-
2011-01-16
چەرچەن ناھىيەسىدىن يېڭىدىن زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايقالدى. - [چەرچەن ھەققىدە]
چەرچەن ناھىيەسىدىن يېڭىدىن زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايقالدى.
ئۈرۈمچى، 10–دېكابىر تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ2010- يىلى 10–دېكابىر چەرچەن ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ ناھىيەدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى 9–دېكابىر لايلىق خارابىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى ساپال پارچىلىرى مەركەزلىك تارقالغان جايدا يېڭىدىن كۆپ مىقداردىكى ساپال بۇيۇم ، تاش قورال (تەركىبىدە زۇمرەت بار ) ، مىس قورال ، بېزەك بۇيۇملىرى ۋە بىر قىسىم ياغاچ پارچىلىرىنى بايقىغان ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى يەر يۈزىگە چىقىپ قالغان ، بەزىلىرى توپىغا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ ، دائىرىسى 60 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن ، بۇ جايدا ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا قەدىمىي قەبرىستانلىق ۋە خۇمدان بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ جاي قوراملىق يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ ، ناھىيە بازىرىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. چەرچەن ناھىيەسى لايلىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى (چەرچەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) چەرچەن دەرياسىنىڭ قەدىمىي دەريا يولىنى بويلاپ سوزۇلۇپ ، شەرق–غەرب كەڭلىكى 30 كىلومېتىر ، جەنۇب–شىمال ئۇزۇنلۇقى 63 كىلومېتىر ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1890 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قوغدىلىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدىكەن . يەر يۈزىدىكى ساپال پارچىلىرى ئەڭ زىچ تارقالغان يەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىر يۈزىدە 116 ساپال پارچىسى تېپىلغان . 3–قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ، بۇ خارابىلىكتىن يېڭىدىن ئۈچ قەدىمىي قەبرىستانلىق ۋە كۆپ مىقداردا تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايقالغان ." بۇ ناھىيەدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئالاقىدار قېزىش ، سىرىنى ئېچىش خىزمەتلىرى يەنە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ، نۆۋەتتە ، ئۈنۈملۈك قوغداش خىزمىتى جىددىي يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ ، ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىرغا يېتىدىغان قوغداش رېشاتكىسى ياساش ۋە باشقۇرۇش–قوغداش پونكىتىدىن تۆتنى قۇرۇش ئىلتىماسى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىگە يوللاندى .ئىگىلىنىشىچە ، ئۆكتەبىردە ، بۇ ناھىيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئاچچان يېزىسى تەۋەسىدىن يېڭىدىن كۆپ مىقداردىكى قەدىمىي گۈزەل قىيا تاش رەسىملىرى ۋە تاش ئويما يېزىقلار بايقالغان . ئېيتىلىشىچە ، كۆز مۆلچىرىدىن قارىغاندا ، بۇلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن ؛ نويابىردا ، بۇ ناھىيە كەلكۈن يالاپ كەتكەن ئۇتامچى (دەريانىڭ ئۇ تەرىپى دېگەن مەنىدە) قەبرىستانلىقىغا قارىتا قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش خىزمىتى ئېلىپ بارغان ، ئۇنىڭدىن قېزىلغان بۇيۇملار قەدىمىي غەربىي يۇرت 36 بەگلىكى ئىچىدىكى ئەندىر بەگلىكىنىڭ مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بولۇپ ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەندىر بەگلىكىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغىلى بولىدىكەن. چەرچەن ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ ، جەنۇبىدا كوئېنلۇن تېغى ، شىمالىدا تەكلىماكان قۇملۇقى بار . ناھىيە تەۋەسىدە ئاساسلىقى قۇملۇق ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان كۆپلىگەن ئېگىزلىكلەر بار بولۇپ ، يەر كەڭ ، ئادەم ئاز ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كىۋادرات كىلومېتىر يەرگە يېرىم ئادەممۇ توغرا كەلمەيدۇ . دۆلەت تاشيولى 315–لىنىيەسى ۋە تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى بۇ ناھىيەدىن كېسىپ ئۆتىدۇ ، ناھىيە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تەخمىنەن 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتا .
收藏到:Del.icio.us
评论