• 2009-04-28

    مۇنالىزانىڭ تەبەسسۇمى ___ گاڭگىراشنىڭ باشلىنىشى - [سەيياھ خاتىرىسى]

                                                

                                                       (تۇنجى  تەسىرات  )
     
            تەبەسسۇم – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ قەلىمىدە پەلسەپەۋى ئىبارىلەر بىلەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى .  مەنمۇ ئۇ ئەسەرنى ئەپلەپ -  سەپلەپلا ئۇقۇغان ، تەبەسسۇم بىز ئۈچۈن ئانچە ناتۇنۇش  بولمىسا كېرەك .   مونالىزانىڭ تەبەسسۇمى دەل فىلىمدىكى كەسىرىننىڭ تەبەسسۇمى . گەرچە تىلى پۈتۈنلەي ئىنگىلىز تىلىدىكى بۇ فىلىمنى يۈزدە يۈز چۈشەنمىسەممۇ ، لىكىن ئاساساى مەزمۇنىنى چۈشەندىم ، ھېس قىلدىم .
            مەن بۇ فىلىمنى مىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالارمىكىن دىگەن نىيەتتە كۆرگەنىدىم ، ئەپسۇس كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرىنىشلەر ئاز ئىكەن .ئويلىغىنىمدەك نادىر فىلىممۇ ئەمەسكەن .شۇنداقتىمۇ فىلىمدە يەنە بىر قىسىم كىشىنى ئويغا سالىدىغان كۆرىنىشلەرمۇ بار .فىلىمدىكى ئۇقۇغۇچىلار بىزنىڭ رىئاللىقتىكى ئۇقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تىرىشچان ، جۈرئەتلىك ئىكەن .
             تۇنجى سائەتلىك دەرىستىكى تۇيغۇ ، گاڭگىراش ، قورقۇنچ ،كىشىنى ئەنسىزلىككە سالىدۇ . مەن تۇنج سائەتلىك دەرىسىمنى قانداق ئۆتكەن بولغىيدىم . تەبەسسۇم ئىلكىدە ؟؟ ياكى ئاتالمىش تۇنجى سائەتتە نۇپۇز تىكلەش مەقسىتىدە ؟؟؟ بۇلار ھازىر ئىسىمدە يوق ، ئەمما مەن ئويلىنىۋاتىمەن ، نۇپۇزنى قانداق تىكلەش كېرەك ، نىمە بىلەن تىكلەش كېرەك  ؟؟ بىزدىكىسى باشقۇرۇش ھۇقۇقىمۇ ؟؟
            مەن ئويلىنىۋاتىمەن ، يېڭى بىر تەپەككۈر ئۇچقۇنىنى كۆرگەندە ، يېڭى بىرخىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ، ھەر قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرگەندە ، ئۇقۇغۇچىلىرىم بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندا . مەن دەرىسنى قانداق ئۆتۈشۈم كېرەك ، نىمىلەرنى ئۆتۈشۈم كېرەك ، دەرىسلىكتىكى ئۆلۈك قائىدىلەرنى  ۋە ياكى ھازىر قوللىنىۋاتقان سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش ياكى ئۇقۇغۇچىلارنى يېڭىچە ئوي پىكىرنى ئويلاشقا دەۋەت قىلىش ، شۇنداق مۇھىتنى كىچىككىنە بولسىمۇ يارتىشقا تىرىشىش قاتارلىق مىنىڭ نەزىرىمدىكى تېخى يىتەرلىك بولمىغان ئۇسۇللار  ، ئۈنۈملىك بۇلۇش بولماسلىقىنى بىلمەيمەن ، ھازىرقى ئۇقۇغۇچىلىرىم تەجىربە ئوبىكتى ، بەك ئەپسۇس .
             مەن ئۈزۈمدىن رازى ئەمەس ، ئۈزۈم ئويلىغاننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلىيالمىدىم ، زور دەرىجىدە كۈچ سەرىپ قىلىشىم كېرەك ، چۈنكى مەن بىلىمنىلا ئۈگىتىۋاتمايمەن ، ھەم شۇنداق قىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن . 
               كۈنلىرىم جىدىيلىك ، ئويلىنىش ۋە ئۆز گىرىش ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ . مەن مۇشۇلارنىڭ تېخمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇقۇغۇچىلارنىلا تەربىيەلەۋاتمايمەن ، ئۈزۈمنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىمەن. ماڭا مەنسۇپ بولغان ھەقىقى تەبەسسۇمنى ئىزدەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن ، بەلكى تەبەسسۇم كەينىدىكى تەنھالىق ۋە ساختىلىق ئەمەس .  
            مونالىزانىڭ تەبەسسۇمىنى ئۇقۇغۇچىلىرىم ھېس قىلالارمۇ ؟؟؟؟~!!


    2009-يىلى 4-ئاينىڭ 27- كۈنى كەچ


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن