• 2012-03-04

    لاڭ شىيەن پىڭنى تۇنۇمسىز ؟ - [تەرمىلەر]

       لاڭ شىيەن پىڭنى تۇنۇمسىز ؟

      لاڭ شىيەن پىڭ جۇڭگۇدا تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بولغان ئىقتىسادشۇناس . ئۇ ئىقتىسادى ئاتالغۇ ، ئىقتىساد بىلىملىرىنى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيدۇ ، نەزەر دائىرىسى كەڭ بۇلۇپ ھەر قايسى ساھەنىڭ ئىقتىساد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ، ئاددى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تەسىرى ، بىر قىسىم كارخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان ئىقتىساد ، تۈزۈلمە جەھەتتىكى مەسىللەرنى ئوتۇرىغا قۇيۇپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇ يەنە نۇرغۇن ئونۋىرتسىتلاردا نۇتۇق سۆلەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ،ئۇ 2010 – يىلى ئۈچ يۈزمىڭ جۇڭگۇلۇق تور ئەھلى تەرىپىدىن  « جۇڭگۇ ئىنتىرنىت تورىدىكى توققۇز داڭدار كىشى » نىڭ بىرى بۇلۇپ سايلانغان . لاڭ شىيەن پىڭ 2004 – يىلدىن باشلاپ بىر قىسىم تىلۋىزىيە ئستانسىلىرى بىلەن بىرلىشىپ پىروگىرامما ئشلىگەن ، لاڭ شىەن پىڭ رىياسەتچىلىدىكى پروگىراملىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بۇلۇپ ئاساسلىقى ئاۋام قىزىقىۋاتقان ، كۆڭىل بۈلىۋاتقان مەسىللەر .   ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بىر قىسىم تىلۋىزىيە پىروگىراممىلىرى مەجبۇرى توختىتىۋىتلگەن ياكى كۆرسىتىلىش ۋاقتى ئۆزگەرتىۋىتىلگەن ، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان پىروگىراممىلارنىڭ كۆرىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقۇرى بولغان . ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان ئاساسلىق پىروگىراممىلاردىن « لاڭ شىەنپىنىڭ ئىقتىساد توغرىسىدىكى پاراڭلىرى » ( 财经朗闲评 )،« لاڭ شىيەن پىڭ ئېيتىدۇلەر » ( 郎咸平说 ) ،« لاڭ شىيەن پىڭ ۋە ئىقتىساد » ( 财经郎眼 ) ، «ئىقتىساد سىرلىرى » ( 解码财商 ) قاتارلىقلار بار .ئەلۋەتتە بۇ كىشىنىڭ ئىقتىساد توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ئىقتىسادشۇناسلارمۇ ئاز ئەمەس   .

               گەرچە لاڭ شىەنپىڭ ئۆز سۆزلىرىنى ناھايىتى مۇتلەقلەشتۇرۇپ ، «پەقەت مىنىڭ دىگىنىملا راست» دىگەن تۇيغۇدا نۇتۇق سۆزلىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ نۇتۇق ، سۆھبەتلىرنى يەنىلا ئاڭلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ . بىز ئويلاپمۇ كۆرمىگەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى ،ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىقتىسادى ئاتالغۇ بىلىملەنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن چۈشۈندۈرۈپ بىرىدۇ .

                ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى « تۇماق » تەرجىمىسىسىكى لاڭ شىەنپىڭنىڭ « قوتقۇنۇچلۇق ئامىرىكا » ناملىق ماقالىسىنىڭ ئۇلانمىسى . http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=43856    

                لاڭ شىەن پىڭنىڭ بىلوگىنىڭ ئادىرىسى  :        http://blog.sina.com.cn/jsmedia    

                

      لاڭ شىيەن پىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى پىروگىراممىنىڭ يېڭى سانى :  « جۇڭگۇلۇقلار قانداق كۈن ئۆتكۈزىشى كېرەك » 

     

     

       


    收藏到:Del.icio.us