• ئۇقۇتۇپلا قويسام بولماس !!!! - [سەيياھ خاتىرىسى]

    2009-04-19 | خەتكۈچ: خاتىرەمدىن مائارىپ Seyyah سەيياھ

                                      يېڭى ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەرىس ھەققىدە ئويلىغانلىرى . 

     

    مەن ئۇقۇتقۇچى بولغان بىر يىلدىن بۇيان ئۈزۈمنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىققا خېلى ماسلىشىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم . دەسلەپكى تەجىربىسىزلىكلەردىن ، داۋاملىق ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشتىن ، ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان كونتىرولسىزلىقتىن تەدرىجى ئىزىغا چۈشۈش ، مۇقىملىنىش باسقۇچىغا قاراپ ماڭدىم . ئۇقۇتۇشتىكى مەقسىتىممۇ ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى . ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئۇقۇتۇش ھەققىدىكى « بىلىمنىلا ئۈگىتىشنى قوللىماسلىق » خىيالىممۇ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ، چوڭقۇرلىشىشقا ، دائىرىسىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى . مەن ھازىرقى  ئۇقۇتۇش(دەرىس ئۈتۈش )  مەقسىتىنى ھېچكىمگە تۇلۇق دەپ باقمىغان ، توغرىسى دىيىشكە پېتىنالمىغان ، چۈنكى باشقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئۇقۇتۇشنى چۈشەنمەسلىكىنى ، مىنى مەسخىرە قىلىشىدىن قورققان . ئەلىۋەتتە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا دىگىلى ، چۈشۈندۇرگىلى   بۇلىدۇ ، ئەممە قوللىنىش ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس .

            مىنىڭ  ئۇقۇتۇش مەقسىتىم مۇنداق ، ئۇقۇغۇچىلارغا نۇقۇل ھالدا بىلىم ئۈگىتىشنى ئاساس قىلماسلىق ، بەلكى ئىجادى پىكىر قىلىشقا   ، تەپەككۈر يۈرگىزىشكە ماھىر ، ئويلىيالايدىغان قىلىش ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت . ئەلىۋەتتە بۇنىڭغا ھېسيات تەربىيىسىنىمۇ قۇشۇش كېرەك . ھازىرقى ئۇقۇتۇشىمىز پەقەت بىلىمنىلا ئۈگىنىشنى  ، يەنى ئۆتىلگەن دەرىسلىك مەزمۇنلىرىنى چۇقۇم بىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ ، مەنمۇ شۇ خىل ئەندىزە ئارقىلىق مەكتەپتە ئۇقۇپ ئاخىرى ئۇقۇتقۇچى بولغان بولساممۇ ، بۇ خىل ئەندىزىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن .

     ئۇقۇتقۇچى دەرسخانىدا پەقەت دەرىس سۆزلىگۈچىلا بولماسلىقى ، ئۇقۇغۇچىلارغا مەلۇم دەرىجىدە يىتەكچىلىك قىلىش ، دەرىس ئۇقۇتۇشدا ئۇقۇغۇچىلارنى كۆپ پىكىر يۈرگۈزىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بىرىش ، يېڭىچە پىكىرلەرگە سەزگۈر بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە  رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ  يېڭىچە پىكىر يۈرگۈزۈش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش ، ئۇقۇغۇچىلارنى  داۋاملىق مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ تۇرۇش ،ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىستىن سىرت ئەمما ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان سۇئاللارنى سوراپ ئۇلارنىڭ  تەپەككۈر ئىشىكىنى ئېچىش مەن دەرسخانىدا قوللىنىۋاتقان ۋە داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئۇسۇللاردۇر .

        ئەلىۋەتتە بىلىم ئۈگىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم . مىنىڭچە بىلىمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىش ، تەجىربە قىلىش ، كۆپ ئىشلىتىش ، ھېس قىلغۇزۇش ئارقىلىق ئۈگەنسە ئۈنىمى ياخشى بۇلىدۇ . مەن ھازىر خەنزۇتىلى دەرىسى ئۆتىۋاتىمەن ، قانداق قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارتىش ، يېڭىچە تەپەككۈر قىلىشنى تەڭ يىتىلدۈرشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىزدەۋاتىمەن ۋە بىر قىسىم ئۇسۇللارنىمۇ سىناق تەرىقىسىدە قوللىنىۋاتىمەن  .  مەقسەت ئېنىق بولغاندىلا ئاندىن قوللانغان ئۇسۇللارنىڭ ئۈنىمى ياخشى بۇلىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ قۇللانغان ئۇسۇللار توغرا ئۇسۇل بۇلىشى كېرەك .  بەلكلىم بۇ خىل ئۇسۇللارمىنىڭ  كىيىنكى قەدەمدە قەلەم تەۋرىتىشىمىنىڭ سەۋەپكارى بۇلىشى مۇمكىن .

     

    2009-يىل 4- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ  .


    收藏到:Del.icio.us