•       1.دۆلەت تەۋەلىكى ، مىللەتلەرنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى
           2 .ۋەتەن دىگەن نىمە ؟
          3. 2500- يىلدىكى مۆجىزە !
          4. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى توغرىسىدا .
          5. توت يۇز يىگىرمە يەتتە مىليۇنلۇق(427000000) زىيارەتچىسى بار بىلوگ . 
          6. چەرچەن قەدىمىي زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى ۋە قەدىمى چەرچەن ئىجدىمائيتى.
          7. مەمۇرلار ئىمتىھانىنى ياخشى بىرەي دىسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ .
          8. تالىبانلار تەربىيىسىدىكى مايمۇن تىرورچىلار !
          9. خەنزۇ تىلىدىكى ئادەت سۆزلىرى توپلىمى .
          10. شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەخسۇس پىروگىراممىلارنى توردىن كۆرۈش .

  •  

    5 . ئەڭ زەھەرخەندە مەكتەپ تۈزۈمى .ئۇقۇغۇچىلار ئۇرۇشسا پۈتۈن سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلار نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇشقان ئۇقۇغۇچىلارنى  ئۇرۇپ زورلۇق بىلەن زورلۇق جازالىنىدۇ .مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى ئۇقۇغۇچى ئۇرۇشقاچقا سىنىپنىڭ ئۇمۇمى نۇمۇرىغا تەسىر يەتكەن ، شۇسەۋەپتىن مۇئەللىم پۈتۈن سىنىپتىكى 62 نەپەر ئۇقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ نۆۋەت بۇيىچە ،ئۇرۇشقان ئىككى ئۇقۇغۇچىنى بىر بىرلەپ شاپىلاقلاپ چىققان. 

     6.ئەڭ بىمەنە مەكتەپ تۈزىمى . مەكتەپ تۈزىمىنىڭ ئەسلى مەزمۇنى :ھەركۈنى 6:45  تە ئۇقۇغۇچىلار مېڭىپ ياكى يۈگىرىپ چىقىپ مەيداندا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشى ، 10 مىنۇت گىمناستىكا ئوينىغاندىن كىيىن  ۋاقتىدا چوڭ تەرەت قىلىشى كېرەك .كەچلىكى بەدەن بۇشىتىش گىمناستىكىسىنى ئوينىغاندىن كىيىن  يەنە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشى كېرەك .چىشىنى چوتكىلاپ بولغاندىن كىيىن ، بىر كۈندە قىلغان ئىشلىرىنى ئويلىشى ياكى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشى كېرەك .(مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ )

  • تۆۋەندىكىسى مىنىڭ بۇ مەۋسۈمدىكى سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمەت پىلانىم . تورداشلارنىڭ كۆرۈپ باھا بېرىشىنى ، تۈزىتىدىغان ، قۇشۇپ قۇيىدىغان جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

    1  .      ھەر ھەپتىدىكى سىنىپ يىغىنى ۋاقتى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىن پايدىلىنپ ئۇقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلىقنى ، پارتىيىنى سۈيۈش ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى  ئېلىپ بارىمەن . بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانۇن - تۈزۈملەر تەربىيىسى ، ساغلاملىق تەربىيىسى ، ئىجدىمائى مۇناسىۋەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن ياخشى يىتىلپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سالىمەن  .
           2.    سىنىپ تۈزۈمى ئورنىتىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنىڭ خىزمەت ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈزەتچىلىك ، شۇنداقلا تۈرتكىلىك رولى بارلىقىنى تۇنۇتۇپ ، تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئاساس ، ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى قۇشۇمچە قىلىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا يىڭى بىر خىل ئەخلاق – تۈزۈم قارىشىنى تىكلەيمەن .

  • 1. مەكتەپ قىرائەتخانىسىغىلا كىرىۋالماڭ.سىزنىڭ ئىلمى ئۈنۋانىڭىز ۋە يۇقۇرى بولغان ئوتتۇرىچە نۇمۇرىڭىز (  GPA ) بولغان تەقدىردىمۇ  كەلگۈسىدىكى خىزمتىڭىز ئۈچۈن تەييارلىقلىرىڭىزنى پۈتكۈزگەن بۇلىشىڭىزناتايىن . ئالى مەكتەپتىكى توت يىللىق ئۇقۇش ھاياتىڭىزدا ئېرىشىدىغىنىڭىز بەقەت يۇقۇرى نۇمۇرلارلا ئەمەس بەلكى مول بولغان ھاياتلىق تەجىربىلىرى بۇلىشى كېرەك .

