• ئەقىلسىز دوستىڭدىن ،دۈشمەن تاپ دەنا ،

    يېڭىلسەڭ بۇنىڭدا بىر ھېكمەت مەنا .

    ناداننى يەڭمەكنى چاغلىما زەپەر ،

    ئەرزىمەس قىلغانلىق ئۇڭا تەسەننا ...

    دەنامۇ مۇھتاجدۇر ئاۋام سۆزىگە ،

    ئەقىلمۇ كۈچ تاپار ئەلدىن ئۆزىگە ،

  • « ۋەتەن » چۈشەنچىىسى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ھەرخىل مەنىلەردە بۇلۇپ كەلدى . ئۇ كىيىنچە ھۆكۈمرانلىق  سەلتىنەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرى دەخلىسىز بولغان دۆلەتلەر ياكى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرخىل خەلىقلەر ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق رىشتە سۈپىتىدە تەكىتلەندى . شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى شۇ نەرسىنى ئىتىراپ قىلىدۇكى ، « ۋەتەن » ئىككى قاتلاملىق مەنىدىكى ئېتىنوگىيىلىك تامغا ۋە ئاڭدۇر . بىرىنچى ، ھەربىر كىشىنىڭ ئوز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان – جۇغراپىيىلىك چەمبىرىكىدۇر .  بۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ، تارىخىي جۇغراپىيىلىك ، رىئال – ئىجدىمائىي جۇغراپىيىلىك ماكان چەمبىرى بۇلۇپ ، « ۋەتەن » كاتىگورىيىسىنىڭ تاشقى شەرتىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ ماكان چەمبىرىدە كۆز يۇرىتىدۇ .

  • تارىخ ئالدى بىلەن ئىنسانىيەت ھاياتلىق  كۈرەشلىرى تارىخ بۇلۇشى بىلەن بىللە ، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش تارىخدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنى تاكى يېزىق بىلەن ئىپادىلىگۈچە بولغان ئۇزاق زامانلار داۋامىدا تاش ، يېزىق ۋە مىتالدىن ، كاش ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، جۈملىدىن ئەڭ ئىپتىدائىي ئىتقاد ۋە سەنئەت يادىكارلىقلىرىغا « يېزىپ » قالدۇرغان  .

             مەلۇمكى ، ئىنسان ئۇچۇر قالدۇرغۇچى زاتتۇر . ئەگەر بىز ، يېزىقنى ئۇچۇر دەپ قارىغىنىمىزدا ، ئۇچۇرنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئەگەر ئۇ ساقلىنىپ قالغان بولسا ، ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ بىۋاستە ، بىرىنچى قۇل ، ئەمەلىي ۋە كونكىرىت چۆكمىلىرى ھەرقانداق تارىىچىنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ ھەرىپ بىلەن يازغان تارىخىدىن چىنراق ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە . بۇ ھەقتە بىز مۇنداق قارايمىز :

  •   ئەرەب خەلىپىلىكلىرى توپلىغان كالىندارچىلىق ،ماتىماتىكا ۋە تىبابەتچىلىك ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، مائارىپى ۋە ئىلىم-پېنىنى يىڭى ئۇچۇر ۋە سەۋىيە بىلەن بىزەندۈردى . ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق گرېك-رىم ، ئىسكەندەرىيە ۋە مىسىر ، سۈرىيە ئىران ۋە ھىندىستان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن قايتا تۇنۇشتى . قەمەرىيە كالىندارى ، ھەندەسە ۋە ئالجەبىر ( گېئومېتىريە ۋە ئالگېبرا ) ماتىماتىكىلىرى ، خارس ئىبىن كەلىدا ، ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زەكارىيە ئەررازى قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ تىبابەتچىلىكى ئۇيغۇر جەمىئىيىتى ۋە ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى . ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئارستوتىل ، ئەپلاتون ، بەقرات ، ئوقدىلوس قاتارلىق قەدىمكى گرېك مۇئەللىپىلىرى بىلەن تۇنۇشتى . ئۇيغۇرلار ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى ۋە گرېك-باكتىرىيە دۆلىتى داۋام قىلغان قەدىمكى زامانلاردىلا گرېك ئاپتورلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تۇنۇشقانىدى .

  •   ئىسلام دىنى گەرچە باشتىلا بىرخىل مەدەنىيەت شەكلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ ، ئابباسىيە خەلىپىلىكى   دەۋرىدە يۈزبەرگەن « شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى » ئارقىلىق 9-12 ئەسىرلەر ئىچىدە يېپيىڭى بىرخىل دۇنياۋى تارىخى خاراكتىرلىق مەدەنىيەت تىپىنى « ئىسلام مەدەنىيىتى » نى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى . بۇنداق مەدەنىيەت نۇقۇل ئىسلام ئېتىقادچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان دىنى مەدەنىيەتتىن تاشقىرى ، يەنە ئىسلام قانۇنچىلىقى ، ئىسلام ئەدەبىياتى ، ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى ، ئىسلام مەدەنىيىتى تەركىبىدىكى پەلسەپە ، تىبابەتچىلىك ۋە تەبىئەت ئىلىملىرى ، كالىندارچىلىق قاتارلىلق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىجتىمائى مەدەنىيەت سىستىمىسىدىن ئىبارەت بولدى . ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنى ياكى تارىخى ئالاھىدىلىكلەردىن تاشقىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۇمۇمى مۇۋەپپىقىيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتتى . ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى مىلياردلىغان كىشى قەلبىنى ، تۇرمۇش يوسۇنلىرىنى ئۈزىگە مۇنداق جەل قىلمىغان بۇلاتتى .

