-
2012-02-21
خارۋارد ئونۋىرسىتى ئۇچۇق دەرسى « ئادىللىق : قانداق قىلسا توغرا بۇلىدۇ ؟ » - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
خارۋارد ئونۋىرسىتىنىڭ داڭلىق پىرافىسورى مايكىل سەندىل ( Michael Sandel ) خارۋارد ئونۋىرسىتىدا ئۆتكەن « ئادىللىق : قانداق قىلسا توغرا بۇلىدۇ ؟ » ( 公正:该如何是好? Justice What s Right ThingTo Do ? ) دىگەن تىمىدىكى دەرىسى خارۋار ئونۋىرسىتىدا ناھايىتى زور ئالقىشقا ئىرىشىدۇ ، بۇ دەرىس خارۋارد ئونۋىرسىتى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇقۇغۇچى قاتناشقان دەرىس بۇلۇپ قالىدۇ . مايكىل سەندىلنىڭ دەرىس ئۈتۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ،ناھايىتى ئۆزگىچە مىساللار ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى كەسكىن مۇنازىرىلەرگە يىتەكلىيەلەيدۇ ، يۇمۇرىستىك تۇيغىغىمۇ باي .
-
2011-05-25
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسللەر ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرى . - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
ھازىر بىر قىسىم مىللىي تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىنگىلىزتىلى دەرىسى تەسىس قىلىندى . دەرىس يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى تىلغا بولغان قىزىقىشىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى بولدى . ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىدىمۇ بىر قىسىم مەسللەر ساقلاندى ، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەتتا ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتۇشىنىڭ ھېچقانچە ئۈنىمى بولمىدى . خەلىقئارادا كەڭ دائىرلىك ئىشلىتىۋتقان بۇ تىلنى ئۇقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۈگىتىش_ ئۇلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي باشقا جەھەتلەردىنمۇ يىتىشىشىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دۇنيانى چۈشىنىشىدىكى يېڭى بىر كۆۋرىكىگە ، ۋاستىسىگە ئايلىنىدۇ . ئەمما بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىنگىلىزتىلى دەرىسى ئىتىبارغا ئېرىشەلمىدى ، ياكى دىققەت ئىتىبارنى قوزغىيالمىدى . بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم ۋاقىت ئاجىرتىپ ئېلىپ بارغان ئىنگىلىزتىلى ئۇقۇتىشىدا كۆرىنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالدى ، مىنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن كۆرىشكە بۇلىدۇ : -
2009-02-28
ئىنگىلىزتىلىPETS ئىمتىھانى ھەققىدە - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
مەملىكەتلىك ئاممىۋى ئىنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى ، قىسقارتىلىپ PETS دەپ ئاتىلىدۇ .<全国公共英语等级考试 > مەملىكەتلىك ئاممىۋى ئىنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى بولسا پۈتۈن جەمىيەتكە يۈزلەنگەن ، ئۇقۇش تارىخى خاراكتىرىنى ئالمىغان ئىنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتىھانى بۇلۇپ ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشش سەۋىيىسىنى سىنايدىغان ئىمتىھان . مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ، ھەرقايسى ئۇرۇنلاردىكى مائارىپ ئىمتىھان تارماقلىرى ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىدىغان ئىمتىھان . PETS ئىمتىھانى ۋە باشقا ئىمتىھانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت :
PETS2-دەرىجىسى ۋە PETS4- دەرىجسىنىڭ ئولچەمگە يەتكەن نەتىجىسى بولسا ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئىمتىھانىنى بەرمىسىمۇ بۇلىدۇ . ( ئىنگىلىزتىلى كەسپىدە بولمىغانلارغا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ . )
-
بۇ تور بىكەت ئىنگىلىزتىلىنى ئۈگىنىۋاتقان ۋە مەلۇم ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشغا ماس كىلىدۇ . بۇ توربىكەتتە ئامىرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ نەق مەيدان سىنئالغۇ نۇتۇقلىرى ، ئامىركىدا قۇيۇلىۋاتقان ۋە قۇيۇلغان نۇرغۇن ياخشى تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى ،داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىش ھەققىدىكى لىكسىيىلىرى ، سىنئالغۇلۇق ئىنگىلىزتىلى ئۈگىتىش ، ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن نادىر فىلىملار ، داڭلىق كىنولار ، ھەرخىل دەرىسلىكلەرنى سىنئالغۇ ئارقىلىق ئۆتۈش ( شۈگوجىياڭ ، يېڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى ، تۇلۇق ئوتتۇرا ئىنگىلىز تىلى ، ئوكىسفورت ئىنگىلىزتىلى ، .ئىنگىلىزتىلى گىرامماتىكىسى ، ئامىرىكىغا سەپەر ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ئىنگىلىزتىلى .... قاتارلىق نۇرغۇن دەرىسلىكلەرنىڭ سىنئالغۇلۇق لىنتىسى بار ) ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلار ئىنگىلىزتىلى ، ئىنگىلىزتىلىدىكى كارتون ،ئىنگىلىزچە ناخشا ........ قاتارلىق نۇرغۇن ماتىرياللار بار .