    2. ياتىقىڭىزدا تۇرۇپ سودا قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ . بۇنىڭغا كىتىدىغان چىقىممۇ ئاز ، ئەگەر ياخشى توربەتلەرنى لاھىيەلىسىڭىز گوگىل ، ياخۇ تور بىكەتلىرى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ . بۇ ئەلىۋەتتە ئاشخانىلاردا قاچا يۇيغاندىن ياخشىراق . كىچىچە توردا قارتا ئوينايدىغانلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، توردا تىكىشىپ قەرت ئويناش بولسا قىممار ، ھەرگىزمۇ سودا ئەمەس ، قىممار ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ .

  •         بىلوگ بىلدۈرگىسى   ( بىلوگنى ئولانمىغا قۇشۇۋېلىڭ )
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
             سەيياھ بىلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغاچە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بىلوگ ئەسەرلىرىنى رەڭدار ، سەرخىل ۋە سۈپەتلىك بۇلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم .بىلوگدىكى ئەسەرلەر ئاساسلىقى مائارىپقا - ئۇقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ، ئىنگىلىزتىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ، چەرچەن ناھىيسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار  ، مەرھوم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ،  ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرىم  ۋە  شەخسى خاتىرلىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
             بۇنىڭدىن كىيىن بىلوگ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ  ، قاراتمىلقىنى كۆچەيتىپ ، مەزمۇنلۇق تېخىمۇ ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن تىرىشمەن .
            ھەرقايسى بىلوگگىرلار ۋە تور ئەھلىنىڭ ئۆزئارا  زىيارەت قىلىش ، پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ قۇلاي بۇلۇشى ئۈچۈن  سەيياھ بىلوگىنى ئولانما قىلىۋېلىشىنى تەكلىپ بىرىمەن . 
           بىلوگ نامى : سەيياھ بىلوگى           游客博客         Seyyah Blog

           سەيياھ بىلوگىنىڭ ئادىرىسى :
     

    سۈرئەتلىك ئۇلىنىش ئادىرىسى :

    http://filer.blogbus.com/4774393/477439312751141827.gif

  • تەبەسسۇم – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ قەلىمىدە پەلسەپەۋى ئىبارىلەر بىلەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى .  مەنمۇ ئۇ ئەسەرنى ئەپلەپ -  سەپلەپلا ئۇقۇغان ، تەبەسسۇم بىز ئۈچۈن ئانچە ناتۇنۇش  بولمىسا كېرەك .   مونالىزانىڭ تەبەسسۇمى دەل فىلىمدىكى كەسىرىننىڭ تەبەسسۇمى . گەرچە تىلى پۈتۈنلەي ئىنگىلىز تىلىدىكى بۇ فىلىمنى يۈزدە يۈز چۈشەنمىسەممۇ ، لىكىن ئاساساى مەزمۇنىنى چۈشەندىم ، ھېس قىلدىم .
            مەن بۇ فىلىمنى مىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالارمىكىن دىگەن نىيەتتە كۆرگەنىدىم ، ئەپسۇس كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرىنىشلەر ئاز ئىكەن .ئويلىغىنىمدەك نادىر فىلىممۇ ئەمەسكەن .شۇنداقتىمۇ فىلىمدە يەنە بىر قىسىم كىشىنى ئويغا سالىدىغان كۆرىنىشلەرمۇ بار .فىلىمدىكى ئۇقۇغۇچىلار بىزنىڭ رىئاللىقتىكى ئۇقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تىرىشچان ، جۈرئەتلىك ئىكەن