  •  1.    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئاتا-بوۋىلىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى بوستان ۋە يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ ، پەرغانە ۋە يەتتە سۇ ، ئورخۇن ۋە سېلىنگا ئەتراپىدا ياشىغان . ئوغۇزخان ، ئاپراسياپ ، بۆكۈخان ۋە بۇغراخان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ۋارسلىق قىلىشقان خانلىق قىلىشقان خانلىق جەمەتى ياغلاقار -ياغما قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان . ئون ئۇيغۇر ، شەرقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەشكىل قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى غۇلاپ ، ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا ، ئادىز ، ياغما قەبىلىلىرى خانلىق جەمەتىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئۇيغۇر -غەربى ئۇيغۇرلار بېشبالىق -ئىدىقۇت ئارسلان خانلىقى ، قەشقەر-قۇز ئوردا بۇغرا قاراخانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىكخانلىقىنى تەشكىل قىلىپ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مەشھۇر يىپەك يۇلى ئالاقىلىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل تارىخى شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىگە كۈرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان .

  •  دەۋرىمىزدىكى كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى ، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى . ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن . دەرۋەقە ، << كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ >> ، ئەمما كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش ، بۇ مۇھىم ماھارەت .
    كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە ئەسلى مەنبە ، ئاساسىي نەزەرىيە ، مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن ، بەلكى تارماقلاتما ، يەشمە ، ۋەقە بايان ، ئىچ پۇشۇقى ، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى . بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئېيتىش كېرەككى ، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن ، ھەقىقىي ئالىملارمۇ ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس .

  •      ئىنسان _ ئۇچۇر سۇبيېكتى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي ھايۋان . ئۇ ، ئوزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس ، يەنە زامان ، ماكان خاراكتېرلىك تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە .
          كىتاب _ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاب سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش - سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ھەر خىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ، تامغا - بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن ، ماقال - تەمسىل ، ئەپسانە - رىۋايەت ، مەسەل - چۆچەك ، ناخشا - قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى ئۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاب شەكلىگە كىرمىگەن << كىتاب >>تىن ئىبارەت

  • چەرچەن(且末) دۆلىتى .  < خەننامە ، غەرىبىي يۇرۇت تەزكىرىسى >دە چەرچەن دۆلىتىنىڭ خانلىق قەلئەسى چەرچەن شەھەرى دىيىلگەن .بۇ ئىسىم ھازىرغىچە ساقلانغان بۇلۇپ ،<ۋىيننامە > ، < سۈينامە >، <جەنۇبىي سۇلالىلەر تارىخى >، < شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى >ۋە < تاڭنامە > قاتارلىق مەنبەلەردە بىردەك چەرچەن < چېمو > دەپ يېزىلغان .<دىۋانۇ لوغىتىت تۈرۈك > دە <جۇرچەن  >دەپ يېزىلىپ چنىغا بارىدىغان يولدىكى شەھەر ، دەپ ئىزاھلانغان  .بۇ <جۇرچىن >دىگەنلىك بۇلىدۇ .< ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەرىپكە ساياھەت خاتىرىسى >ناملىق كىتاپتا چەرچەرن يېنىدىكى چىم تانا (折摩驮那)قەلئەسى تىلغا ئېلىنغان .شۈەنزاڭنىڭ خەۋەر بىرىشىچە : چىمتانا قەلئەلىرى قەد كۈتۈرۈرپ تۇرسىمۇ ،ئادەم ۋە تۇرخۇن تۈتۈەكلىرىدىن ئەسەر قالمىغان تاشلاندۇق شەھەر ، دىيىلىدۇ .شۈەنزاڭ چىمتانانى خوتەن بىلەن لوپنۇر ئارىسىدا دەپ ئىزاھلىغان

  •    ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﺎﻥ ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻰﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﺴﻰ ، ﭘﺎﺳﯩﺒﺎﻧﻰ ، ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﻫﯩﻴﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﯩﺒﯩﺮ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ، ﻛﯜﭺ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻖ ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ، ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﻳﺪﯗ . ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ.ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻏﺎ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﭘﯩﺸﯟﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﯖﻰ ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﯓ ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ < ﺋﻪﻗﯩﻞ > ، < ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ > ، < ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ > ﺗﯧﮕﻰ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﻛﻮﺭﯨﺪﻩﻙ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .

باشقۇرۇشقا كىرىش