-
2012-03-07
چەرچەن تەڭلىماتنىڭ ئىش ھالقىلىرى - [چەرچەن ھەققىدە]
چەرچەن تەڭلىماتنىڭ ئىش ھالقىلىرى
يوللانغان ۋاقىت
:
2012-02-17
-
15:11
مەنبە
:
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
پولات نىياز
(فوتو ئوچېرىكى)
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر تەڭلىمات بېسىش ھۈنىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي ھۈنەر سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن مەزكۇر تۈر 2007-يىلى 6-ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ، 2008-يىلى 6-ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلدى . ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋارىسچىسى توغراقلىق يېزا ئارىش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان توختى مۇسادۇر .
تەڭلىمات كىگىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇ قوينىڭ قارا يۇڭى بىلەن گۈل تىزىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . چەرچەندە بۇ خىل كىگىز چەرچەندە ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، بۇ كىگىزنى سېلىنچا ئورنىدا ئىشلىتىش چەرچەن خەلقى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان . سانائەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ خىل سېلىنچا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالىدىن مەلۇم ۋاقىت قالغان . بىراق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ، كىشىلەر سۈنئىي تالالارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ، بۇ ساپ ، تەبىئىي سېلىنچىغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ . مەن تۆۋەندە بۇ سېلىنچىنىڭ ياسىلىش ئەھۋالىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
تەڭلىماتنىڭ ئىش ھالقىلىرى تۆۋەندىكىچە :
1- باسقۇچ ، قوينى قىرقىش
2-باسقۇچ، يۇڭنى پۈشتەكلەش
3-باسقۇچ، پۈشتەكنى چاناش
4-باسقۇچ، يۇڭنى دۇكاندا ئېتىش
5-باسقۇچ، كىگىزگە ئىللىتىدىغان رەڭلەرنى تەڭشەش
6-باسقۇچ، ياپما تۇڭكىلارنى رەڭنى قازاندا قاينىتىپ بوياش
7-باسقۇچ، گۈل تىزىش
8-باسقۇچ، ياپما قويۇش
9-باسقۇچ، يۇڭنى سېلىش
10-باسقۇچ، چۆرىسىنى بۆكەش
11-باسقۇچ، چۇچا قويۇش
12-باسقۇچ، قايناق سۇنى چېچىش
13-باسقۇچ، يۇڭنى چىغدا يۆگەش
14-باسقۇچ، چىغنى تېڭىش
15-باسقۇچ، چىغنى دەسسەش
16-باسقۇچ، پىشىپ بولغان تەڭلىمات كىگىز
كېتىدىغان كېرەكلىك ماتېرىياللار :
1-قوي يۇڭى
2-كۆتەك
3-قازان
4-ھەر خىل رەڭلەر
5-يۇڭ ئاتىدىغان دۇكان
6-قايچا
7-مۇشتەك
8-چىغ
9-رىزەندە (يۇڭ سالىدىغان نەرسە)
10-شەپشەك، جاۋۇر (سۇ چاچىدىغان)
ئاپتور، فوتوگراف: چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدا
收藏到:Del.icio.us