ئىمتىھان(HSK 高等考试)نەتىجىڭىزنى سۈرىشتە قىلسىڭىز بۇلىدۇ . بۇيەرنى چىكىپ كىرىڭ !تۆۋەندىكىلەر بولسا خەنزۇتىلى ئالىي دەرىجە ئىمتىھاننىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر چىكى ۋە كىنىشكا ئېلىش دەرىجە ئۆلچىمى(分数等级划分和证书等级标准)، ھەمدە كىنىشكا ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەپلەر ئەسكەرتىلمىسى(备注) (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ). -
2011-05-15
«تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك »ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقات ماتىرىيالى . - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
بۇ PPT ھۆجىتىنى توردىن ئىزدەپ تاپقان بىرقىسىم خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ماتىرياللارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ، بۇ ھۆجەتتە ئاساسلىقى خەنزۇتىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماتىرياللار ، بىرقىسىم توردىن تېپىپ كىرىشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ماتىرىيال ۋە سۈرئەت-رەسىملەر ئارقىلىق تاماكا چىكىشنىڭ تەن سالامەتلىككە بولغان زىيى ۋە خەترى ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللىكلىرى ، دۆلىتىمىز ۋە خەلىقئارادىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى ۋە تاماكىنىڭ زىيىنى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ، تاماكا تاشلاشتىكى بىرقىسىم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار تۇنۇشتۇرۇلغان .مەكتەپلەردە تەشۋىق- تەربىيە ئىشلەشتە ئەسقاتىدۇ . بۇ ماتىرىيال ئەسلى ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغا تەشۋىق تەربىيە ئىشلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ، باشقا ياش قۇرامدىكىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغىمۇ بۇلىدۇ .
-
2011-05-10
دەرىس ئايانىنى (说课)باھالاش كۆرسەتكۈچى - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
ئوقۇتۇش نىشانىنى سۆزلەش (15نۇمۇر)
1. دەرىس ئۆلچىمىنىڭ دەرىسلىككە بولغان ئومومىي تەلىۋىنى بايان قىلىش2. ئوقۇتۇش نىشانى كونكرېت بولۇش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇش
3. ئوقۇتۇش نىشانى بىكىتىشتىكى ئاساسىنى بايان قىلىش
دەرىسلىكنى سۆزلەش (15نۇمۇر)
1. مۇشۇ سائەتلىك دەرىس مەزمۇنىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، دەرىسلىك كىتاپتا تۇتقان ئورنى ۋە رولى، دەرىسلىكنى ئىجادىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئاددىي ھەم توغرا چۈشەندۈرەلىگەن بولۇش.
-
2011-05-09
دەرىس ئايانى (说课) لايھىسىنى قانداق لايھىلەش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؟ - [ئۇقۇتۇشتىكى پايدىلانمىلار]
دەرىس ئايانى دىگىنىمىز ئوقۇتقۇچى دەرىس ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، كەسىپداشلار ۋە ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلغۇچى خادىملارغا ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇشنى لايىھىلەشتىكى نەزىرىيە ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ بىر سائەتلىك دەرىسنى لايىھىلەش تەسەۋۇرىنى ئىغىزچە بايان قىلغاندىن كىيىن، ئاڭلىغۇچىلار باھالاش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ئالغا بىسىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى. بۇ يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى شارائىتىدىكى كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاش خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتىنىڭ يېڭى شەكلى. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ھاياتى كۈچ قوشۇپلا قالماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىمۇ ناھايىتى ئۈنۈم بىرىدۇ.
-
2011-02-17
‹‹مالىم››بىز (مۇخەممەس) - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
خەت يازىمىز كۈنۇ-تۈن ھارمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ناشتىلىققا ھەركۈنى بوريەيدىغان‹‹مالىم›› بىز
بەزمە، مەشرەپ، سورۇنغا چاپمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ئىككى ئېغىز ماختاشتا ياشنايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ئەجرىمىزگە چۇشلۇق نەپ ئالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
مال دۇنيا يوق بىزدىكى ئاران بىر ساپ يۈرەكتۇر،
غورۇر، ۋىجدان، پەزىلەت بىزگە ئاددى بېزەكتۇر،
بىزلەر ئۈچۈن چوڭ سوۋغا ياشا دېگەن تىلەكتۇر،
مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى پەقەت بىزگە كېرەكتۇر،
جەبىرى-جاپا، مېھنەتتىن تالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
-
2010-12-12
بىرقىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۈزۈملىرى . - [تەرمىلەر]
5 . ئەڭ زەھەرخەندە مەكتەپ تۈزۈمى .ئۇقۇغۇچىلار ئۇرۇشسا پۈتۈن سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلار نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇشقان ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ زورلۇق بىلەن زورلۇق جازالىنىدۇ .مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى ئۇقۇغۇچى ئۇرۇشقاچقا سىنىپنىڭ ئۇمۇمى نۇمۇرىغا تەسىر يەتكەن ، شۇسەۋەپتىن مۇئەللىم پۈتۈن سىنىپتىكى 62 نەپەر ئۇقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ نۆۋەت بۇيىچە ،ئۇرۇشقان ئىككى ئۇقۇغۇچىنى بىر بىرلەپ شاپىلاقلاپ چىققان.
6.ئەڭ بىمەنە مەكتەپ تۈزىمى . مەكتەپ تۈزىمىنىڭ ئەسلى مەزمۇنى :ھەركۈنى 6:45 تە ئۇقۇغۇچىلار مېڭىپ ياكى يۈگىرىپ چىقىپ مەيداندا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشى ، 10 مىنۇت گىمناستىكا ئوينىغاندىن كىيىن ۋاقتىدا چوڭ تەرەت قىلىشى كېرەك .كەچلىكى بەدەن بۇشىتىش گىمناستىكىسىنى ئوينىغاندىن كىيىن يەنە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشى كېرەك .چىشىنى چوتكىلاپ بولغاندىن كىيىن ، بىر كۈندە قىلغان ئىشلىرىنى ئويلىشى ياكى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشى كېرەك .(مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ )
-
秩 School Name学校名称 Country国家 Overall Score综合得分
1 Harvard University哈佛大学 United States美 国 100.0
2 University of Cambridge剑桥大学 United Kingdom英 国 99.6
3 Yale University耶 鲁大学 United States美国 99.1
4 UCL (University College London)伦 敦大学学院(伦敦大学学院) United Kingdom英国 99.0
5 Imperial College London伦 敦帝国学院 United Kingdom英国 97.8 -
排名大学 - 国家综合分数
1 University of Cambridge--United Kingdom 100.0 1剑桥大学 - 英国100.0
2 Harvard University--United States 99.2 2哈佛大学 - 美国99.2
3 Yale University--United States 98.7 3耶鲁大学 - 美国98.7
4 UCL (University College London)--United Kingdom 98.5 4伦敦大学学院(伦敦大学学院) - 英国98.5
5 Massachusetts Institute of Technology (MIT)--United States 98.2 5麻省理工学院(麻省理工学院) - 美国98.2