  • مەن ئۇقۇتقۇچى بولغان بىر يىلدىن بۇيان ئۈزۈمنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىققا خېلى ماسلىشىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم . دەسلەپكى تەجىربىسىزلىكلەردىن ، داۋاملىق ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشتىن ، ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان كونتىرولسىزلىقتىن تەدرىجى ئىزىغا چۈشۈش ، مۇقىملىنىش باسقۇچىغا قاراپ ماڭدىم . ئۇقۇتۇشتىكى مەقسىتىممۇ ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى . ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئۇقۇتۇش ھەققىدىكى « بىلىمنىلا ئۈگىتىشنى قوللىماسلىق » خىيالىممۇ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ، چوڭقۇرلىشىشقا ، دائىرىسىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى . مەن ھازىرقى  ئۇقۇتۇش(دەرىس ئۈتۈش )  مەقسىتىنى ھېچكىمگە تۇلۇق دەپ باقمىغان ، توغرىسى دىيىشكە پېتىنالمىغان ، چۈنكى باشقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئۇقۇتۇشنى چۈشەنمەسلىكىنى ، مىنى مەسخىرە قىلىشىدىن قورققان . ئەلىۋەتتە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا دىگىلى ، چۈشۈندۇرگىلى   بۇلىدۇ ، ئەممە قوللىنىش ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس .

  • فۇربېس( Forbes )تورى بولسا دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق بولغان دەرىجىگە تۇرغۇزۇش تورلىرىنىڭ بىرى . دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك كارخانا ،  100 نەپەر مىليادىر ، جۇڭگۇدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ، 100 نەپەر باي ، جۇڭگۇدىكى ئىستىقبالى پارلاق كارخانا -شىركەتلەر ، جۇڭگۇ ئىقتىسادى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر ، فوندىلار ، ھەرخىل يېڭى ئىقتىسادى ئۇچۇرلار ، ئىقتىساد مۇلاھىزىلىرى    .......قاتارلىق مەزمۇنلار بار بۇلۇپ  ، توغرىلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ،  بىرقەدەر ئىشەنچىلىك بولغان بايلىق  سىتاتىستىكا  تور بىتى ،  سىز بۇ تور بەت ئارقىلىق دۇنيادىكى كارخانا – شىركەت ، بايلار ، تەرەققىيات كۈچى ، مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارى - ئۇچۇرى  توغرىسىدىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان  مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بۇلالايسىز .

    بۇ توربىكىتىنىڭ ئادىرسى

  • -1914  يىلى ، نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف خاتىرىسىدىن :  

     ...  بىز چىنى ئۇيغۇرلىرىنى ئاۋال ئۇيغۇر ئاتىلىپ  كىيىن ئاتىسىز قالغان دىگەنىدۇق ،  بۇ نىمە ئۈچۈن ؟  يەرلىك بىر ئۇيغۇردىن < سەن كىم ؟ > دەپ سورىساڭ ، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا < قەشقەرلىك > ياكى  <خوتەنلىك >  دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،< ئۇ > دىگەن يەر جاي نامىغۇ ؟         دىسەڭ ، ئۇ ھامان<مۇسۇلمان> دەيدۇ . ياق مەن سىنىڭ دىنىڭنى سورىمىدىم ، دىسەڭ ھۇدۇقۇپ < مەن چەنتۇ > دەيدۇ . قازاق ،قىرغىزلار غا ئارلاشقان يەرلىكلەر < بىز سارت > دەيدۇ . دىمەك     ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ . مانا بۇ جاھالەت

  •   2010- يىلى ، بىر 33 ياشلىق بىئولوگىيە ئالىمى پىدائىيلىق بىلەن ئۆزىنى باشقا ئالىملارنىڭ ياردىمى بىلەن توڭلىتىپتۇ  ، توڭلىتىشتىن بۇرۇن  ئۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە توڭلىتىلغان ۋاقتىنى خاتىرلەپ ، مەلۇم بىر جايغا ئۆزىنىڭ توڭلىتىلغان تىنى بىلەن بىريەرگە قۇيۇپ قۇيۇشنى ، كەلگۈسىدە پەن- تېخنىكىنىڭ قۇدىرىتى يەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ تىنىنى ئىرىتىشنى ئېيتىپتۇ . ئالىملار بۇ ياش يىگىتنىڭ  تىنىنى يۇقۇرى تېخنىكىلار ئارقىلىق   توڭلىتىپ ئاسان ئىرىپ كەتمەيدىغان ، بىر بىخەتەر جايدا ساقلاپتۇ .

                2500-يىلى . ئارىدىن 500يىل ئۆتكەن ۋاقىت .  ئالىملار دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگىدەك بىر خەۋەرنى ئېلان قىلىشىپتۇ .< بۇندىن 500 يىل بۇرۇنقى ئەجدادىمىز قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتى .   > ھەقىقەتەن بۇخەۋەر پۈتۈن دۇنيانى تەۋرىتىۋېتىپتۇ .

باشقۇرۇشقا كىرىش