چەرچەن چىلىنى سېتىۋالدىڭىزمۇ !؟
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى چەرچەن ناھىيلىك ھۆكىمەتنىڭ زور مەبلەغ سېلىشى ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە چەرچەن ناھىيسىنىڭ چىلان تىكىلگەن كۆلەم 10 مىڭ مودىن ئاشقان ) بۇنىڭ ئىچىدە 5.7 مىڭ مو يەردىكى چىلان كۈچىتى مىۋە بىرەلەيدۇ ) بۇ يىللىق چىلاننىڭ مەسھۇلات مىقدارى مىڭ توننىغا يىتىشى مولچەرلنىۋېتىپتۇ.
چەرچەن ناھىيىلىك ھۆكىمەت زور كۈچ سەرىپ قىلىپ دېھقانلارنى تېخنىكا بىلىملىرى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەملەپ دېھقانلارنىڭ ئېقتىسادىي كىرىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە زور كۈچ چىقاردى . مەسىلەن دېھقانلارغا چىلان ئۆستۈرۈش ، يىتىشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۈگتىش بىلەن بىرگە ، ھەر بىر يېزىدا بىرقانچە نۇقتىلىق ئۈلگىلىك چىلانچىلىق ئائىلىسىنى بىكىتىپ ئۇلارنى تېخنىكا ۋە بىر قىسىم ماتىرياللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى . پۈتۈن ناھىيدىكى چىلانچىلىق ئائىللىرىنى بىرقانچە قېتىم تۈركۈم بۇيىچە چارقىلىق ناھىيىسىگە ئىكىسكۇرسىيەگە تەشكىللەپ ، دېھقانلارنىڭ چىلان ئۆستۈرۈشكە بولغان كۆز قارىشىنى يېڭىلىدى .
بۇ يىل بىر قانچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق چىلانلارنىڭ مەسھۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەچكە دېھقانلارغا ئېلىپ كەلگەن نەپمۇ ئاز بولمىدى . چىلانلار سورتى ، تۈرى بۇيىچە يۇقۇرى باھادا سېتىۋېلىندى . كۈلرەڭ چىلاننىڭ(灰枣) ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 30-40يۈنگىچە بۇلۇپ بۇلتۇرقىدىن 15 -20 يۇەنگىچە يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى .بىر قىسىم چىلان ئۆستۈرمىگەن كىشىلەر مەخسۇس باشقىلارنىڭ چىلان مىۋىلىرىنى تىرىپ بىرىش ، چىلان ئېلىپ سېتىش ئارقىلىقمۇ خېلى زور كىرىم قىلدى. بەزى ئائىللەرنىڭ چىلاندىن كىرگەن كىرىمى ئۈچ توت تۈمەنگە يەتكەن . چىلانلار ئۆستۈرۈلگەن ئېتىزلاردا يەنە بۇغداي ، كىۋەز قاتارلىق بىر قىسىم ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى تېرىشقا بولغاچقا قوش مەنبەلىك كىرىم قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن . بۇ نەتىجىلەر چىلان ئۆستۈرۈش ، سورتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرمەكتە . چەرچەن ناھىيسىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا 2015 – يىلى پۈتۈن چەرچەن ناھىيسىدىكى چىلانلىق كۆلىمىنى 15 مىڭ موغا يەتكۈزۈلۈپ ، مەسھۇلات مىقدارى 40مىڭ تونىغا يەتكۈزۈلىدىكەن .
评论
بلوگىڭىزنى ئۇلىنىشقا قېتىۋالدىم .
سىزنىمۇ ئۇلىنىشقا قۇشۇۋالدىم .