-
2009-02-18
PETS 4- دەرىجىسىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
بۇ ئىمتىھان يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ئىككى خىل شەكىلدە ئېلىنىدۇ . يېزىقچە ئىمتىھان شەكلىنىڭ ۋاقتى 140 مىنۇت بۇلۇپ ، ئاڭلاپ چۈشۈنىش ، ئىشلىتىش ئىقتىدارى ، ئۇقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى ، يېزىقچىلىق قاتارلىق بولەكلەردىن تەركىپ تاپىدۇ .
ئېغىزچە ئېلىپ بىرلىدىغان ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى 12 مىنۇت بۇلۇپ ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سۈزلىشىش ، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئۈچ بۆلەك بۇيىچە سىنىلىدۇ .
يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ئىمتىھاننىڭ تەلەپلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىردەك ئىنگىلىزتىلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .
-
2009-02-17
PETS 3- دەرىجىسىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى - [ئىنگىلىزتىلى كۆزنىكى]
بۇ ئىمتىھان يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ئىككى خىل شەكىلدە ئېلىنىدۇ . يېزىقچە ئىمتىھان شەكلىنىڭ ۋاقتى 120 مىنۇت بۇلۇپ ، ئاڭلاپ چۈشۈنىش ، ئىشلىتىش ئىقتىدارى ، ئۇقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى ، يېزىقچىلىق قاتارلىق بولەكلەردىن تەركىپ تاپىدۇ .
ئېغىزچە ئېلىپ بىرلىدىغان ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى 10 مىنۇت بۇلۇپ ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سۈزلىشىش ، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئۈچ بۆلەك بۇيىچە سىنىلىدۇ . يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ئىمتىھاننىڭ تەلەپلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىردەك ئىنگىلىزتىلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .
- ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارى
بۇ بۈلەك A ۋە Bقىسىمدىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ .
Aقىسىم (10سۇئال ) : ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن ئاڭلىغان 10 پارچە ئابزاسقا ئاساسەن (ھەربىر ئابزاس تەخمىنەن 400خەت ئەتراپىدا ، ئۈچ يېرىم مىنۇت داۋامىلىشىدۇ .)
-
1. ئاڭلاش ئۆيى http://www.tingroom.com/
بۇ تور بىكەتنىڭ ماتىريال مەنبەسى ئىنتايىن مۇل بۇلۇپ ئىنگىلىزتىىلىنىڭ ئاڭلاش قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ماتىريالنى تاپالايسىز .
2.ئىنگىلىز تىلى ئۇقۇشلىقى تورى http://www.enread.com/
بۇتوربىكەتتە يېڭى خەۋەر ، ماقالە ، شئېر ، يۇمۇر ، ھېكايە ، رومان ........قاتارلىق ھەرخىل ئۇقۇشلۇقلاربىلەن تەمىنلەيدۇ ،بۇ توربىكەت خەنزۇچە .
3.ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش تورى http://www.esl-lab.com/
بۇ توربىكەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلىدىن ئازراق ساۋادىڭىز بۇلىشى كېرەك .