•   ئەرەب خەلىپىلىكلىرى توپلىغان كالىندارچىلىق ،ماتىماتىكا ۋە تىبابەتچىلىك ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، مائارىپى ۋە ئىلىم-پېنىنى يىڭى ئۇچۇر ۋە سەۋىيە بىلەن بىزەندۈردى . ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق گرېك-رىم ، ئىسكەندەرىيە ۋە مىسىر ، سۈرىيە ئىران ۋە ھىندىستان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن قايتا تۇنۇشتى . قەمەرىيە كالىندارى ، ھەندەسە ۋە ئالجەبىر ( گېئومېتىريە ۋە ئالگېبرا ) ماتىماتىكىلىرى ، خارس ئىبىن كەلىدا ، ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زەكارىيە ئەررازى قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ تىبابەتچىلىكى ئۇيغۇر جەمىئىيىتى ۋە ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى . ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئارستوتىل ، ئەپلاتون ، بەقرات ، ئوقدىلوس قاتارلىق قەدىمكى گرېك مۇئەللىپىلىرى بىلەن تۇنۇشتى . ئۇيغۇرلار ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى ۋە گرېك-باكتىرىيە دۆلىتى داۋام قىلغان قەدىمكى زامانلاردىلا گرېك ئاپتورلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تۇنۇشقانىدى .

  •   ئىسلام دىنى گەرچە باشتىلا بىرخىل مەدەنىيەت شەكلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ ، ئابباسىيە خەلىپىلىكى   دەۋرىدە يۈزبەرگەن « شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى » ئارقىلىق 9-12 ئەسىرلەر ئىچىدە يېپيىڭى بىرخىل دۇنياۋى تارىخى خاراكتىرلىق مەدەنىيەت تىپىنى « ئىسلام مەدەنىيىتى » نى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى . بۇنداق مەدەنىيەت نۇقۇل ئىسلام ئېتىقادچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان دىنى مەدەنىيەتتىن تاشقىرى ، يەنە ئىسلام قانۇنچىلىقى ، ئىسلام ئەدەبىياتى ، ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى ، ئىسلام مەدەنىيىتى تەركىبىدىكى پەلسەپە ، تىبابەتچىلىك ۋە تەبىئەت ئىلىملىرى ، كالىندارچىلىق قاتارلىلق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىجتىمائى مەدەنىيەت سىستىمىسىدىن ئىبارەت بولدى . ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنى ياكى تارىخى ئالاھىدىلىكلەردىن تاشقىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۇمۇمى مۇۋەپپىقىيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتتى . ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى مىلياردلىغان كىشى قەلبىنى ، تۇرمۇش يوسۇنلىرىنى ئۈزىگە مۇنداق جەل قىلمىغان بۇلاتتى .

  •  1.    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئاتا-بوۋىلىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بوستان ۋە يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ ، پەرغانە ۋە يەتتە سۇ ، ئورخۇن ۋە سېلىنگا ئەتراپىدا ياشىغان . ئوغۇزخان ، ئاپراسياپ ، بۆكۈخان ۋە بۇغراخان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ۋارسلىق قىلىشقان خانلىق قىلىشقان خانلىق جەمەتى ياغلاقار -ياغما قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان . ئون ئۇيغۇر ، شەرقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەشكىل قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى غۇلاپ ، ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا ، ئادىز ، ياغما قەبىلىلىرى خانلىق جەمەتىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئۇيغۇر -غەربى ئۇيغۇرلار بېشبالىق -ئىدىقۇت ئارسلان خانلىقى ، قەشقەر-قۇز ئوردا بۇغرا قاراخانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىكخانلىقىنى تەشكىل قىلىپ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مەشھۇر يىپەك يۇلى ئالاقىلىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل تارىخى شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىگە كۈرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان .

  • «يىپەك يولى» ئىبارىسى بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ شەرقى ۋە غەربىي قىسىملىرى بىر - بىرى بىلەن قوشۇلغان ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەش تارىخىدا ئالاھىدە بىر قاتلام بىلىش ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ئەڭ زور قۇرۇقلۇق بەلۋېغى مەنىسىدە مۇجەسسەم ئىبارە بولۇپ قوللىنىلماقتا . ئۇ ئىلگىرىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» يولى ،«ياۋرو - ئاسىيا مىللەتلەر كۆچۈش يولى» ، «قەدىمكى كارۋان يولى» ، «ئۇيغۇر - سوغدى يولى» دېگەن مەنىدىكى قىممەت كاتىگورىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى ، يىپەك يولى ھەقىقەتەن يىپەك يولىنى تۇتاشتۇردى . يىپەك يولىغا خاس سېنكىرىتىك مەدىنىيەت ئالامەتلىرىنى شەكىللەندۇردى ، يىپەك يولى مەركىزى قىسمى رايونلىرىنى ، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇنڭغا ئالاقىدار مۇڭغۇل - قىپچاق دالالىرىنى دۇنياۋى ئالاقىگە ئېلىپ كىردى . يىپەك يولى ئوتتۇرا - مەركىزى ئاسىيا كۆچمە چارۋىچىلىرى ئارىسىدىكى بىرقەدەر ئالدىغا كەتكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ، بوستان ، شەھەر - قەلئەھاياتىغا كىرىشى ، خەلقئارا سۇدىغا قەدەم قويۇشى ئارىئان تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا يازما مەدەنىيەت ، كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە كلاسسىك مۇقامچىلىقتا ، جۈمىدىن ئەلقئارا تەرجىمە شەرھىچىلىكتە ئالدىغا كېتىشىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى .

  • -1914  يىلى ، نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف خاتىرىسىدىن :  

     ...  بىز چىنى ئۇيغۇرلىرىنى ئاۋال ئۇيغۇر ئاتىلىپ  كىيىن ئاتىسىز قالغان دىگەنىدۇق ،  بۇ نىمە ئۈچۈن ؟  يەرلىك بىر ئۇيغۇردىن < سەن كىم ؟ > دەپ سورىساڭ ، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا < قەشقەرلىك > ياكى  <خوتەنلىك >  دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،< ئۇ > دىگەن يەر جاي نامىغۇ ؟         دىسەڭ ، ئۇ ھامان<مۇسۇلمان> دەيدۇ . ياق مەن سىنىڭ دىنىڭنى سورىمىدىم ، دىسەڭ ھۇدۇقۇپ < مەن چەنتۇ > دەيدۇ . قازاق ،قىرغىزلار غا ئارلاشقان يەرلىكلەر < بىز سارت > دەيدۇ . دىمەك     ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ . مانا بۇ جاھالەت

  • 阿昌族 401 佤族 447
    白族 402 维吾尔族 448
    保安族 403 乌孜别克族 449
    崩龙族 404 锡伯族 450
    布朗族 405 瑶族 451
    布依族 406 彝族 452
    朝鲜族 407 裕固族 453
    达斡尔族 408 藏族 454

  • 01 汉族


    02 蒙古族

    03
    回族


    04
    藏族


    05
    维吾尔族

  •        ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا، مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.

               ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.

باشقۇرۇشقا كىرىش